نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > تەيىنلەش قالدۇرۇش

رۇزى داۋۇت قاتارلىق 11 نەپەر يولداشنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت15:46    كۆرۈش :  

 

باي ھۆكۈمەت كادىرلار خەتلىك〔2016〕4 – نومۇرلۇق

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرۇش كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلەر، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا:

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالار يىغىنى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يولداش رۇزى داۋۇتنى ناھىيەلىك مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى، ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇشىنى؛

يولداش ئابدۇرېھىم ھامۇتنى ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەشنى؛

يولداش گاۋ لىننى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرسال ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى  ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەشنى، ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇشنى؛

يولداش قاھار تۆمۈرنى ناھىيەلىك سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەشنى؛

يولداش غېنى ئەمەتنى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا (مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك)تەيىنلەشنى؛

يولداش لو گۈيمىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا (مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك)تەيىنلەشنى؛

 يولداش ياسىن ئابدەكنى ناھىيەلىك ئۇرۇق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا (سەككىزىنچى دەرىجىلىك خىزمەتچى) تەيىنلەشنى، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋېزىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇشنى؛

يولداش تۇرسۇن توختىنى ناھىيەلىك كەسپىي تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى)نىڭ مۇدىرلىقىغا (يەتتىنچى دەرىجىلىك خىزمەتچى) تەيىنلەشنى، ناھىيەلىك 1- تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇشنى؛

يولداش ئالىم تۇنيازنى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇشنى؛

يولداش جاۋ پىڭنى ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇشنى؛

يولداش ياڭ جىچياڭنى ۋېنجۇ ئۇنىۋېرستېتى باي تەجرىبە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلدى.

 

 

   2016  – يىل 3– ئاينىڭ 3 – كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号