نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > ھۆججەتلەر > باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ھۆججەتلىرى

شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت10:41    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕44 – نومۇرلۇق

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

 

شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىزمىتى بولسا بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدۇر، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ۋەزىپىسى ۋىلايەتنىڭ باھالاش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ۋىلايەت چۈشۈرگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى «باي ناھىيەسىنىڭ 2016 – يىللىق شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش داۋاملىق قاتنىشىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (ب ھ ئى 〔2016〕27 – نومۇرلۇق)نى تارقىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش داۋاملىق قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى ھەر بىر يېزا، بازار (مەيدان)لارغا چۈشۈردى. 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە، 34 مىڭ 10 نەپەر ئادەم سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ پۇل تاپشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋەزىپىسىنىڭ %44.26 تاماملاندى. خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

 2016 – يىل 1 – پەسىلدە شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش خىزمىتىنى بىر قەدەر ياخشى تاماملىغان يېزا، بازار (مەيدان)لار بۇلۇڭ يېزىسى، داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى، تېرەك بازىرى، خىزمەتنى تاماملاشتا بىر قەدەر ناچار بولغان يېزا، بازار (مەيدان)لار ياقېرىق بازىرى ۋە باي بازىرى (كونكرېت تاماملاش ئەھۋالىنى قوشۇمچە جەدۋەلدىن كۆرۈڭ).

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕27 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى 6 – ئاينىڭ ئاخىردىن بۇرۇن % 100 كە يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىشى لازىم. بۇ تۈرلۈك ۋەزىپىنىڭ ۋاقتى جىددىي، ۋەزىپە ئېغىر، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەنتلەردە ئائىلىگە كىرىپ تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك ۋە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

قوشۇمچە ھۆججەت: باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 2016 – يىللىق 1- پەسىللىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئەھۋال جەدۋىلى

 

 

                                                 2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 21 – كۈنى

 

 

 

قوشۇمچە ھۆججەت:

باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 2016 – يىللىق 1- پەسىللىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، داۋاملىق قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئەھۋال جەدۋىلى

جەدۋەل تۈزگەن ئورۇن: باي ناھىيەلىك شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشقۇرۇش مەركىزى  

جەدۋەل تۈزگەن ۋاقىت: 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

 

تەرتىپى

 

يېزا، بازار(مەيدان)لارنىڭ نامى

 

سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى

 

قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم سانى

 

قاتنىشىش نىسبىتى

1

تېرەك بازىرى

475

442

%93.05

2

بۇلۇڭ يېزىسى

3918

3145

%80.27

3

داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى

2230

1773

%79.51

4

توقسۇن يېزىسى

6230

4045

%64.93

5

قىزىل يېزىسى

3388

2180

%64.34

6

چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى

4515

2821

%62.48

7

قاراباغ يېزىسى

6075

3208

%52.81

8

سايرام بازىرى

7058

3721

%52.72

9

كانچى يېزىسى

6878

3424

%49. 78

10

ياتۇر يېزىسى

7950

3046

%38.31

11

مىچغ يېزىسى

6054

1638

%27.06

12

ئونباش يېزىسى

7900

2096

%26.53

13

قېيىر يېزىسى

6283

1625

%25.86

14

ياقېرىق بازىرى

5251

809

%15.41

15

باي بازىرى

2628

37

%1.41

جەمئىي

76833

34010

%44.26

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号