نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > ھۆججەتلەر > باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ھۆججەتلىرى

باي ناھىيەلىك كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 05 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ، سائەت13:54    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕58 – نومۇرلۇق

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) لىق خەلق ھۆكۈمىتى، (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

«گوۋۇيۈەننىڭ ‹› ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىشتىن بۇرۇن، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىكرى»، «كارخانا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋاقىتلىق نىزامى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش يولغا قۇيۇش چارىسى» روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قۇيۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. تەشكىلىي رەھبەرلىك

باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق،

باي ناھىيەلىك كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ئەزالار ئىسمىيەتلىكى تۆۋەندىكىچە:

گۇرۇپپا باشلىقى:

جاڭ رۈندې                 ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ھاكىم

مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:

ۋۇ دوپىڭ                     س س م ب ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى

ئەزالىرى:

 شۆ مىڭ        سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى

خۇاڭ شىياۋمىڭ           تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى

خۇا خۇڭشىن            دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

جاڭ ۋىنجېڭ            يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

لى مېي               ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

يۈ جې                       مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ليۇ جىجۇڭ     تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

شۈ جىيەنلۇڭ                               سودا-ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى

جاڭ جۇڭجۈن        سۈپەت تېخنىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى   

شىن يى     بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ئەخمەت مەمەت       پەن-تېخنىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ئېزىز تۇنىياز       ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرى تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

تىيەن ئەنپىڭ        تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كادىرلار ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

تۇرسۇن تۇراۋىدۇن       دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

لى خۈەن            مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

چېن جىنسۈن           قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

لى دېشەن             دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

جاۋ پېڭ         مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ياڭ تىيەنجۈن      كۆمۈرچىلىك سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

ليۇ دۇڭ               ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

جاۋ جىيەنپىڭ               ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

تۇرسۇن ھەسەن        يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

ئەركىن ئىبىراھىم       چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

تۇرسۇن مۇسا       مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

ۋۇ چىڭسى             خەلق ئىشلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

ئەسقەر ئەمەت          ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى

دۈەن ۋېنفېڭ             سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى

ۋېي بو                                                   تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

ليۇ شىنخۇا                                      شتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

يەن لى                                          پۇل-مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

شۈ چاڭمىڭ                                         س س م ب ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

مۇ جىنبىڭ                                                 ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

ۋۇ ۋاڭتاۋ                           تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

سۇ چىڭگاڭ                                      خەلق بانكىسى باي شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى

ۋاڭ خەيياڭ                                          بانكا نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

ۋاڭ شىنتىيەن            سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى

لو جىيەنپىڭ                                           قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى         

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزىدۇ؛ ئەزا ئورۇنلارنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ئىگەلىلەپ، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتكە خىزمەتكە ئالاقىدار تەكلىپىنى سۇنىدۇ؛ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەتلەرنى باغلاش، ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمان بۇلۇش قاتارلىق ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ؛ ناھىيەنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش، ئىناۋەت چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى ئىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛ «لەۋزىدە تۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش» پىرىنسىپى بويىچە، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى چەكلەش مېخانىزىمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سوبىكتى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى مەمۇرى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم قوللانمىسى قىلىش؛ تىجارەتتە نورمالسىز تىزىملىكى بولغان، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان كارخانا تىزىملىكىنى بازار سوبىكتىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇشقا سودىگەر چاقىرىش، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى سېتىش، ئالدىن باھالاپ مۇنەۋۋەرلىكنى تۇرغۇزۇش، بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، بانكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپكارلىق ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى، ساپاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە بىرلەشمە ھەرىكەتنى يولغا قۇيۇپ، قانۇن بويىچە چەكلەش ياكى مەنئى قىلىش؛ بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىش، بىرلەشمە يىغىننى گۇرۇپپا باشلىقى تەشكىللەيدۇ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى قاتنىشىدۇ، مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىشقا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك تارماق، كەسپىي جەمئىيەت، ئۇيۇشما، ئاخبارات ۋاسىتىسى ۋە كارخانا ۋەكىلىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش، بىرلەشمە يىغىن پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن قەرەلسىز ئاچسا بولىدۇ؛ باشقا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

 رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىندى، ئىشخانا سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا بولىدۇ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ قانات يېيىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەلىلەپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تاپشۇرغان باشقا خىزمەتنى تاماملاپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئىشخانا مۇدىرلىقىنى يولداش شۈ چاڭمىڭ قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ئەزالىرى س س م ب ئىدارىسىنىڭ ھەر قايسى كەسپىي بۆلۈم باشلىقلىرىدىن تەشكىللىنىدۇ. ئەزا ئورۇنلار مەخسۇس ئادەمنى ئۆز ئورنىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلىقىغا بېكىتىدۇ.

2. خىزمەت تەلىپى

1) باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سوبىكتى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېما سۇپىسى (heep://xygs.xjaic.gov.cn:7007/)غا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ سىستېما بولسا ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سوبىكتىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى يىغىپ ئاشكارىلاش، ئاممىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۇپىسى؛ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش، كەسپىي ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سان سېفىرىدىن ئورتاق بەھرلىنىش ۋە سان سېفىر ئالماشتۇرۇش خىزمەت سۇپىسى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسىمى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش يولغا قۇيۇش چارىسى» (ش ھ ب201524- نومۇرلۇق)دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى چوقۇم «ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سوبىكتى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى سۇپىسى»دا جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاش. ئەزا ئورۇنلار تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، «كىم تەستىقلىسا، شۇ بېجىرىش، شۇ بىر تەرەپ قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سوبىكتى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى سۇپىسى»غا ۋاقتىدا تىزىملىتىپ ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئېلان قىلىش لازىم.

2) باي ناھىيەسىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ھەر قايسى كەسىپ ۋە ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئەزا ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش يولغا قۇيۇش چارىسى»دىكى تەلەپ بويىچە، تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئورۇن، شۇ سىستېمىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، مەسئۇلىيەت بويىچە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، شۇ كەسىپ، شۇ سىستېمىنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئاكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىرلەشمە يىغىنىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇچۇر يىغىش، ئاشكارىلاش، سان سېفىرنى بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش، سان سېفىردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئەزا ئورۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەلىلەپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ھەل قىلىپ، خىزمەتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

 

                                 

                                                 2016- يىل 5- ئاينىڭ 11- كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号