نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : مەخسۇس سەھىپە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى پائالىيىتى داۋامىدا 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى چوقۇم بىردىن- بىردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، ھەقىقىي ئىشلەپ ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت11:59    كۆرۈش :  

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى پائالىيىتى داۋامىدا 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى چوقۇم بىردىن- بىردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، ھەقىقىي ئىشلەپ ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
21-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كارخانا، بازار قاتارلىق يۈز ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئائىت يۈرۈشلۈك يېڭى ئىدىيىسى، يېڭى ئۇقۇمى، يېڭى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز قارمىقىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك يۈز سورۇندا لېكسىيە سۆزلەش شەكلى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، كونكرت خىزمەت تەدبىرلىرىنى خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇردى.
      ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بەيگە مەيدانى شىمالىي ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پائالىيەت زالى21-ئاپرېل بەيگە مەيدانى تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مۇئاۋىن مۇدىر نۇرگۈل كېرەم كۆپچىلىككە جانلىق مىساللار، ئەمەلى ئىشلار ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىۋاتقان ئىدى.
      نۇرگۈلنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ كۆپچىلىكمۇ بەس بەستە پىكىر بايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزلىرىدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلايدىغانلىقى، ئىناقلىقنى ئۆز كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74- باشلانغۇچ مەكتەپ دەل بەيگە مەيدانى شىمالىي ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىدىلا بولۇپ، بۈگۈن بۇ مەكتەپتىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئوقۇغۇچىلار قوش تىلدا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش، ماقالە ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پائالىيەت مەزمۇنىنى بىيىتتى.

 

 

 

 

 

 

 

مەنبەسى:جوڭگو  رادىيو-تېلىۋېزىيە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号