نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > ھۆججەتلەر > باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ھۆججەتلىرى

باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، سائەت13:12    كۆرۈش :  

 

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕41 – نومۇرلۇق

 

باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا:

«باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى»، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىڭلار.

 

                              

   2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى

 

 

باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى

 

«3.31» ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق قەرەللىك يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىلىق تۈزەش ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش ئۈچۈن، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت قۇرۇلۇش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، باي ناھىيەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ۋىلايەتنىڭ «نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيەمىز تەۋەسىدە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزدۇق.

1. مەخسۇس تۈزەش ۋاقتى، دائىرىسى ۋە نىشان

1) مەخسۇس تۈزەش ۋاقتى. 4 – ئاينىڭ 1 – كۈندىن 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە، 3 ئاي ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش.

2) مەخسۇس تۈزەش ۋاقتى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش دائىرىسى بارلىق كەسپىي ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇقتىلىق قىلىپ: تاشيول (سۇ ئۈستى) قاتنىشى، ئوت مۇداپىئە، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم، شەھەردىكى تەبئىي گاز، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرى ۋە ئاسان پارتلايدىغان (زەھەر ھاسىل بولىدىغان) بۇيۇملار، قۇرۇلۇش، ئالاھىدە ئۈسكۈنە، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا، نېفىت – گاز توشۇش تۇرۇبىسى، ساياھەت قاتارلىق 12 نۇقتىلىق ساھەلەردىن ئىبارەت. 

3) مەخسۇس تۈزەش نىشانى: مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق  كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سوبىكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، تارماقلارنىڭ كارخانىلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە ۋەقەدىن مۇداپىئەلىنىپ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيىسى ۋە ساھەلەرنىڭ پۈتۈن بىخەتەرلىك سەۋىيىسىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك يوشۇرۇن خەۋپ ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقەتەن تۈزىتىش، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋەقەسىنى چەكلەش، نۇقتىلىق ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلاش، بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن ئاساس سېلىش.

2. تەشكىلى رەھبەرلىك

نۇقتىلىق ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىك نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دەيمىز) قۇرۇشىنى قارار قىلدى، رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە:

گۇرۇپپا باشلىقى:

لۇتپۇللا ھەبىبۇللا                                      ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى

مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى:

جاڭ رۈندې                    ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم

چېن خوڭ                                                                    مۇئاۋىن ھاكىم

خې كې                                           مۇئاۋىن ھاكىم، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

ساتتار سۇپۇل                                                                 مۇئاۋىن ھاكىم 

جاڭ زۈنگاڭ                                                                   مۇئاۋىن ھاكىم

  جىيەڭ جىياچىياڭ             سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

ۋاڭ جوڭخۇا    ئېغىر خىمىيە سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى

ئەزالىرى:

شىن يى        بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ياڭ تىيەنجۈن                كۆمۈرچىلىك ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

تۇرسۇن تۇراۋدۇن           زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،  باشلىقى

لىيۇ جىجوڭ        تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

شۈ جىيەنلوڭ                              سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى

چېن جىنسۈن        قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

دۈەن ۋېنفېڭ        سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى

ئەھەت بەكرى              س س م ب ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

جاڭ خوڭجۈن         سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

تۇرسۇن ھەسەن        يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ياۋ يۈەن           يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى

جاۋ پېڭ               مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

لىيۇ دوڭ                                                       ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

يۈ جې                             مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

تىيەن ئەنپىڭ     تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

ئېزىز تۇنياز       ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش  ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

ۋېي  بو                                                تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

لىيۇ شۆچۈەن            ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى

لى دېسەن                   دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ئەركىن ئىبراھىم    چارۋا – مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

تۇرسۇن مۇسا        مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

لى خۇەن                  مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ئەسقەر ئەمەت                ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ۋۇ چىڭسى                خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى

جىڭ چىيەن                                نېفىتلىك رايونىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

دولقۇن رۇزى                      ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى

ۋۇ ۋاڭتاۋ                          تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

مۇ جىنبىڭ                                                 ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

فەن گوجۈن                                                 مېتورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

جوۋ ۋېنشېڭ                               تاشيول مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

شى يوڭشۆ                                         تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

شى تاۋفېڭ                               ج خ ئىدارىسى ئوت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى

شۇ شىياڭشۈن                           ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى

لى لىياڭ                                                 توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل رەھبەرلىرى.

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىندى، ئىشخانا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىدا بولۇپ، ئىشخانىنىڭ مۇدىرلىقىنى مۇئاۋىن ھاكىم چېن خوڭ قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يولداش شىن يى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، خىزمەتچى خادىملار ئەزا ئورۇندىن ئاجرىتىلىدۇ، كونكرېت قىلىپ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە كۈندىلىك خىزمەتكە مەسئۇل بولىدۇ.

3. مەخسۇس تۈزەش مەزمۇنى ۋە مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى        

نۆۋەتتە، ھاۋارايىنىڭ تەدرىجىي ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى تۈرلۈك كان – كارخانىلار ئارقا – ئارقىدىن قايتا ئىشقا كىرىشىپ، كىشىلەر ئېقىمى، ماشىنا ئوبوروتى،  ماددىي - ئەشيا ئوبوروتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ناھىيەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ توسۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال -  مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1) تاشيول قاتنىشىنى مەخسۇس تۈزەش. «باي ناھىيەسىدە تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»  (باي ھۆكۈمەت ئىشخانا〔2016〕14 – نومۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق بۆلەك، خەتەرلىك يول بۆلىكى ۋە يول يۈزىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش، تۈرلۈك قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا قاتتىق زەربە بېرىش. (مەسئۇل ئورۇن: قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسى، ج خ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى، تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى، تاشيول مەمۇرىيىتى ( دېڭىز ئىشلىرى)نى باشقۇرۇش ئىدارىسى، تاشيول شۆبە ئىدارىسى، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار).

2) ئوت مۇداپىئەسىنى مەخسۇس تۈزەش: ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى دائىرىلەپ باشقۇرۇش، نوپۇس بويىچە باشقۇرۇش، ئادەملەر كۆپ توپلاشقان سورۇن، ئېگىز بىنا ۋە يەر ئاستى قۇرۇلۇش شۇنداقلا ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش. «بورانلىق كۈنلەردە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش»، «چوڭ تىپتىكى سودا سارايلاردا ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئادەملەر كۆپ توپلاشقان سورۇن ۋە نۇقتىلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئورۇنلاردىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نۇقتىلىق قىلىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن، سورۇننىڭ ئىشلىتىشچانلىقلىقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تاقاپ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇش قاتارلىق ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، دەرھال تۈزەشكە بولىدىغانلىرىنى نەق مەيداندا تۈزىتىش، دەرھال ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە توختىتىپ تۈزىتىش. (مەسئۇل ئورۇن: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار).

3) كۆمۈر كاننى مەخسۇس تۈزەش. «كۆمۈر كان باشلىقىنىڭ كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى يەتتە تۈرلۈك بەلگىلىمە» (گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 58 – نومۇرلۇق پەرمانى) ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ كان قۇدۇقىنى رەتكە سېلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش، يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش. يۇقىرى بېسىملىق گاز كان قۇدۇقىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، كۆمۈر ۋە گاز كۆپ بولغان كان قۇدۇقى شۇنداقلا سۇ ئاپىتى، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەت ئېغىر بولغان كان قۇدۇقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، كۆمۈركان كارخانىلىرى تەۋەلىكى ۋە قىسمەن «ئىككى تۆت بىر گەۋدە» بولۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇيۇقسىز زەربىدىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سۇ ئاپىتى، تەبئىي ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبئىي ئاپەتتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش. (مەسئۇل ئورۇن: كۆمۈرچىلىك ئىدارىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى).

4) كۆمۈركاندىن باشقا كانلارنى مەخسۇس تۈزەش. كۆمۈر كاندىن باشقا كان – كارخانىلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش قىيىن بولغان ئىشنى يىغىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ئۆتكىلى، قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشتىن ئۆتمىگەن كارخانىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش باشلاپ تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى چەكلەش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆمۈركاندىن باشقا كانلارنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش.(مەسئۇل ئورۇن: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى).

5) خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم ۋە پوجاڭزا، سالىيوتنى مەخسۇس تۈزەش. خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، سېتىش، توشۇش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرى ۋە تور نۇقتىسىنى قانۇن بويىچە مەنئىي قىلىش. پوجاڭزا، سالىيوت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پوجاڭزا، سالىيوتنى قانۇنسىز ساقلاش، سېتىش، توشۇش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش ۋە مەنئىي قىلىش لازىم.( مەسئۇل ئورۇن: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى، سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى، قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، س س م ب ئىدارىسى، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى).

6) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى مەخسۇس تۈزەش: بېسىملىق قاچا (گاز باكى)، لېفىت، كىرانلىق ماشىنا، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، لېفىت، ئاددىي يۈك توشۇيدىغان لېفىت، ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭى ۋە تۈرلۈك بېسىملىق قاچىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش، بېسىملىق قاچىنىڭ پارتىلاپ كېتىشى، زەھەرلىك ماددىنىڭ چىقىپ كېتىشى، لېفىت چۈشۈپ كېتىش، شۇنداقلا كىرانلىق ماشىنىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (مەسئۇل ئورۇن: سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ساياھەت ئىدارىسى، ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا مەسئۇل تارماق).

7) قۇرۇلۇشنى مەخسۇس تۈزەش. قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆددىگە بەرگەن، ھۆددىگە ئالغان، بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغان ۋە لايىھە بولمىغان قۇرۇلۇش قاتارلىق قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، نەق مەيداننى باشقۇرۇش تەرتىپى قالايمىقان، مەسىلە گەۋدىلىك، يوشۇرۇن خەۋپ ئېغىر بولغانلارنى ئىش مەيداندىلا ئىش توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ رەتكە سېلىش، نۇقتىلىق قىلىپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، يۇقىرى بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىش، كىرانلىق ماشىنىنى قۇراشتۇرۇش – چۇۋۇش مەشغۇلاتى قاتارلىقلاردا ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (مەسئۇل ئورۇن: تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى، قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسى (تاشيول قۇرۇلۇشى)، سۇ ئىدارىسى(سۇ قۇرۇلۇشى)، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار).

8) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش. ئېتىز يوللىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقى ۋە قېتىم سانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «قانۇنسىز ماشىنىنى كىنىشكىسىز ھەيدەش»، قانۇنسىز ئادەم توشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش. ئەتىياز پەسىللىك تېرىلغۇ ۋاقتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋاستىسىدا تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاشيول قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (مەسئۇل ئورۇن: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى، ج خ قاتناش چوڭ ئەترىتى، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار).

 9) نېفىت – گاز توشۇش تۇرۇبا لىنىيەسىنى مەخسۇس تۈزەش. تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش تەدبىرى ۋە لايىھەسىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە نېفىت – گاز توشۇش تۇرۇبىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشتە ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، كونا نېفىت تۇرۇبىسى، تاشيولدىكى تۇرۇبا لىنيەسى ۋە تاشيول بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان نېفىت – گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، تۇرۇبىنى بېسىش ۋە بىخەتەرلىك ئارىلىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش. (مەسئۇل ئورۇن: تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، نېفىتلىك رايونىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى).

10) شەھەردىكى تەبئىي گازىنى مەخسۇس تۈزەش. شەھەردىكى تۇرۇبا تورى (گاز، ئىسسىقلىق، سۇ تەمىنلەش) قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، تۇرۇبا تورىنىڭ بېسىلىپ كېتىش ۋە بىخەتەرلىك ئارىلىقىنىڭ يېتەرسىز بۇلىشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش. ئۆيگە كىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەبئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. (مەسئۇل ئورۇن: تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ج خ ئوت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى).

 11) خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش. قانۇن بويىچە «خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»، ج خ مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان « خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە قوغداش تەلىپى»، «كىچىك تىپتىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «پارتىلىتىش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش  يېتەكچى پىرىنسىپ»نىڭ تەلىپى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قوغداش توشۇشنى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ «خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش.(مەسئۇل ئورۇن: سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ج خ ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى، كۆمۈرچىلىك ئىدارىسى، سۇ ئىدارىسى، نېفىتلىك رايونىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى).

12) ساياھەتچىلىك كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش. ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىسىدا تۈرلۈك بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتمىگەنلىرىنى بىردەك ئىشلەتمەسلىك، خەتىرى بولغان ساياھەت تۈرىگە قارىتا جەزمەن قاتتىق بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرىنى تۈزۈش لازىم. (مەسئۇل ئورۇن: ساياھەت ئىدارىسى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى، ج خ ئوت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى).

13) باشقا نۇقتىلىق ساھەلەر شۇ كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان تۈزەش تەدبىرىنى تۈزۈپ، مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى لازىم.

4. خىزمەت تەلىپى

1) تەشكىلى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، لايىھەنى مۇكەممەل تۈزۈش لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر تونۇپ تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە چەكلەپ، ناھىيەمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تەشكىلى رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «قانداق مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش  قانداق مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «باي ناھىيەسىنىڭ 2016 – يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى مەخسۇس تۈزەش ئومۇمىي گەۋدىسىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى»گە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك، نۇقتىلىق، مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ، باسقۇچقا ئايرىپ تۈزەشنىڭ كونكرېت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەدبىر ۋە خىزمەت سۈرئىتى قاتارلىقلار ھەم ئادەم كۈچى، ماددىي – ئەشيا، مالىيە كۈچى قاتارلىق تەرەپلەردە كاپالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تۈزەشكە تىرىشىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ مەسىلە بولغان يوشۇرۇن خەۋپ ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش لازىم.

2) تۆتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ خىزمەت لايىھەسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «پارتىيە –ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بۇلۇش، بىر ئىش ئورنىدا ئىككى خىل مەسئۇلىيەت بۇلۇش» مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئورنىتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «بەش دەرىجە بويىچە بەشنى قاپلاش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بەشنى جايدا ئىشلەش»نى ئۆز - ئارا بىرلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىلەن «قانۇنسىزلىرىغا زەربە بېرىپ قانۇنغا خىلاپلىرىنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈش، كۈندىلىك تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش، نۇقتىلىقلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق ۋاقىت، بارلىق ھالقىلارنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە شەرتىنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت قۇرۇلۇشىغا قاتتىق زەربە بېرىش، تۈرلۈك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش لازىم.

3) ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار سۇبىكىتلىق ئىدىيەسى ۋە ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش، ئاكتىپ ماسلىشىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىش، ۋاقتىدا ئالاقىلشىپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇنۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنىكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا توپلاش، ۋاقتىدا بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە بايقالغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت قەرەللىك ھالدا ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشى، تونۇشى جايدا بولمىغان، تولۇق تۈزەتمىگەن، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىغان يېزا، بازار (مەيدان)، تارماقلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىشى، مەخسۇس تۈزەش ۋاقتىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت ۋەقەسى بايقالغان (ياكى تەسىرى زور بولغان مەسئۇلىيەت ۋەقەسى) ئورۇن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتە قىلىش لازىم.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈندىن بۇرۇن ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا يوللاش، مەخسۇس تۈزەش خىزمەت ئومۇمىي خۇلاسىسىنى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈندىن بۇرۇن ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا يوللاش لازىم. مەخسۇس تۈزەش ۋاقتىدا، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ياخشى تەجرىبىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا قىسقا خەۋەر (ئۇچۇر) شەكلىدە ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا يوللاش لازىم. 

ئالاقىلاشقۇچى: تاڭ يىنكې

ئالاقىلىشىش تېلېفونى (فاكس): 8693132

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号