نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > قانۇن نىزاملار

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت13:13    كۆرۈش :  

(2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(13 – نومۇرلۇق)

     ‹‹ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10– يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›› غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1. 3 – ماددىسى: ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەرلىكنى 1– ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلى، ئىشچى– خىزمەتچىلىرى قاتناشقان، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ساھە تەلەپچانلىقى يولغا قويۇلغان ۋە جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    2. 4 – ماددىسى: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    3. 7 – ماددىسى: ‹‹ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى– خىزمەتچىلەرنى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتناشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قائىدە – تۈزۈملەرنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىشتە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    4. 8 – ماددىسى: ‹‹گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانى شەھەر– يېزا پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

    گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ساقلانغان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى، ھەل قىلىشى كېرەك.

    يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك كوچا باشقارمىسى، تەرەققىيات رايونىنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    5. 9 – ماددىسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار كەسىپ، ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان تارمىقى بىردەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق دېيىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    6. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 12– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئالاقىدار جەمئىيەت – تەشكىلاتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۇچۇر، تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، تەلەپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    7 . 12 – ماددا 13– ماددا قىلىنىپ: ‹‹قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كەسىپكارلىق مىزانىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتقا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    8. 17 – ماددا 18 – ماددا قىلىنىپ، بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (3) تارماقچىسى قىلىنىپ: ‹‹(3) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش؛›› دەپ بەلگىلەندى.

    9.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 19– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل خادىمى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ۋە باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مۇناسىپ مېخانىزم بەرپا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    10. 18 – ماددا 20– ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2– تارمىقى قىلىنىپ: ‹‹ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىشى ۋە ئىشلىتىشى، ئۇنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاشقىلا ئىشلىتىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى تەننەرخكە كىرگۈزۈپ ئەينەن چىقىم قىلىشى كېرەك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن تۈزىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    11. 19 – ماددا 21 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى، يول– تىرانسپورت ئورۇنلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك.

    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن كەسىپكارلىرى 100 دىن ئاشىدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قۇرۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك؛ كەسىپكارلىرى 100 گە يەتمەيدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويۇشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    12. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 22– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

    (1) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈمى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تەييارلاشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ؛

    (2) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلەيدۇ؛

    (3) شۇ ئورۇننىڭ زور خەۋپ – خەتەر مەنبەسىنى بىخەتەر باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛

    (4) شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مانېۋىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ؛

    (5) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ؛

    (6) قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلىش، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاش، مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توسىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ؛ (7) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.››دەپ بەلگىلەندى.

    13. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 23– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تەدبىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ مائاشى، پاراۋانلىقى قاتارلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلەتسە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

    خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇشتا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەسئۇل تارماققا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    14. 20 – ماددا 24 – ماددا قىلىنىپ، 2 – تارمىقى: ‹‹خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار ۋە كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى، يول– تىرانسپورت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەسئۇل تارماقنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. سىناققا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3 – تارمىقى قىلىنىپ: ‹‹خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش ئورۇنلىرىدا رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك. باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرىنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرى كەسىپ بويىچە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    15. 21 – ماددا 25 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ھازىرلىشىغا، ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە، ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىشىگە، ئۆزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان كەسىپكارلارنىڭ شۇ ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكەندە، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى شۇ ئورۇننىڭ كەسىپكارلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇن ئەۋەتكەن ئەمگەكچىنى زۆرۈر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىراكتىكا قىلىشقا قوبۇل قىلىشتا، پىراكتىكانتلارنى مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، زۆرۈر ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ پىراكتىكانتلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋاقتى، مەزمۇنى، قاتناشقۇچىلار ھەمدە باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    16. 25 – ماددا 29– ماددا قىلىنىپ: ‹‹كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەرلىكنى باھالاش كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    17. 27 – ماددا 31– ماددا قىلىنىپ: ‹‹كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت.

    كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيىتى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    18. 30 – ماددا 34– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلىتىدىغان خەتەرلىك بۇيۇم قاچىسى، توشۇش قوراللىرى شۇنىڭدەك جىسمانىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق دېڭىز– ئوكياندا نېفىت ئېچىش ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى ۋە كان قۇدۇق ئاستى ئالاھىدە ئۈسكۈنىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ئورۇن ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئۇ كەسپىي ساپا ھازىرلىغان ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى شەرت، بىخەتەر ئىشلىتىش كىنىشكىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۆلچەش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    19. 31 – ماددا 35– ماددا قىلىنىپ: ‹‹دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇندەرىجە چىقىرىشقا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كونكرېت مۇندەرىجىنى شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەر شاللىۋېتىلىدۇ.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان شاللىۋېتىلگەن ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    20.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 38– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك. ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەمدە كەسىپكارلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلىرى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    21. 35 – ماددا 40– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن باشقا خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىشتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    22. 38 – ماددا 43– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتە بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلالمىغانلىرىنى شۇ ئورۇنننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈشتە بايقالغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇللار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا مەلۇم قىلىشى، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    23 . 41 – ماددا 46– ماددا قىلىنىپ، 2– تارمىقى: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنىنى باشقا ئورۇنغا ھۆددە بېرىش ياكى ئىجارە بېرىشتە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە ئالغۇچى، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەخسۇس كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى ھۆددە توختامى، ئىجارە توختامىدا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈشۈشى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، باشقۇرۇشى، بىخەتەرلىكنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بايقالسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك›› دەپ تۈزىتىلدى.

    24. 43 – ماددا 48– ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2– تارمىقى قىلىنىپ: ‹‹دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    25. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 58– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلەتسە، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپكارلارنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپكارلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    26. 53 – ماددا 59– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنى مەسئۇلىيىتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك چوڭ ھادىسىلىرى ئاسان يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈر، دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە بىنائەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، ھادىسە خەۋپىنى بايقىسا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    27. 56 – ماددا 62 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى: ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

    (1) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش؛

    (2) تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلار ئۈستىدە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىش؛

    (3) تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى دەرھال تۈگىتىشكە بۇيرۇش؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن ياكى تۈگىتىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى خەتەرلىك رايوندىن چېكىنىشكە بۇيرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ياكى ئىشلىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا بۇيرۇش؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

    (4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراش ئاساسى بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سايمان شۇنىڭدەك قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەن، تىجارەت قىلغان، توشۇغان خەتەرلىك بۇيۇمنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش، قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەن، تىجارەت قىلغان خەتەرلىك بۇيۇم مەشغۇلات سورۇنىنى پېچەتلەش ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    28. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 67 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھە ياكى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن توختىتىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش قارارىنى قانۇن بويىچە چىقىرىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشى ھەمدە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىش خەۋپى بار بولسا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ئالاقىدار ئورۇنلارغا توك بېرىشنى توختىتىش، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى بېرىشنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا قارارنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك. ئوقتۇرۇش قىلىشتا يازما شەكىلنى قوللىنىشى، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، توك بېرىشنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىشتا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋاللاردىن سىرت، 24 سائەت بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مەمۇرىي قارارنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلغان، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتكەن بولسا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    29. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 75 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۇچۇرىنى ئەينەن خاتىرىلىشى؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىر بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ساھە مەسئۇل تارمىقى، مەبلەغ سېلىش مەسئۇل تارمىقى، زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى، ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپارات شۇنىڭدەك پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار ئاپپاراتنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    30.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 76 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇشىغا، مۇناسىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئەشياسىنى سەپلىشىگە، جىددىي قۇتقۇزۇش كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    31. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 78 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى، ئۇنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى ھەمدە مانېۋىرغا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    32. 69 – ماددا 79 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش تىجارىتى ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرۇشى كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمى كىچىكرەكلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك.

    خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، توشۇش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش تىجارىتى ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش سايمان – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەشيالىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئۇنى دائىم ئاسراپ، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    33. 72 – ماددا 82 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى: ‹‹ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ مەسئۇلى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    2 – تارماق قوشۇلۇپ، 2 –، 3 – تارمىقى قىلىنىپ: ‹‹ھادىسىدە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تارماق ياكى ئورۇن بىر تۇتاش قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىشى، ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە ھادىسىدە قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشى، تالاپەت ۋە مال– مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

    ھادىسىدە قۇتقۇزۇش جەريانىدا، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىتقا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    34. 73 – ماددا 83 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ئىلمىي، ئېھتىياتچان بولۇش، قانۇن– قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئەمەلىي بولۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھادىسە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېنىقلاپ، ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىكى تەجرىبە– ساۋاقىى يەكۈنلەپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ھادىسە جاۋابكارىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى قويۇش كېرەك. ھادىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

    ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    35. 77 – ماددا 87 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (4) تارماقچىسى قىلىنىپ: ‹‹(4) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان تۇرۇپ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق.›› دەپ بەلگىلەندى.

    بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 – تارمىقى قىلىنىپ: ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن سىرت، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    36. 79 – ماددا 89 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹بىخەتەرلىك بويىچە باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلاردىن يالغان ئىسپات بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئايرىم ياكى قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان ئاپپاراتلارنىڭ مۇناسىپ ساپاسى بىكار قىلىنىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    37. 80 – ماددا 90 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىيالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە، كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    38. 81 – ماددا 91 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغانلىرىغا ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈنىدىن ياكى چارە كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ چوڭ، پەۋقۇلئاددە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە جاۋابكارلىقى بارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    39.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 92 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ: (1) ئادەتتىكى ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %30 ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (2) چوڭراق ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %40 ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (3) چوڭ ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %60 ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (4) پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %80 ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    40.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 93 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سالاھىيىتى توختىتىپ قويۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    41. 82 – ماددا 94 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (2) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى، تاشيول تىرانسپورتى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىرى؛ (3) كەسىپكارلار، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى، پىراكتىكانتلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىمىگەن ۋە يېتىشتۈرمىگەن ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئەينەن ئۇقتۇرمىغانلار؛ (4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەنلەر؛ (5) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەن ياكى كەسىپكارلارنى خەۋەلەندۈرمىگەنلەر؛ (6) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزمىگەن ياكى قەرەللىك مانېۋىر ئۆتكۈزمىگەنلەر؛ (7) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلارنى مەخسۇس بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلىمىگەن ھەمدە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلارنى ئىش ئورنىغا قويغانلار.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    42. 83 – ماددا 95 –، 96 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹95 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى قۇرۇلۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (2) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى لايىھەلىمىگەن ياكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشى، ماقۇللىشىغا يوللىمىغانلار؛ (3) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغۇچى ئورۇنلاردىن تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغانلىرى؛ (4) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى.›› ‹‹96 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ، تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) چوڭراق خەتەر ئامىلى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورناتمىغانلار؛ (2) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇشى، ئىشلىتىشى، ئۆلچىمى، ئۆزگەرتىشى ۋە بىراكقا چىقىرىشى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلار؛ (3) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسرىمىغان، رېمونت قىلمىغان ۋە قەرەللىك ئۆلچىمىگەنلەر؛ (4) كەسىپكارلارغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى بەرمىگەنلەر؛ (5) خەتەرلىك بۇيۇم قاچىسى، توشۇش قوراللىرىنى شۇنىڭدەك جىسمانىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان ۋە خەتىرى چوڭراق بولغان دېڭىزدا نېفىت ئېچىش ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى ۋە كان قۇدۇقى ئاستى ئالاھىدە ئۈسكۈنىسىنى كەسپىي ساپاغا ئىگە ئاپپاراتنىڭ ئۆلچىشى، ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزمىگەن، بىخەتەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالماي تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر؛ (6) شاللىۋېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەنلەر.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    43. 84 – ماددا 97 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، توشۇغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەر ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلغانلارغا خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    44 . 85 – ماددا 98 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىشتە ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتمىغان، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار؛ (2) زور خەتەر مەنبەلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزمىغان ياكى باھالاتمىغان، تۈزەتمىگەن ۋە ياكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزمىگەنلەر؛ (3) پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش مەشغۇلاتىدا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن باشقا خەتەرلىك مەشغۇلاتتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس باشقۇرغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلار. (4) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلار.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    45.بىر ماددا قوشۇلۇپ 99 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى دەرھال تۈگىتىشكە ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈگىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىجرا قىلمىغانلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    46. 86 – ماددا 100– ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ياكى مۇناسىپ ساپا ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھۆددە بەرگەن ياكى ئىجارە بەرگەنلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئايرىم ياكى قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولۇپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھۆددە ئالغۇچى ۋە ئىجارە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھۆددە ئالغۇچى ۋە ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى ھۆددە توختامى ۋە ئىجارە توختامىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان ۋە ياكى ھۆددە ئالغان ئورۇن ۋە ئىجارە ئالغان ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرمىغان، باشقۇرمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    47. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 105 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    48. 91 – ماددا 106 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن شۇ ئورۇندا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، دەرھال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمىگەن ياكى ھادىسە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلغان ۋە ياكى قېچىپ كەتكەنلىرىگە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ 60 ىدىن 100 ىگىچە قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قېچىپ كەتكەنلىرىگە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    49. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 109 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، جاۋابكارلىقى بار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ: (1) ئادەتتىكى ھادىسە يۈز بەرسە، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ (2) چوڭراق زور ھادىسە يۈز بەرسە، 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ (3) چوڭ ھادىسە يۈز بەرسە، 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ (4) پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە يۈز بەرسە، 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.›› دەپ بەلگىلەندى.

    50. 94 – ماددا 110– ماددا قىلىنىپ: ‹‹بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە قارار قىلىدۇ؛ تاقىۋېتىش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ؛ توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    51.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 113 – ماددا قىلىنىپ: ‹‹بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئادەتتىكى ھادىسە، چوڭراق ھادىسە، چوڭ ھادىسە، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق ئۆزلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، مۇناسىپ كەسىپ، ساھەدىكى چوڭ ھادىسە خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى چىقىرىشى كېرەك.›› دەپ بەلگىلەندى.

    52.قىسمەن ماددا، تارماقلىرىغا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: (1) 1 – ماددىدىكى ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش›› دېگەن سۆز ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش›› دەپ، ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› دېگەن سۆز ‹‹ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› دەپ تۈزىتىلدى. (2) 2 – ماددىدىكى ‹‹پۇقرالار ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى›› دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە ‹‹ شۇنىڭدەك يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى›› دېگەن سۆز قوشۇلدى. (3) 11 – ماددىدىكى ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش›› دېگەن جۈملە ‹‹پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش›› دەپ تۈزىتىلدى. (4) 23 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ‹‹ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيەتنامىسى ئالغان بولۇشى›› دېگەن جۈملە ‹‹مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن بولۇشى›› دەپ تۈزىتىلدى. (5) 23 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى، 33 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى، 66 –، 76– ماددىلاردىكى ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى›› دېگەن سۆز ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار›› دەپ تۈزىتىلدى. (6) 26 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ‹‹كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرى›› دېگەن جۈملە ‹‹كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى›› دەپ تۈزىتىلدى. (7) 34 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى، 88 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ‹‹يېپىپ قويۇش، ئېتىپ قويۇش›› دېگەن سۆز ‹‹ئېتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش›› دەپ تۈزىتىلدى. (8) 42 – ماددىدىكى ‹‹ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى›› دېگە سۆز ‹‹ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى›› دەپ، 68 – ماددىدىكى ‹‹پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسى›› دېگەن جۈملە ‹‹ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسى›› دەپ تۈزىتىلدى. (9) 43 – ، 44 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى، 48 – ماددىدىكى ‹‹ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى›› دېگەن سۆز ‹‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى›› دەپ تۈزىتىلدى. (10) 3 – بابنىڭ ئىسمى ‹‹كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى›› دەپ تۈزىتىلدى. (11) 54 – ماددىدىكى ‹‹مۇشۇ قانۇننىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق (تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق دېيىلىدۇ)›› دېگەن جۈملە ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق›› دەپ تۈزىتىلدى. (12) 67 – ماددىدىكى ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق – تەربىيەسى›› دېگەن سۆز ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىق– تەربىيەسى›› دەپ تۈزىتىلدى. (13) 70 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى، 71 – ماددا، 92 – ماددىدىكى ‹‹مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەن›› دېگەن سۆز ‹‹كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان›› دەپ تۈزىتىلدى. (14) 77 – ، 78 – ، 92 – ماددىلاردىكى ‹‹مەمۇرىي چارە›› دېگەن سۆز ‹‹چارە›› دەپ تۈزىتىلدى. (15) 87 – ، 88 – ماددىدىكى ‹‹سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ›› دېگەن سۆز ‹‹مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى. (16) 88 – ماددىدىكى ‹‹ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار›› دېگەن سۆز، 90 – ماددىدىكى ‹‹زور ھادىسە پەيدا قىلغانلار›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

    بۇ قارار 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناىسپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

 

 

 

 

 

مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号