نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > دوكىلات

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت13:24    كۆرۈش :  

باي ناھىيەلىك 15 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 6 - يىغىنى ھۆججىتى (15)

 

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

 

باي ناھىيەلىك 15- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 6- يىغىنىدا بېرىلگەن

ئېزىز مەمەت

(2016- يىلى 2- ئاينىڭ 29- كۈنى)

 

ۋەكىللەر، يولداشلار:

مەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

 

2015-يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە

 

2015-يىلى، باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 8-، 10-ئومۇمىي ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ ناھىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قۇيۇپ، «ئالتە يىل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «توققۇز تەرەپتە» كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. پۈتۈن يىلدا ناھىيەمىزنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى؛ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈككە 7 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشتى؛ جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 1 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى؛ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 780 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشتى؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 23 مىڭ 675 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشتى. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10مىڭ 610 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى.

1. يېتەكلەپ تەربىيەلەش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق.

 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش ۋە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» مۇقىملىقىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، زوراۋانلىق–تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش خەلق كۆرۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلدۇق.

­­ــ ــ قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «زەربە بېرىشتە قاتتىق قول بولۇش» تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ قاپقاقنى ئېچىش مەخسۇس جېڭىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاخبارات ئۇچۇرى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوراق قىلىپ چوڭقۇر قېزىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ،جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتۈپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىپ، «17-يانۋار»، «18-سېنتەبىر» زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىنى غەلىبىلىك پاش قىلىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان-تېررورلۇق شايكىسى ۋە پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، بىر تۈركۈم كەنت زومىگەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم قەستلەش دېلولىرىنى پاش قىلىپ، ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ ئەل رايىنى مايىل قىلدۇق.

ــ ــ جەمئىيەت كونترول قىلىپ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق. دائىرە بويىچە دائىملىق چارلاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىچكى قىسىمدىكى بايلىقلارنى ئاكتىپ بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، چارلاش ساقچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قۇيۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانلىقىنى ساقلاش قاراۋۇلخانىسىنى مەركەز قىلغان تورلاشقان چارلاش مۇداپىئە تورىنى قۇردۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. نۇقتىلىق ئامىللارنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق بۇيۇم، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەدىن قول سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانغان تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتتۇق. ج خ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، يېزا، بازاردىكى پونكىت، ئورۇندىن 100 نەپەر كەسپىي ئىشتاتتىكى كادىرلارنى ئىشتاتى بىلەن ج خ ئىدارىسىغا يۆتكىدۇق، ھەر بىر ساقچىخانىدىكى ئادەم 20دىن كام بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە 300 نەپەر ياردەمچى ساقچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، ئاساسى قاتلام ساقچىخانىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي تولۇقلىدۇق. زاۋۇت، كان-كارخانىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھات لايىھەسى ۋە زاۋۇت، كان-كارخانىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، يېزىلاردىكى چارۋا مەيدان ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت، يىراق رايونلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

­­ــ ــ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىقتىدارىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. زەربە بېرىپ تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرى زەربە بېرىپ تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى ئاياللارنى ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، «تۆت پېشقەدەم»لەرنى ئائىلىمۇ-ئائىلە كىرىپ خىزمەت ئىشلەشكە تەشكىللەپ، سىياسەتنى سۆزلەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈردۇق. كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىشتا «ئىككى تەرەپ تۇتۇش، قوش يۆلىنىشلىك باشقۇرۇش» ۋە  «369» خىزمەت ئۇسۇلىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، كورلا شەھىرىدىكى باي نوپۇسىدىكى ئىشلەمچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆچمە نوپۇسقا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ياخشى باشقۇردۇق. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئاكتىپ ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، ئاممىنى ئەرز-تەلىپىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەشكە يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن يىلدا دەسلەپكى ئەرزىيەت دېلولىرىدىن 190 پارچە، 1158 ئادەم قېتىم بېجىرىپ، دېلونى ھەل قىلىش نىسبىتىنى %98.2كە يەتكۈزۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلوسىدىن 95 پارچە 978 ئادەم قېتىم بېجىرىپ، 56 مىليون يۈەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردۇق. مەركەز، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ يولسىز ئەرز قىلىش بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

2. ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەت-دىن خىزمىتىدە يېڭى قەدەم ئالدۇق.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەت-دىن خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

ــ ــ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇردۇق. «قانۇنلۇقنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكىنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارىشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش»تىن ئىبارەت دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسى فاڭجېنى بويىچە، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دىنى پائالىيەت سورۇنىنى رېمونت قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىن ئېھتىياجىنى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، 26 جايدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولمىغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان دىنى پائالىيەت سورۇنىنى قايتا پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈپ 15كە ئىخچاملىدۇق. بىرلەشتۈرۈپ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلمى، مۇۋاپىق، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇلۇش نىشانىغا يەتتۇق. دىنىي زاتلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىش، ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش، خىزمەتتە تايىنىش، تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە ۋەز- تەبلىغ سۆزلەش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي زاتلارنىڭ توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئەسەبىيلىكىنى توسۇش رولىنى ھەققى جارى قىلدۇردۇق. پۈتۈن يىلدا «بەشتە ياخشى» دىنى زاتتىن جەمئىي 191 نەپەرنى باھالاپ، «بەشتە ياخشى» دىنى پائالىيەت سورۇندىن 170نى بەرپا قىلدۇق. ھەج قىلىش خىزمىتىنى تەستىقلاپ باشقۇرۇشنى ھەققى كۈچەيتىپ، ئۇدا 9 يىل تارقاق ھەج قىلىدىغانلار يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

ــ ــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىلغارلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئىش–ئىزلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇرۇق-تۇغقاندەك بىر-بىرىنى ئاسراپ، قوشنىلاردەك ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇق تەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق يول ۋە يېزا، بازاردىكى كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۆلەت بايرىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەر مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى تەشۋىقات تاختىسىنى ئېسىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدۇق.

ــ ــ «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «تەربىيەلەپ يېتەكلەشتە قاتتىق قول بولۇش» ۋە «ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇش» تەلىپىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ تەڭ بۇلۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، يېتەكلەپ تەربىيەلەش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەپ، «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 ياشتىن يۇقىرى 70 ياشتىن تۆۋەن دېھقان-چارۋىچىلار ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى دىنىي پائالىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت، نورمال دىن بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چېگراسىنى توغرا ئايرىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت–دىن سىياسىتى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈردۇق. «يەتتىنى سۆزلەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىلغار تىپلار ئارقىلىق تەربىيەلەش، ئىجابىي يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ۋە ئېڭىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىدۇق. پۈتۈن يىلدا ئامما جەمئىي 19 مىڭ 500 پارچە «ئۈچ قانۇنسىز» ۋە خەتەرلىك پارتىلايىدىغان بۇيۇملارنى ئاكتىپ تاپشۇردى.

3. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تىپىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى يېڭى ھالەتكە ماسلاشتۇردۇق.

مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي كۆز قاراشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردۇق.

ــ ــ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 810 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى. ۋىلايەتنىڭ بەش چوڭ كەسىپ قۇرۇلۇش تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ قوللاپ، جەمئىي 4 مىليارد 58 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋىلايەت باھالايدىغان چوڭ تۈردىن 29 نى تاماملاپ، جوغا مىس كېنىنىڭ 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى تاللاش، قاراسۇ گازلىقى ئاساسى تاشيولى، جۇڭتەي كۆمۈر كوكۇسلاشتۇرۇشنىڭ كوكۇسنى سوۋۇتۇشتىن پەيدا بولغان ئېشىنچە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش، باي ناھىيەسىنىڭ يىلىغا 3 مىليون كۇپ مېتىر مەرمەر تاش، 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېغىر كالتسىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىدۇق، جىنخۈي ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر توك مەنبەسى دۆلەت ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاندى. مۇزات دەرياسى سۇ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش تۈرى ئۈچىنچى دەرىجىلىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش توغرىسىدىكى تەستىقىغا ئېرىشتى. كۆمۈر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى تېزلىتىپ، تىيەنچېڭ كانچىلىقى چىغلىق كۆمۈركېنى قاتارلىق 12 كۆمۈركاننى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇشتا ئىلگىرلەش ئوڭۇشلۇق بولدى. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سىرتنىڭ مەبلىغدىن 6 مىليارد 500 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ، سېلىنما مەبلىغى 50 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان 6 كارخانىنى يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇق. سانائەت رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى يوللاش خىزمىتىنى ئاكتىپ ياخشى ئىشلەپ، سانائەت رايونىنىڭ 16.39 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تەرەققىيات يۆلىنىش رايونى زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، زېمىن بايلىق مىنىستىرلىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىدۇق. سانائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، سانائەت رايونىغا جەمئىي 638 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 2 كارخانىنى ماكانلاشتۇرۇپ، سانائەت رايونىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 23 مىليون يۈەننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشۇردۇق.

ــ ــ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇردۇق. تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئىزچىل ياخشىلىدۇق. ئاشلىق تېرىش كۆلىمىدىن 649 مىڭ 400 مونى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئاشلىق ئېتىزدىن 217 مىڭ 900 مو بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 425 مىڭ 100 توننىغا يەتكۈزدۇق. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق، ئەگمە پارنىكتىن 700 مو قۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا-ئىگىلىكىنىڭ مو بېشى كىرىمىنى 5039.6  يۈەنگە يەتكۈزدۇق. ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كۆلىمىدىن 187 مىڭ 100 مونى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇپراقنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى 522 مىڭ 500 موغا كېڭەيتتۇق. يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن 15 ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئۈلگىلىك كوپىراتىپتىن 10نى يۇقىرىغا يوللىدۇق. مېۋە-كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى، سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، 50 قۇرۇتۇش ئۆيى، 15 سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈردۇق. چارۋىچىلىقنى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇردۇق. ناھىيە مالىيەسىدىن 14 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغنى چارۋىچىلىققا ياردەم بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىپ، باقمىچىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىدىن 50 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن 3نى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئىلمىي چارۋا بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن 2نى، ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدانىدىن 2نى قۇرۇپ چىقىپ، ئىلمىي چارۋا بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 75نى، گۆش قويى يېتىشتۈرۈش ئائىلىسىدىن 12نى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېتلاش نىسبىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى %100 كە يەتكۈزدۇق. پۈتۈن يىلدىكى چارۋا قوتان قالدۇقى 1 مىليون 193 مىڭ 300 توياققا، تاۋار چارۋىنى 759 مىڭ 700 توياققا يەتكۈزۈپ، چارۋىچىلىق كىشى بېشى كىرىمى 3300 يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا 337 يۈەن ئاشتى. باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىش سۈپىتىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈردۇق. 6868.57 مو ئىھاتە ئورمان تىكىپ،  817.96 مو كۆچەتنى يېڭىدىن يېتىشتۈرۈپ، 35 مىڭ 900 مو ئىقتىسادىي ئورماننى تۇلۇقلاپ تىكىپ، 16 مىڭ 200 مو ئىقتىسادىي ئورماننى ئۇلاپ، ئەمەلىي مېۋىگە  كىرگەن كۆلەم 125 مىڭ مو بولۇپ، مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 65 مىڭ 500 توننا بولدى. ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىشتا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سىرتقا چىقىرىلغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى 40 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)، ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 310 مىليون يۈەن بولۇپ، كىشى بېشى ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 1904.8 يۈەن بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆر-ۈنەرلىك بولدى. 2 كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قۇيۇپ، 695 ئائىلە 3127 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق. يېزا-ئىگىلىك، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق. قېيىر يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 8-كەنتكىچە بولغان 34.5 كىلومېتىر يولغا شالغۇن ياتقۇزۇپ يول ھۇلى مۇستەھكەملىنىپ، مىچىغ يېزا چارۋا مەيداننىڭ 14.3 كىلومېتىر كەنت تاشيولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق. ماكانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىكى 27.6 كىلومېتىر يولغا قاراماي ياتقۇزۇپ، كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» مالىيە مۇكاپاتلىق تولۇقلىما بېرىش تۈردىن كەنت ئولتۇراق رايونىدىكى 54.8 كىلومېتىر يولنى قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، كەنتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 73.5 كىلومېتىر يولنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، 129.8 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى يېڭىدىن ياساپ، كەنت بىخەتەر ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسىنى 3669 ئائىلىگە يېڭىدىن ئۇلىدۇق. كەنت كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ خىل مۈلۈك»نى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ناھىيەمىزدىكى كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئىقتىسادى ئېتىزىدىن جەمئىي 78 مىڭ 210 مو، ئورمان يېرى 3452 مو، بېلىق كۆلچىكى 654.88 مو، چارۋا 2527 تۇياق، كەنت كوللېكتىپ مەبلىغى 7 مىليون 68 مىڭ 800 يۈەن، مۇقىم مۈلۈك (ھېسابتىكى سان) 212 مىليون يۈەن يېڭىدىن كۆپىيىپ، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ 22 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ــ ــ يېڭىچە شەھەر-بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتۇق. پىلان بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش پىلانى، ئوت مۇداپىئە مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇپ، پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ئۈلگىلىك بازار قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ياقېرىق بازىرىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تەپسىلىي پىلان ۋە ئۈلگىلىك بازار قۇرۇش يولغا قۇيۇش لايىھەسى (2014-2016)نى تۈزۈپ تاماملاپ، ياقېرىق بازىرىدا 400 مودىن كۆپرەك كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كىچىك رايونى قۇرۇپ، 72 باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەر ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 96 مىليون 230 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، تەلۋىچۈك دەرياسى 3-،4-،5- دەرىجىلىك سۇ كۈچىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدىغان توسما، شەھەر رايونى يولىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويدۇق. شەھەرنى كۆكەرتىش ۋە يۇرۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. شەھەر رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن باغ-ئورمان كۆكەرتىش كۆلىمى 6.03 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆكەرتىش كۆلىمى 15.5 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، 20 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر بىنانى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئۆلچەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدۇق. «قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، كەڭ كۆلەمدە شەھەرنى باشقۇرۇش، قۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، شەھەرنىڭ ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتۇق.

ــ ــ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بايلىقنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بۇلۇش» تەرەققىيات يولدا قەتئىي مېڭىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەبىئىي ئورماننى قوغداش، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، چۆللۈكلەردىكى تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە بوستانلىقلارنى قوغداش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم مۇكاپات مىخانىزىمىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردا مۇھىت ئاسراش بىلەن ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، 6587 مو ئورمان، 5504 مو ئىھاتە ئورماننى يېڭىدىن بەرپا قىلدۇق. بولغىمىلارنى ئازايتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، 33 بولغانمىنى ئازايتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، تېخنىكىسى ئارقىدا قالغان، بۇلغىما قۇيۇپ بېرىشى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، تېرەك ئېلېكتىر ئىستانىسىسىنى تاقاپ ئالاقىدار خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردۇق. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە «ئۈچ بىر ۋاقىتتا بۇلۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنى 188 قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇھىت باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش تۈرىدە «ئۈچ بىر ۋاقىتتا بۇلۇش»نى ئىجرا قىلىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە دائىرىسىدىكى 12 كۆمۈر قالايدىغان پار قازاننى توختىتىپ، 1 مىليون 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتۇماتىك ئۆلچەش پونكىتىنى قۇرۇپ ئىشلەتتۇق. سانائەتنىڭ ئاتموسفېرانى بولغىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، پولات-تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق دۆلەت، ئاپتونوم رايون كونترول قىلىدىغان نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرى ۋە 20 توننىدىن يۇقىرى كۆمۈر قالايدىغان پار قازانلارغا چىقىرىلغان كېرەكسىز گازلارنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ  قۇيۇپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

    4. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلاپ، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق.

تۆۋەن چەكنى ساقلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتەك ئاساسى پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشتە دەل جايىدا كۈچ چىقىرىپ، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پۈتۈن يىلدا 1 مىليارد 421 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 19 تۈردىكى 82 تۈرنى يولغا قويدۇق.

ــ ــ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردۇق. «بىر ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرغانلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ناھىيە يېزىلاردىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان» ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش قىران دېھقان-چارۋىچىلارنى «قوش تىل»دا تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بازارلاردا 1851 ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ؛ 373 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق؛ 228 نەپەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق؛ يېزىلاردىكى 7068 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان»لاردىن 264نى قوبۇل قىلدۇق، ئىلگىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 1096 نەپەر «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان»لاردىن 874 ئادەم ئىش ئورنىغا چىقتى، 121 ئادەم ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىۋاتىدۇ؛ شەھەر-بازاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %2.7 ئىچىدە تىزگىنلىدۇق. 1795 نەپەر يەككە سودا-سانائەتچى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.66 ئاشتى. 15 يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ كارخانا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەبلىغى 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى 56 كارخانىنى رويىخەتكە ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

ــ ــ مائارىپ ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 35 مىليون 525 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىپ داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپى، كانچى يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ، ياتۇر يېزا يېڭى لەڭگە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، ياقېرىق بازىرى ئىلقىچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، بۇلۇڭ يېزا بېلىقچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، قېيىر يېزا ياتۇر كەنت ئوقۇتۇش نۇقتىسى، بۇلۇڭ يېزا ياسىرىم كەنت ئوقۇتۇش نۇقتىسى قاتارلىق 16 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ياتىقىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، جەمئىي 14 مىڭ 846 كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. 13 مىليون 641 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 158 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ئۆيى ۋە 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سۈنئىي چىملىق تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق. ئومباش يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتى، سايرام بازىرىنىڭ لاپا كەنتىدىكى ئىككى يەسلى، شەھەر شىمالىي يېڭى رايونىدىكى قارلەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپى، قارلەيلىسى «قوش تىللىق» يەسلى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق، كانچى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپنى يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈپ، شەھەر- يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، شەھەر رايونىنىڭ ئوقۇتۇش بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز يەڭگىللەتتۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى كونترول قىلىپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %99.12، تولۇقسىز ئوتتۇرىغا كىرىش نىسبىتىنى %96.3كە يەتكۈزدۇق؛ باشلانغۇچتا ئوقۇشتىن توختاش نىسبىتىنى %0.04 تە، تولۇقسىزدا ئوقۇشتىن توختاش نىسبىتىنى %0.24 تە تىزگىنلىدۇق. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا 2103 ئوقۇغۇچى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپكە 856 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدۇق؛ تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، 2015-يىلى پۈتۈن ناھىيەدىن مەخسۇس كۇرۇستىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە 1174 ئوقۇغۇچى ئۆتۈپ، مەخسۇس كۇرۇستىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتىنى %87.2 كە يەتكۈزدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە: 663 نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرۇسقا ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سۈرۈپ، «قوش تىل» مائارىپىنى مۇقىم ئىلگىرلىتىپ، ئوقۇتۇشنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. 31- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى 14 نەپەر «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»، 52 نەپەر ئۈلگىلىك سىنىپ مۇدىرى، 105 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە 21 نەپەر ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسىنى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردۇق. مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان 4618 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 9 مىليون 236 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتۇق؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 912 نەپەر ئوقۇغۇچى 1 مىليون 72 مىڭ 600 يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھىرىمان بولدى؛  254 نەپەر ئوقۇغۇچىغا «مۇزات دەرياسى» قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 635 مىڭ 500 يۈەن تارقاتتۇق.

ــ ــ داۋالاش - سەھىيە سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈردۇق. دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، 2015-يىل ناھىيەمىزدىكى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقانلارنىڭ كىشى بېشى جۇغلانما مەبلەغ ئۆلچىمىنى 550 يۈەنگە يەتكۈزدۇق، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان ئادەم سانى 176 مىڭ 900 گە، قاتنىشىش نىسبىتى %99.85 كە يېتىپ، ئومۇمىي جۇغلانغان مەبلەغ 98 مىليون 193 مىڭ 200 يۈەن بولدى، سىياسەت دائىرىسىدە بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش ۋە ئامبۇلاتورىيە بىر تۇتاش جۇغلانما نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %79.52، %83.6 يېتىپ، 563 مىڭ 500 ئادەم مەنپەئەتلىنىپ، 80 مىليون 271 مىڭ 500 يۈەن ئاتچوت قىلىندى. يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئېغىر كېسەل ياردەم دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئېغىر كېسەللەرگە قارىتا سودا خاراكتېرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر كېسەل بىمارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يىللىق سودا خاراكتېرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاپپاراتى 319 نەپەر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىدىن 1 مىليون 876 مىڭ 400 يۈەننى تۆلەپ بەردى. داۋالاش شارائىتىنى ئىزچىل ياخشىلاپ، 110 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 500 دىن ئارتۇق ئادەم بىرلا ۋاقىتتا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنالايدىغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 20 قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال بىناسىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. داۋالىنىشتا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىن مۇتەخەسىسىلەرنى تەكلىپ قىلىپ 342 ئادەم (قېتىم)گە دىياگنوز قۇيۇپ ۋە يىراق مۇساپىلىق دىياگنوز قۇيۇپ، 116 مىڭ 200 يۈەن دىياگنوز ھەققىنى ئازلاتتۇق؛ ماگىنىتلىق رىزونانىستا (خېسى) تەكشۈرۈش ياردەم خىراجىتىدىن 815 مىڭ 200 يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بۇنىڭدىن 5435 ئادەم نەپكە ئېرىشتى؛ كۆزىگە ئاق چۈشكەن 305 نەپەر نامرات بىمارنىڭ كۆزىدىكى ئاقنى ئېلىۋېتىپ كۆرۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلدۇق؛ ناھىيە مالىيەسىدىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قان سۈزۈش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، 22 نەپەر بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردۇق. پىلانلىق تۇغۇت دۆلەت تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ‰18.35 دە كونترول قىلدۇق. پىلانلىق تۇغۇتتا مۇكاپاتلاپ قوللاش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا 23 مىليون 466 مىڭ 100 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن 5881 ئائىلە، 1721 ئادەم نەپكە ئېرىشتى.

ــ ــ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردۇق. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتىدىن 1225 ئائىلە 3052 ئادەمنى چىقىرىۋېتىپ، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 11 مىڭ 567 ئائىلە 22 مىڭ 358 نەپەر شەھەر – يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا  54 مىليون 554 مىڭ يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقاتتۇق. شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىلىرىگە 1 مىليون 280 مىڭ يۈەن قىش پەسىللىك ئىسىنىش پۇلى تارقاتتۇق، شەھەر– يېزىلاردىكى قىينچىلىقى بار ئاممىغا داۋالاپ قۇتقۇزۇش پۇلدىن 9 مىليون 700 مىڭ يۈەن، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلدىن 760 مىڭ يۈەن تارقاتتۇق؛ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىش مەبلىغىدىن 3 مىليون 60 مىڭ يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نىسبىتىنى %50 تىن ئاشۇردۇق؛ يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىدىن 1 مىليون 420 مىڭ 800 يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 147 نەپەر يېتىم بالىنى مەركەزلىك باقتۇق. شەھەر-بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 75 مىڭ 409 ئادەم يېزا يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، يېزىلاردىكى 60 ياشتىن ئاشقان تەمىنات ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 15 مىڭ 556 ئادەم، 22 مىليون 917 مىڭ 200 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ئالدى. ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باھار بايرىمى، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا 41.69 توننا زاپاس گۆش تارقىتىپ، 511 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مېيىپلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، 407 نەپەر مېيىپقا ئائىلىدە كۈتۈنۈش پۇلىدىن 463 مىڭ 500 يۈەن، 391 نەپەر مېيىپقا 98 مىڭ 500 يۈەن يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسى، 40 ئائىلىلىك قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە 4000 يۈەندىن ياردەم مەبلىغى تارقىتىپ، 76 نەپەر مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 6 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىغا 23 مىڭ 500 يۈەن «مېھىر–شەپقەت پەرىشتىسى» ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردۇق.

ــ ــ ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدۇق. پۈتۈن يىلدا ياردەم مەبلىغىدىن 149 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئەمىن ئۆيىدىن 4890 يۈرۈش سېلىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى، قۇرۇلۇش پۈتۈش نىسبىتى، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتىنى %100 يەتكۈزدۇق؛ ناھىيەمىزدىكى ھازىر بار بولغان 1115 ئائىلىلىك كېسەك ئۆينى تۈگەتتۇق. 86 مىليون 443 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 1370 يۈرۈش سالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە: يېڭىدىن سېلىنغان ئاممىۋىي ئىجارە ئۆي 1007 يۈرۈش (كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلارنىڭ ياتىقى 980 يۈرۈش، چارۋا مەيداندا 27 يۈرۈش)، كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ئۆي 200 يۈرۈش، دېھقان-چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان خەتەرلىك ئۆي 163 يۈرۈش. 2 مىليون 19مىڭ 800 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قىزىل يېزىسى چۇناق كەنتتىكى 16 ئائىلىلىكنى سۇ ئامبار تەسىر دائىرىسىدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردۇق؛ 24 مىليون 583 مىڭ 900 يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ (بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مەبلىغى 14 مىليون 900 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق كۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تولۇقلىما ياردىمى 800 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايوننىىڭ ئىچىملىك سۇنى ياخشىلاش تولۇقلىما ياردىمى 574 مىڭ 400 يۈەن، ناھىيەمىز سەپلىگەن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش مەبلىغى 6 مىليون 700 مىڭ يۈەن، يول قۇرۇلۇش مەبلىغى 1 مىليون 279 مىڭ 500 يۈەن، يېزا توك تورىنى ئۆزگەرتىش مەبلىغى 300 مىڭ يۈەن)، قىزىل يېزا قارغاي مەھەللە كەنتى چوڭ – ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبار رايونىدىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقىنى تۈگىتىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تاماملاپ، 200 يۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمىن ئۆي، 200 يۈرۈش قوتان سېلىپ بېرىپ، 525 تۇياق تۇغار قوي سېتىۋېلىپ تارقىتىپ بېرىپ، 4000 مېتىر قۇرۇق تام سېلىپ بېرىپ، 200 دانە تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىپ، 5.1 كىلومېتىر يولغا قارماي ياتقۇزۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلارنىڭ سۇ، توك، يول، ئۆي قاتارلىق مەسىلىلىرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سەۋىيىسىنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردۇق.

ــ ــ زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىتابخانا، مەدەنىيەت سارىيى، سەنئەت سارىيىدىن ئىبارەت «ئۈچ ساراي» قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئۈچ ساراي بىر پونكىت»نى ھەقسىز ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردۇق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى 25 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرىنىڭ 6 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە مالىيەسىدىن 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 146 كەنتكە ئاھالىلەر مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىنى يېڭىدىن، كېڭەيتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، «يەتتىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭىنى  كۈچەپ تارقىتىپ، «باي ئەڭ يېقىن ئارىلىق» ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنى ياخشى ئىشلىتىپ، پۈتۈن يىلدا «دېھقانلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئېتوت مۇسابىقىسى»، «جەلپكار باي» ھۆسنىخەت، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، ھەقسىز كىتاب ئوقۇش ۋە ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى جەمئىي 150 مەيدان (قېتىم)، يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 76 مەيدان، يېزىلاردىكى يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن 1050 مەيدان (قېتىم) ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتۇق.

ــ ــ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا تەرتىپلىك بولدى. خىزمەت باش نىشانىنى توغرىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا دەل جايىدا، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئەمەلىي ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، ۋېنجۇ-باي ئىككى جاينىڭ ئالاقىسىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىششىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن يىلدا جەمئىي 116 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 14نى يولغا قويدۇق. قەرەللىك بازاردا سودا قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش، مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق 5 چوڭ ئىقتىدار بىرلەشكەن چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىگە تۇلۇق سوممىلىق ياردەم بېرىپ پۈتتۈردۇق، بۇ تۈرنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 63 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 9468 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 23 مىليون مەبلەغ سالدۇق؛ ۋىلايەت بويىچە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، سەپلەنمىسى ئەڭ تۇلۇق بولغان چارۋىچىلىق مۇلازىمەت بازىسى بولۇپ، ئەتراپتىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىمالى چوڭ كۆۋرۈك ئىجتىمائىي رايون، سايرام بازىرى، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە دۆلەت ئورتاق تىلدا تەربىيەلەش پونكىتىدىن 4 نى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە قولايلىق ياراتتۇق. ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار تەقلىدىي مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئۈلگە قىلىپ، يىراق مۇساپىلىق داۋالاپ ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش، ئەمەلىي تەربىيەلەش ۋە باھالاشنى بىر گەۋدە قىلغان ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسىنى قۇرۇپ، 200 تەربىيەلەش تۈرىنى تاماملاشقا بولىدىغان تەقلىدى تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىدىن 76 يۈرۈش تەييارلاپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى تېببىي خادىملارنى يېڭىچە تەربىيەلەش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدۇق. 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ۋېنجۇ-باي تەجرىبە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تور مەركىزى ئۆيى، گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېلېكتىرونلۇق سوئال تەكشۈرۈش ئۆيى بىر گەۋدىلەشكەن ۋېنجۇ-باي مائارىپ ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. 23 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 45 كەنتتە ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇردۇق. 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تېخنىكىلىق رازۋېدكا مەخسۇس ماشىنىسى سېتىۋېلىشىنى قوللاپ، كۆزىتىش تورى، يوشۇرۇن تېخنىكا تايانچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي قوشۇننىڭ زوراۋانلىق - تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈردۇق.

5. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئۆگىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك، ئادىل بولغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلدۇق.

ــ ــ «ئۈچتە تەلەپچان ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق. «پارتىيەگە سادىق بولۇش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك بولۇش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىدنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدۇق. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار باش بولۇپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، 23 مىڭ 200 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قۇرۇلۇشى ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇردى. رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە پاك- تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىنى ۋە مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 700 دىن ئارتۇق بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىپ، 16 نەپەر رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى مەلۇم قىلدى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىققانلار بولمىدى.

ــ ــ خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلىدۇق. «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش يىلى» پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈردۇق. «2015-يىلى ‹ئامما رازى بولغان ئورۇن›نى باھالاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى تۈزۈپ، ئىستىل ئۈنۈمنى باھالاش، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش نەتىجىسىنى يىللىق نەتىجە ئۈنۈمنى باھالاشقا كىرگۈزدۇق. «ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى زورايتىپ، «تۆت خاھىش»نى ئىزچىل تۈگىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇردۇق. پۈتۈن يىلدا 2 قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدۇق؛ 48 قېتىم ئاشكارا- يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، تۈرلۈك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئۈنۈمگە مۇناسىۋەتلىك 25 پارچە ئەرزنى قوبۇل قىلىپ بېجىردۇق، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى»دىن 68 سان ئاڭلىتىپ، ئامما مەسلىھەت سوراپ ئىنكاس قىلغان مەسىلىدىن 27گە جاۋاب بېرىپ، مەمۇرىي ئۈنۈم ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق.

ــ ــ ھۆكۈمەت پاكلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتتۇق. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈم پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداپ، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىدىن 8 پارچە، تەۋسىيەسىدىن 117 پارچە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىدىن 125 پارچىنى بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇپ، بېجىرىش نىسبىتىنى %100 گە يەتكۈزدۇق. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى 30 پارچە مەمۇرىي تەستىق خىزمىتىنى تاماملاپ، دەسلەپكى قەدەمدە 2006 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇقنى ئېنىقلاپ رەتلەپ، مەمۇرىي ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى پۇختا يولغا قويدۇق. ھوقۇق، ئىش، ئادەمنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە كۈتىۋېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇھىم ساھەدە مەمۇرىي مۇپەتتىش ۋە ئىقتىسادى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەتتۇق. چىرىكلىكىنى تۈزەپ قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان 17 نەپەر رەھبىرىي كادىرنى تەڭشەپ، 790 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۋالدۇق.

6. تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، «12– بەش يىللىق» پىلان نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق.

2015–يىل بولسا،  «12–بەش يىللىق» پىلاننىڭ نەتىجىسى كۆرۈلىدىغان يىل، «12– بەش يىل»دىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى باشلىنىش قىلىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى دەۋرگە كىردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، 18–نۆۋەتلىك 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىن، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 8–نۆۋەتلىك 7-، 8-، 10- ئومۇمىي ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قۇيۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئالاھىدە سىياسەت بىلەن قوللاپ، بىر قاتار شىنجاڭنى مۇقىم خاتىرجەم قىلىش، خەلقىنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەش يىلدىن بۇيان بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇش، ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمىنىڭ زورىيىشىدەك خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيلىقنىڭ ئىزچىل  مۇقىم بۇلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «12–بەش يىللىق» پىلان تېزىسىدىكى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق. «12–بەش يىل»نىڭ ئاخىردا يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى «11– بەش يىللىق» پىلانىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2.1 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %16 ئاشتى؛ يەرلىك مالىيە ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 2.8 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %22.8 ئاشتى؛ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 4.5 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %34.8 ئاشتى؛ شەھەر– بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 2.1 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %11.9 ئاشتى؛ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 2.1 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %15.8 ئاشتى؛ 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسى 2010 – يىلدىكى 24:46:30 دىن 2015–يىلدىكى 22:41:37گە تەڭشىلىپ، ئېغىر خىمىيە سانائەت رايونغا يېڭىدىن 18 كارخانا ماكانلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2.2 ھەسسە ئېشىپ، يىلغا %18 ئاشتى. جەمئىي 5 مىليارد 550 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 26 تۈردىكى 293 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق، 467 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 47نى يولغا قويدۇق. ئەمىن ئۆيدىن جەمئىي 20 مىڭ 857 يۈرۈش سېلىپ، 8629 ئائىلە 34 مىڭ 852 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق. بۇ بەش يىل ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز، شەھەر – يېزا قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىل بولدى.

ۋەكىللەر، يولداشلار، نەتىجىلەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ-تاشقان ئىشەنچكە تولدۇرىدۇ، ئۆتكەن بىر يىل ۋە «12-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ نەتىجىسى؛ شۇنداقلا ناھىيە تۆت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىسلاھاتتا ئۆزگىرىش ياساپ كۈچنى مۇجەسسەملىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى؛ پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى: شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە شەھەرلەر ۋە نېفىتلىك كارخانىلىرىنىڭ خالىس تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ، ئۆز-ئارا يۆلەپ ياردەم قىلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بولۇپمۇ 2015–يىلى كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كىچىك ئائىلىنى ئويلىماي، چوڭ ئائىلىنى ئويلاپ، كېچە–كۈندۈز دېمەي خىزمەت قىلىپ، ئۈن–تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ھالقىلىق مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىدى؛ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى زوراۋان ئۇنسۇرلارغا قارىتا خېيىم–خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە–ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇشتىكى پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار تىپ، ئۈلگىلىك ۋەكىللەر بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇنلىغان مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش– ئىزلار بارلىققا كەلدى. مەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، باي ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ناھىيەمىزدىكى بارلىق ئىشچىلار، دېھقان- چارۋىچىلار، زىيالىيلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، بايدا تۇرۇشلۇق ئورۇن، بايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى، سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! باينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىلگىرىلەش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يەنىلا قىسمەن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىم: قىسمەن كادىرلارنىڭ زوراۋانلىققا قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى ھالىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ تەتقىق قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، قارشىسىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلىش، مۇداپىئە ئېڭى  كۈچلۈك ئەمەس، خىزمەتلەرنى ئىشلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرىشىنى قاتلاممۇ–قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرسىز، چەت–يىراق، تارقاق جايلار بولۇپمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشى يەنىلا ئاجىز بولۇپ، مەسىلىنى بايقاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى زۆرۈر، «قاپقاقنى ئېچىش»، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي چوڭ مۇھىتىنىڭ تەسىردە ناھىيەدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازلاپ، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ تىجارىتى زور زەربىگە ئۇچراپ، قىسمەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئازلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش قىيىنلىقى زور بولماقتا. شۇڭا، تەجرىبە– ساۋاقنى يەكۈنلەپ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئويلىنىپ، مەسىلە يۆلىنىشىنى تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇردە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، مەسىلە ئېڭى، كۈلپەت ئېڭى، ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، باينىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

 

2016-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

 

2016-يىلى بولسا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ۋە «13-بەش يىللىق» پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، 2016-يىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش «13-بەش يىللىق» پىلاندىكى نىشان ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، ياخشى باشلاش ھەممىدىن مۇھىم. ناھىيەلىك پارتكوم (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى كۈرەش نىشانى: 2020-يىلىغا بارغاندا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇل-ئەسلىھە شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسى، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش. ئىقتىسادنى بىر ھەسسە قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنى ئاشۇرۇشنى ساقلاپ، «ئىككىنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش. يەنى: يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر يېرىم ھەسسە قاتلاش؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە كىشى بېشى ئاساسىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش؛ ۋىلايەت بويىچە ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان نامراتلىق ئۆلچىمى ئاساسىدا نامراتلارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ۋىلايەت بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ناھىيەلىك پارتكوم (كېڭەيتىلگەن) يىغىننىڭ تۈرلۈك تەلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، خىزمەتنى چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى، مۇھىم ساھەنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسىلە يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، يېتەرسىزلىكنى تۇلۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشنى ياخشىلاپ، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبە قىلىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلدىكى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

2016-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بولسا: يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يېڭى ھالەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئومۇمىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە يىل» (قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش يىلى، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى يىلى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يىلى) پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالتە نۇقتىلىق خىزمەت» (ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنى تۈزەش، ئالاھىدە توپقا ياردەم-تەربىيە بېرىپ باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، دېھقان-چارۋىچىلار (ئاھالىلەر)نى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش)نى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىملىقىنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاساسى قاتلامنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، باينىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، «ئۈچ  قەتئىي بولۇش»قا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

2016-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى بولسا: يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 6 مىليارد 140 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8.2 ئاشۇرۇش؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %1.5 ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 4 مىليارد 20 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ يەرلىك ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمىنى 950 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 860 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10.2 ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى كىشى بېشى كىرىمىنى 25 مىڭ 570 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8 ئاشۇرۇش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنى 11 مىڭ 610 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1000 يۈەن، %9.4 ئاشۇرۇش. «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى ياخشى باشلاشتىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى نىشاننى چۆرىدەپ، 2016-يىلى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيمىز:

1. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى ناھىيەمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ساقلاپ، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش ئىدىيەسى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى پۇختا قىلىمىز. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، كۈچنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، تەدبىرنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، دەل جايىدا زەربە بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. «قاپقاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى قېزىپ چىقىش، زەھەرلىك ئۆسمىنى يۇلۇپ تاشلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە «قايتىدىن قاراش» خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ھەمدە «قاپقاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى قېزىپ چىقىش، زەھەرلىك ئۆسمىنى يۇلۇپ تاشلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ناھىيەدىكى بارلىق چارۋا مەيدان، كان-كارخانىلارغىچە كېڭەيتىمىز. «كەسپى كۈچ، تېخنىكىلىق ۋاسىتە، خەلق كۈرىشى»نى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كەسپى كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر توپلاش، ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېزدىن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىمىز؛ «دەل ۋاقتىدىلا نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجە ھەر تۈرلۈك مۇقىملىقىنى قوغداش كۈچلىرىنى چوڭ تىپتىكى مەشىق قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. كۆپ سانلىقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مايىل قىلىش، ئاز سانلىقنى يالغۇز قالدۇرۇپ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق توپلارنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى تۈرگە ئايرىپ چىڭ تۇتىمىز. بارغان جايى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، چىققان جايى ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشتەك «ئىككى تەرەپ تۇتۇش، قوش يۆلىنىشلىك باشقۇرۇش»تەك كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزىمىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش سۇپىسى»دىن پايدىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، قارشىلىشىدىغانلارنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىمىز. يوقاپ كەتكەنلەرنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئالاقىلاشقىلى بولمىغانلارنى ئاكتىپ تەكشۈرىمىز. شەھەر-بازارلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، دائىرە بويىچە مەخسۇس چارلاش-تىزگىنلەش كۈچىنى تايانچ قىلىپ، چارلاش-تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرىمىز. نۇقتىلىق جايلارنى بولۇپمۇ چەت چارۋىچىلىق رايونى، كان-كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش، قورال–جابدۇق ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش، تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. كەنت ئىككى كومىتېت، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق كۈچلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى، قارۋاغ ئاتلىق ئەسكەرلەر لىيەنى، خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. خەتەرلىك پارتلايدىغان بۇيۇم، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ۋە ھاۋالىلىك توشۇش كەسىپلىرىنى ھالەتلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەتەرلەرنى تۈگىتىمىز. ئەرزىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەيمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

2. «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىپ، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىغا قارىشى تۇرۇش ۋە چەكلەشتە چىڭ تۇرۇشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى قىلىپ، «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»نى نۆۋەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك جىددىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئادەمگىچە يەتكۈزۈش، كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇش»قا كۈچ چىقىرىپ، «تۆت تەڭ بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، «يەتتىنى سۆزلەش ئەندىزىسى»نى جانلىق قوللىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، دىنىي زاتلاردىن ئىبارەت «ئۈچ خىل قوشۇن»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىستېما، كەسىپلەرگە ئايرىپ «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. مەسىلە يۆلىنىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەردە قايتا ئويلىنىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەسەبىيلىككە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى ھۆججەت، بىر نىزام»نىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «ئىلمىي پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيەمىزدىكى دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. دىنى زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ئائىلىسى»نىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئەخلاق جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمىز. دىنىي زاتلار، دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەت، «ئۈچ قانۇنسىز» ۋە ھەج قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يولىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلايمىز. دېھقان-چارۋىچىلار ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى  ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «7–بەش يىللىق» قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنى روھى ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن زامانىۋىلىشىشقا يېتەكلەيمىز.

3. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز.

پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى تەشۋىق-تەربىيە، «توققۇز جەھەتتىن ئالاقىلىشىپ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا بولغا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قاراش، تارىخ قاراش، مەدەنىيەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ «بەشنى تونۇش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز، مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەنزۇ ئاممىسىنى باي ناھىيەسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا، مىللىي ئاممىنى شىمالىي شىنجاڭ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە بىڭتۈەنلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆز-ئارا بېرىش-كېلىش قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئۆز-ئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چۈشىنىش ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ياش–ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە چوڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياش قىران دېھقان-چارۋىچىلارنى قوش تىلدا تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىمىز. «بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپىنى ئېچىش»تا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىنى ئېنىق ئايرىپ، مىللەتكە  چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئامما بىلەن سىردىشىپ، قەلبىنى مايىل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئېچىلدۇرىمىز.

4.ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئاكتىپ تونۇپ ۋە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، ئىسكىلات قالدۇقىنى چىقىرىش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلاش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھ قىلىپ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەن باھالىق توك قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توك ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنىڭ سىناق نۇقتا دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي ئازايتىمىز، پولات ماتېرىيالى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، سېمونت، كۆمۈر قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىشى ۋە ئېشىپ قالغان مەھسۇلاتلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم قىلىمىز. كان بايلىقى ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، كان بايلىقىنى تەرتىپلىك ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر قاتلىمىدىكى گاز قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېچىش سالمىقىنى نۇقتىلىق زورايتىپ، يېڭى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نوقتىسىنى يېتىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەت يولغا قويغان «باشلامچىلار پىلانى» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك تارقىتىش ئۈلگە بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىشلەپ، تۈرىنىڭ بالدۇرراق ناھىيەمىزدە ئەمەلىيلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «چوڭ تۈر قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قاپسىلاڭ دەرياسى 3-دەرىجىلىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، جۇڭتەي كۆمۈر كوكۇسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلغا 1 مىليون 300 مىڭ توننا كوكۇس ئىشلەپچىقىرىش، خەنجىن ئېنېرگىيسى كېشىن CNG پىرىسلاش پونكىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرىمىز. پۈتۈن يىلدا 2 مىليارد 700 مىليون مەبلەغ سېلىپ 23 چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز، سانائەت رايونىنى كېڭەيتىپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، ئومۇمىي پىلاننى تەستىقلىتىش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يىل ئىچىدە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت رايوننىڭ بۇلغانما سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىپ، يېڭىدىن ئىككى كارخانىنى ماكانلاشتۇرىمىز. يېزا-ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرىمىز. يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادىي  ئۈنۈمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، «ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىشىنى ئاساس قىلىش، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقىنى كۈچەيتىش، كەسىپنى يۆلەش، بازا قۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 600 مىڭ مونىڭ يۇقىرسىدا تۇراقلاشتۇرىمىز. مەھسۇلات ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، دېھقانلار ئۆزى خالاش پىرىنسىپى بويىچە، قىزىلمۇچ، بەرەڭگە، قىزىلچا قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ھازىر بار بولغان ياڭاق، ئۈزۈم، ئۆرۈك قاتارلىق ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك پەرۋىشى ۋە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تولۇقلاپ تىكىپ، سورتىنى ياخشىلاپ، يېڭىدىن 4 مىڭ مو ئىھاتە ئورمان، 630 مو كۆچەتنى كۆپەيتىپ، 12 مىڭ مو ئىقتىسادى ئورماننى تۇلۇقلاپ تىكىپ، 125 مىڭ 500 مو كۆچەتنى مېۋىگە كىرگۈزۈپ، مېۋە مەھسۇلات مىقدارىنى 65 مىڭ 700 توننىغا يەتكۈزىمىز. «چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە يۆلەپ،چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سورتنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقتىكى «تۆتنى ياخشىلاش بىرنى قېلىپلاشتۇرۇش» (سورتنى ياخشىلاش، قوتاننى ياخشىلاش، يەم–خەشەكنى ياخشىلاش، ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ۋە يۇقۇمدىن ساقلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش) ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يىل ئاخىردا قوتان قالدۇقىنى 1 مىليون 229 مىڭ تۇياق، تاۋار چارۋىنى 800 مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈپ، چارۋىچىلىق كىشى بېشى كىرىمىنى 500 يۈەن ئاشۇرىمىز. شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلايمىز. شەھەر قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر يوللىرى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، سۇ تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش، تەلۋىچۈك دەرياسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەرنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى ۋە مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرىمىز. مېھىر-شەپقەت تاللا بازىرى قۇرۇش، ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىنى ئۇزارتىش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر ئارقىلىق كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى شەھەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونا–يېڭى شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. «ئىككى دەريا» (قاپسىلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى)نى تۈزەشنى گۈزەل شەھەر قۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى جانلاندۇرىمىز. ياقېرىق بازىرى، سايرام بازىرىنىڭ ئۈلگىلىك بازار قۇرۇلۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، باشقا يېزا، بازارلارنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا-بازار، شەھەر مەمۇرىيىتى يول قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىش، يورۇتۇش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش، پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز. ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا دۇكانلىرىغا «ئىشىك ئالدىدىكى ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش»نى تەشەببۇس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى شەھەر قۇرۇش-باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدايمىز. سۇ مەنبەسىنى قوغداش تۈزۈمىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قىزىل رەڭلىك سىگنالنى ساقلايمىز. شەھەر-يېزا مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۇ قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. گازنى كۆپ قۇيۇب بېرىدىغان ماشىنا ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى شاللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يىل ئىچىدە ماشىنىلار چىقارغان گازىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز؛ ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەشتە كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى كېڭەيتىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېتىزلارنى رەتلەش، يەرنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، شورسىزلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشنى قاتتىق چەكلەيمىز. يەرنى قايتۇرۇپ سۇنى ئازايتىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر تۈركۈم تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى ئوتلاققا قايتۇرۇش، چارۋىنى چېكىندۈرۈپ ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز. «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغانما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، بۇلغانما قويۇپ بېرىلىشىنى مەنبەدىن توسىمىز.

5. نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىزچىل ياخشىلايمىز.

تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مېۋىسىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەھرىمان قىلىمىز. نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز. «تۆت ھەقىقىي بۇلۇش، بەش بىر بۇلۇش، ئالتە دەل جايدا بۇلۇش» تەلپى بويىچە، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەمگە ئاساسەن بېكىتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىلەرگە قارىتا، مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمىز. ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ئائىلىلەرگە قارىتا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتلەنلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرگە قارىتا داۋالاش، تۇرمۇش ياردەم كاپالىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى ئەقلىي ئىقتىدار، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يۆلەش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ياردەم بېرىپ يۆلەشكە يېتەكلەپ، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. يىل ئىچىدە  2121 ئائىلىلىك 7258 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نوقتىلىق بەش كەنتنى كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كەسىپ، مۇلازىمەتچىلىك، قىسقا، مۇقىم، تېز بولغان تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تۈرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «باي ناھىيەسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇكاپاتلاش-ياردەم بېرىش چارىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى كارخانىلارنى ئۆز جايىمىزدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئاچىمىز. دېھقان-چارۋىچىلارنى قوش تىلدا تەربىيەلەش، كەسپىي تېخنىكىدا تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسىپلەشكەن ئىشچى ۋە كەسىپلەشكەن دېھقان-چارۋىچىلارغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ مەكتەپ ئېچىشنى قوللاپ، يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەھنىسى ھازىرلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ياشلار ۋە ئاياللارنى ئۆزى كەسىپ تاللاش، ئۆزلىكىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيمىز ۋە ياردەم بېرىمىز. دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئىچىدە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى 45 مىڭ ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىرىپ، ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمىنى 324 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمىنى 2000 يۈەندىن ئاشۇرىمىز. مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. 24 مىليون 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونى ۋە چەت يىراق رايونلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كەنت قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى، تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، يەسلىدىن باشلاپ تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئىستىلى ۋە «سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش» تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. سۈپەتنى ئاساس، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، كەنت قوش تىل مائارىپىنى ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلاننى داۋاملىق يولغا قويىمىز. مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلەشكەن، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپ بىرىككەن، ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي مائارىپ يولىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇن ۋە كارخانىنىڭ ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلق تۇرمۇشىدا ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىمىز. يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ، تاشيول، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يىل ئىچىدە 4 مىڭ 800 يۈرۈش ئەمىن ئۆيى سېلىپ، 55 يۈرۈش كەپە ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ سېلىپ، 1600 ئائىلىگە بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئەكىرىپ، 55 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى يېڭىدىن ياساپ، 70 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ياساپ، ياقېرىق بازىرى ۋە قىزىل يېزىسىنىڭ تەبىئىي گازلارنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى ئورنىتىش خىزمىتىنى تاماملايمىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-بازارلارنىڭ ئۆلچەملەشكەن شىپاخانا، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مالىيە ياردەم ئۆلچىمى، ئاتچوت نىسبىتىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر باراۋەر بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئىككىنچى پەرزەنت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پىلاندىن سىرت تۇغۇشنى قەتئىي كونترول قىلىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا تىگىشلىكلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

6. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز.

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدىيە-سىياسىي، تەشكىلىي ئىستىل، خىزمەت تۈزۈمى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پاك-ئادىل سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرىمىز. ھۆكۈمەت دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قانۇن ئۆگىنىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. ئەدلىيە باشقۇرۇش ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. چوڭ ئىشلارغا ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسىسلەر دەلىللەش، خەتىرىنى باھالاش، قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ قارارلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن  بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىسى تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ قارارلاردا مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى قايتىدىن سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمىنى ئورنىتىمىز. ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىش تۈزۈمى ۋە ئاشكارا ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىمىز. مەمۇرىي تەستىقلاش، مەبلەغ تەستىقلاش، كەسپىي سالاھىيەت، ھەق ئېلىشنى تۈگىتىش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ساھە ھالقىغان، تارماق  ھالقىغان، دەرىجە ھالقىغان چوڭ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى داۋاملىق بىكار قىلىپ، مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق ئىشلىرىغا تەۋە بولمىغان تۈرلەرنى تۇلۇق بىكار قىلىمىز. ھوقۇق مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىزىملىك سىرتىدا ھوقۇق بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتىكى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، خالىغانچە يېڭىدىن تەسىس قىلىش، شەكلى ئۆزگەرگەن تەستىقلاش، يېرىم يولدا تۇتۇپ قېلىش، كۆرۈنۈشتە قويۇپ بېرىپ ئاستىرتتىن تۇتۇپ قېلىش، كۆرۈنۈشتە ئازايتىپ يوشۇرۇنچە كۆپەيتىش، ساختىلىق ئىشلىتىش قاتارلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولمىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوقۇتۇپ، سەھنە ھازىرلاپ، ياخشى تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىمىز. پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت قۇرىمىز. مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ «10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنىي نازارىتى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيەسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرىمىز. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ئۇرۇندىكى قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ مەمۇرىي ئىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلار پاك-دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىي جەھەتتە ھوشيار بولۇشىنى  تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ۋەكىللەر، يولداشلار! دەۋر بىزگە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلىدى، خەلق بىزگە زور ئىشەنچ باغلىدى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ھالەت، يېڭى خىرىس، يېڭى پۇرسەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، مەنزىل يىراق، بۇرچىمىز شەرەپلىك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتى ۋە قوللىشىدا، ئۆزگىرىش ياساپ ئىسلاھ قىلىپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، باينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!  

 

 

 

 

 

ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدىكى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

 

1. «تۆت تەڭ بۇلۇش»: توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق توسۇش، مەدەنىيەتتە سىقىپ چىقىرىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ چەكلەش، ئىلىم–پەننى ئومۇملاشتۇرۇش.

2.«بەش ئاچقۇچ»: ئىدىيە مەسىلىسىنى ئىدىيە ئۇسۇلىدا ھەل قىلىش، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلدا ھەل قىلىش، ئۆرپ–ئادەت مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىش، دىن مەسىلىسىنى دىنىي قائىدە بويىچە ياخشى ئىشلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلدا ھەل قىلىش.

3.«يەتتىنى سۆزلەش ئەندىزىسى»: ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزگىرىشىنى سۆزلەش، پارتىيە– ھۆكۈمەت كادىرلىرى سىياسەتنى سۆزلەش، ئەدلىيە خادىملىرى قانۇننى سۆزلەش، دىنى زاتلار دىنى ئەقىدىلەرنى سۆزلەش، ئاممىۋىي تەشكىلات تايانچىلىرى ئۆرۈپ–ئادەتنى سۆزلەش، داۋالاش خادىملىرى ساغلاملىقنى سۆزلەش، ئوقۇتقۇچىلار ئىلىم–پەننى سۆزلەش.

4. «بەشتە ياخشى» دىنى زات: ۋەتەننى دىننى سۆيۈشتە ياخشى، ۋەز–تەبلىغ قىلىشتا ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى، مەدەنىي دىن ئىستىلى ياخشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ياخشى.

5.«تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»: تارىخى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇچى بولغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئەخلاق ئارقىلىق. ئادەم تەربىيەلەيدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچى.

6. «يەتتىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش»: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش تەشۋىق–تەربىيەسىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەرنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى مەركەزگە كىرگۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەشنى مەركەزگە كىرگۈزۈش.

7.«ئىككى ھۆججەت بىر نىزام»: «قانۇنسىز دىنى ھەرىكەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە يېتەكچى پىكىر (سىناق)» (ش پ ئى〔2013〕11- نومۇرلۇق)، «ئىسلام دىنى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»  (ش پ ئى〔2014〕28-نومۇرلۇق)، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى».

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号