نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > ھۆججەتلەر > باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ھۆججەتلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، سائەت13:13    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕47 – نومۇرلۇق

 

 

ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» (ش پ ب20167- نومۇرلۇق)نى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئۆز فۇنىكسىيەڭلار ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىڭلارنى سورايمىز.

1. ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنى تاماملاشتىكى كۆرسەتكۈچلۈك ھۆججەت. ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 10- ئومۇمىي ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمەت يىغىنى، ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئىقتىساد خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز سىستېما، ئۆز ئورنىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئۆگىنىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، روھىنى ھەقىقىي چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش.

2. كەسپىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار خادىملارنى ئورگان، كارخانىلارغا چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، رادىيو، تېلېۋىزىيە، ئۈندىدار، ھۆكۈمەت تورى قاتارلىق تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىقات سىتونى تەسىس قىلىپ، بىر مەزگىل مەركەزلىك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە كونكرېت تەدبىرنى ئائىلىمۇ-ئائىلە كىرىپ، ئادەممۇ-ئادەم چۈشەندۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش.

3. ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچى ئورۇنلار ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، بىر تال، بىر تال، بىر تۈر، بىر تۈر بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ، شۇ ئورۇن، شۇ سىستېما، شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت پىلانى، خىزمەت پىكىر يولى، نىشان ۋەزىپە ۋە كونكرېت تەدبىرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى قاتلاممۇ-قاتلام تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت قىلىپ ساھە، كارخانا، تۈر ۋە خىزمەتكە، ئىش ئورنى ۋە شەخىسكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ھالدا كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىدىكى قېيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرنى ماكانلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش.

4. ناھىيەلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سودا-ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش، باج ئىشلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ پاكلىق خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەلىپى بويىچە، نۆۋەتتىكى خىزمەت ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن بۇلۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى تەستىقلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، بىكار قىلىشقا تىگىشلىكىنى بىكار قىلىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرشكە تىگىشلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىنىڭ مابلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

5. ناھىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»دىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بېجىرىلىشىنى ئىز قوغلاپ ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات، ئىقتىساد سودا، مالىيە قاتارلىق باشلامچى ئورۇنلار 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇرۇن «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى «مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنى روھىنى تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا يوللاش.

 

 

                                                  2016- يىل 4- ئاينىڭ 25- كۈنى   

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号