نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

خىيابان خىلۋەت

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ، سائەت11:22    كۆرۈش :  

ئابلەت مۇھەممەد

1

 

     قۇياش نۇرانە پارلىغان كۈنلەر ئۈمىدلىك جىمىرلىماقتا.

    سېغىنىش چېچەكلىرى پورەكلىگەن يېگانە باغلاردا كاككۇك ناۋالىرى يۈرەكلەرگە چوغ تاشلايدۇ. نىگاھىڭ چوڭقۇرلۇقىدا مەھلىيا بولغان دەقىقىلەر گۈزەل پەسىللەرنى ۋىلىقلاپ كۈلدۈرگەن. قەلبىڭ بەتلىرى ئوتلۇق قەسىدىلەر بىلەن پۈتكەن. كۆزۈڭ كەڭلىكى بىقارار كۈتۈشلەردە قىيادەك تىكلەنگەن. يۈرىكىم ئاراچلىرىنى مېھرىڭ بىلەن تولدۇر، غەم گۇگۇملىرى سۈبھىگە ئەقىدىسى بىلەن تاشلانسۇن!

   ئىشق جاڭگىلىنى سەرسان كېزىۋاتقان ئاشىقلار غەيۇر، جۇدالىق دەشتىدە دەريادەك پىغان چېكىۋاتقان يۈرەكتە ئۆكۈنۈش يوق. مەمنۇنلۇققا چۈمكەلگەن بېغىشلىنىشلاردا يىمىرىلمەس شېرىن ئىستەك جىرلايدۇ.

   ئاتەش دولقۇنلاردا ھايات شادىيانىسى بىمالال!

   گۈلگۈن سەھەرلەردە كۈنلەرنىڭ بەرىكىتى مىڭ پارە بەخت!!

   خىلۋەتتىكى ھېكايىلەر كۈندۈز قىياقلىرىدەك پىچىرلىماقتا...!

 

2

 

     سەن ئامراق ئالمىلار مەي باغلاپ پىشتى. باغلىرىم سېنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭغا ئىنتىزار. قىزغىن گۈللەر سېنىڭ پۇراشلىرىڭغا خۇشتار.

   ئۇزاققا سوزۇلغان يوللارنىڭ پايانىنى بويلاپ ھەممىمىز ئىلگىرىلىمەكتىمىز. قەدەملەردە جاسارەت. يۈرەكتە ئوتلۇق ئارمان! مەمنۇنىيەت بىلەن سىلجىشلاردا ئۆكۈنۈش يوق. دەرەخلەردە قارشى ئېلىش ساداسى، كۆزلەردە مەنزىل تاماسى يالقۇنجىماقتا.

   پەسىل قۇشلىرى چۇرۇقلىغان كۆك قەرىدە پەرۋاز كۈيى دىللارغا زوق بەخش ئەتمەكتە.

   خىلۋەتلەردە ئوت بار، لاۋاسى زېمىننى چوغلاندۇرغان.

   سىم – سىم قەترىلەردە سۈزۈك تىلەك بار، ھايات بەتلىرى نۇرانە مەنالار بىلەن يۈرەكلەرنى ئۈمىدكە تولدۇرغان.

   قىيالارغا يامىشىۋاتقان قاناتلاردا چوققا مەۋجۇت ئەمەس! قاقاس – ئېدىرلاردا چىغىر مۈشكۈلاتلىرى ئىرادىلەرنى سۇندۇرالماس.

   يالىڭاچلىنىۋاتقان مەجنۇنتاللاردا ئىشق بار! پىراقى پۈتكۈل تەبىئەتنى ئازاب گۈلخانلىرىغا قەھرى بىلەن تاشلىغان.

   ئايدىڭ كېچىلەر مۇھەببەتتەك تولغان خىياللىرى بىلەن خىلۋەتلەرنى چالغىتماقتا...

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号