نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > ھۆججەتلەر > باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ھۆججەتلىرى

باي ناھىيەلىك تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەڭشەپ تولۇقلىغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت13:46    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕48 – نومۇرلۇق

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) خەلق ھۆكۈمىتى، (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (مالىيە باج201636- نومۇرلۇق)نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2016-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەتكە ئۆزگەرتىش» دېيىلىدۇ)، سىناق دائىرىسى بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن كەسپى، پۇل-مۇئامىلە، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىك كەسپىگە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەتكە ئۆزگەرتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، باي ناھىيەلىك تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەڭشەپ تولۇقلاشنى قارار قىلدى. ئەزالار تۆۋەندىكىچە:

گۇرۇپپا باشلىقى:

جاڭ رۈندې               ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ھاكىم

مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:

يۈ جې                       مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ئەزالىرى:

خۇا خۇڭشىن                 دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

جاڭ ۋېنجېڭ                   يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

شۈ جىيەنلۇڭ                             سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى

خې لىمىڭ           مالىيە ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

ليۇ جىجۇڭ          تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى

جاۋ پېڭ                  مائارىپ پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ۋۇ ۋاڭتاۋ                           تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىندى، ئىشخانا مالىيە ئىدارىسىدا بولىدۇ، ئىشخانا مۇدىرلىقىنى يولداش يۈ جې قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى خۇا خۇڭشىن، جاڭ ۋېنجېڭ قاتارلىق يولداشلار قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ئىشخانا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەتكە ئۆزگەرتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 

 

                                                    2016- يىل 4- ئاينىڭ 28- كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号