نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

باھاردەك ئانام

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ، سائەت11:32    كۆرۈش :  

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

 

     ئانا، سەن ماڭا ياشارغان ھاياتنىڭ ھىدىنى، باھارنىڭ ئارامىجان مەيىن شامىلىنى ئېلىپ كېلىدىغان، تۆت پەسلىمگە ئوخشاشلا باھار سۇنۇپ، زىنىخلىرىمغا باھار چېچەكلىرىدەك تاتلىق كۈلكە قوندۇرىدىغان پەرىشتە. مەن سەندە بىخ يارغان نوتا، باغرىڭدا ئېچىلغان تۆتقۇلاق.

   سەن بىلەن باشلانغان ھەربىر كۈنۈم باھار قۇشلىرىنىڭ سۆيگۈدەك ئۇلۇغ، تاغلاردەك زەبەردەس، باغلاردەك ئەۋرىشىم كۈيلىرىگە چىلىشىپ ئاپئاق تىلەكلىرىڭ بەرگىدە شەپەقتەك چوغلىنىدۇ. سېنىڭ تاراملاپ باغرىمغا ئۈنسىز ئاقىدىغان مېھرىڭ، ئۈمىد، ئىشەنچ نۇرلىرى پارلاپ تۇرىدىغان چېھرىڭ رېئاللىقىمنى مول مەنىگە، قەدەملىرىمنى ئەتىگە باشلاپ، ئادىمىيلىكىمگە تاج بولدى. چوڭقۇر ھېكمەتكە تويۇنغان ئۈگۈتلىرىڭ دىلىستانىمغا ئىرادە مۇنارىنى تىكلىدى. قەلبىمگە ئېتىقاد، ئەقىدىنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرىنى يازىدىغان ھەممىگە بەرداش ئالەمچە مۇھەببەتكە ئۇۋا بولغان يۈرىكىڭدىكى گۈلخانلار مېنى سېھىرلىدى، مەن ۋۇجۇد پايانىڭدا يېنىۋاتقان ئوتلارنى يۈرىكىمگە كۆچۈرۈپ، خۇددى سېنىڭدەكلا گۈلخانغا ئايلاندۇردۇم، ئۇنىڭ تەپتىدە قىزلىق، ئاياللىق، ئانىلىق غۇنچىلىرىم قات – قېتىدىن ئېچىلىپ، مېنى سۆيۈش – سۆيۈلۈشنىڭ، قەدىرلىنىش – ئەتىۋارلىنىشنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغۇزدى. ئەقىدە ئىخلاسىمنىڭ مەزمۇت شېخىدا خۇشال سايراۋاتقان ئىككى ئوماق قۇشۇم، ماڭا مۇڭلۇق ئەتىرگۈلنىڭ نەمخۇش ھىدىدەك بىباھا تۇيغۇلارنى سۇنۇپ، ۋاپا – ئەقىدە بىلەن تۈگەللەنگەن نىكاھنىڭ ئىزگۈ جەريانلىرىدىن ئەڭ گۈزەل سۆيگۈ قىسسىسىنىڭ يارىلىدىغانلىقىنى تونۇتقان ئۆمۈردىشىم مېنى باھارغا ئوخشىتىپ قەلبىمىزگە، ئۆيىمىزگە باھار تۇغقان پەرىشتە دېيىشىدۇ. مەن بۇنداق كاتتا نامغا سېنىڭ يىللار ئۆتسىمۇ، قۇملار كۆچسىمۇ ئۆچمەيدىغان ئىزلىرىڭدىن، ئانىلىق مۇھەببەتنىڭ غەيۇر سىيماسى بالقىپ تۇرىدىغان باھاردەك ئىللىق باغرىڭدىن تامغان ئوغۇز سۈتۈڭدىن، مىننەت – تەمەدىن يىراق پەرۋىشىڭدە كۆكلىگەن ئەقىدە گۈللىرىڭنىڭ روھ پايانىمغا سىڭگەن خۇش ھىدلىرى تاراتقان سۆيگۈڭ رىشتىدىن تاپقان، شۇڭا ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاشلا چىرايلىق، ھېچ يېرىدە ئېۋىنى يوق، مېھرى بىپايان سەندەك باھار ئانامنى قەلبىمگە، قەلىمىمگە سىزىپ، شېئىرلىرىمدا ئۆركەشلىتىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر لاۋۇلداپ كېلىۋاتقان، يۈرىكىڭگە ئەڭ چىرايلىق ساماۋى مۇھەببەتنى يازىمەن.

   ئوخشىشى يوق، تەڭدىشى يوق ئۇلۇغلۇققا شاھ بولالايدىغان پەزلى كامالىڭنى، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالالايدىغان توزىماس روھىڭنى، كۇللى مەدھىيەلەر ئازلىق قىلىدىغان مېھرىڭنى ئانىلىقىمدا چاقنىتىمەن.

   گۈللەرنىڭ تەبەسسۇمىدا، ياپراقلارنىڭ شىۋىرلىشىدا جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان ئانىلىق خىسلىتىڭ، بېشى گۈل بىلەن ئاخىرى باھار بىلەن ئاتىلىدىغان ‹‹گۈلباھار›› دېگەن چىرايلىق ئىسمىڭ يۈرىكىمگە باھارنىڭ ئەبەدىيلىك كارتىنىسىنى سىزغاندەك، مەنمۇ سېنىڭ تىمسالىڭدا، گۈزەللىك پايانىدا باھاردەك چاقنايمەن، سېنى روھىمغا بايراق قىلىپ قادايمەن. باھاردەك ئانام، مەندىن كۈتكەن تىلەكلىرىڭ تېخىمۇ پەر قېقىپ مۇراد بوستانىدا ئەبەدىي چېچەكلىگەي...

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号