نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

ۋاقىتنى قەدىرلىسىڭىز مەنزىلگە يېتەلەيسىز

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 06 - كۈنى ، سائەت11:17    كۆرۈش :  

ئابدۇۋەلى ھۈسەيىن

 

 

     خەلقىمىزدە ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى›› دېگەن سۆزلەر بار. بۇ بىزنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېسىل ئادىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كەسىپتە تېز نەتىجە قازىنىپ، زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ 20 – 30 يىل بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ تۈزۈك نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىجارىتى تېز روناق تېپىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىجارەتتە زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.

    بەزىلەرنىڭ چېھرىدە يىللارنىڭ ئۆز ئەجرىگە قىلغان سوۋغىسىغا قارىتا رازىمەنلىك نۇرلىرى چاقنىسا، بەزىلەرنىڭ چېھرىدە ھاياتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنىڭ ئەلەڭلەپ يۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەجىبا بۇلارنى ‹‹تەقدىر شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان››دەپ قارىساق بولامدۇ؟ دەرۋەقە، بەزىدە شارائىت، پۇرسەت ۋە تەلەينىڭ بىر ئىشتا غەلىبە قازىنىشتىكى رولىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى بەك مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشكە، ھەممىنى تاشقى ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن ئىزدەشكە بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش پۇرسەت، ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئىككى كىشىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش جەھەتتە زىددىيەتلىك نۇقتىلار مەۋجۇت. بەزىلەر كۆكتە پەرۋاز قىلسا، بەزىلەر يەردە سەرەڭگە تېلىدەك ‹‹لاپ›› قىلىپلا ئۆچۈپ قالىدۇ. بەزىلەر ھايات سەھىپىسىنى ئالتۇن ھەل بىلەن بېزىسە، بەزىلەر كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.

    نوبىلنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى دۇنيا خەلقى بىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا كېسەلچان بولۇپ، ئانىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ھاياتىدا 350 نەچچە تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئىنسانىيەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى. ئېينىشتىيىنمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەقىل جەھەتتە ئاجىز بولۇپ، 4 – 5 ياشقا كىرگەندىمۇ تىلى تۈزۈك چىقمىغان. ئۇنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئىجاتچىسىغا ئايلىنىپ، كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ يىمىرىلمەس ئابىدە تىكلىدى. چۈنكى ئۇلار ۋاقىتتىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ناۋادا ئۇلار جىسمانىي ۋە باشقا جەھەتتىكى شارائىتىنى سەۋەب قىلىپ، ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش››دەپ يۈرگەن بولسا، مۇشۇنداق كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەرمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئىرادىلىك كىشىلەر پۇرسەت ۋە شارائىتنىڭ ئۆزىگە كۈلۈپ باقمىغانلىقىدىن ۋايسىمايدۇ، بەلكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئىزدىنىشى بەدىلىگە پۇرسەت ۋە شارائىتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ.

    جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بەزى ياشلارنىڭ ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىش، قانچىلىك ئۆگەنسەكمۇ بارىدىغان يېرىمىز يەنىلا شۇغۇ، دەپ ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز قاراپ، قىممەتلىك ياشلىقىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىۋاتقانلىقىغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. ئەجىبا بىزنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزدىكى مەقسەت پەقەت ئاتاقلىق كارخانىچى، مۇقىم مۇئاشى بار، سۇنماس ئالتۇن تاۋاققا ئىگە دۆلەت مەمۇرى، سائىتىگە نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تاپالايدىغان داڭلىق ۋىراچ بولۇش ئۈچۈنلىما؟ مېنىڭچە مۇنداق قارىساق تولىمۇ گۈدەكلىك قىلغان بولىمىز. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز يەنىلا شۇ ‹‹ئاتام ئېيتقان بايىقى›› دېگەندەك، ئۈچ ۋاق تامىقىمىزنى تېپىپ يېيەلىگىنىمىزگە شۈكرى قىلىپ، كۈنلىرىمىزنى مەست – ئەلەس ئۆتكۈزۈپ يۈرسەك بولامدۇ؟

    بىز يەتتە ئەزايى ساق، كۈچتۈنگۈر نۇرغۇن ياشنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەممە سەۋەبنى تەقدىرگە، شارائىتقا ئارتىپ قويۇپ چوڭ ئىشلارنى قىلالماي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي 20 – 30 ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇق ئاتا – ئانىسىنىڭ ھامىيسىدە يۈرگەنلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغانلىقىدا، زامانغا ماس ھالدا ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇشقا ئېتىبار بەرمىگەنلىكىدە، ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ بىباھا ئالتۇننىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىدە.

    قىسقىسى، ۋاقىت بىزنى مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز. بىز بۇ پويىزنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ھەر بىر دەقىقىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى!

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号