نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

سېغىنىش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 06 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ، سائەت11:23    كۆرۈش :  

پەرىزات پولات ئامانيار

   

     ئايدىڭ كېچە دېرىزە تەكچىسىگە تايىنىپ ئايغا باققىنىمچە خىيال قاينىمىغا شۇڭغۇپ، غايىبانە سېغىنىشىمنىڭ ئەبەدىيلىك مېھمىنى بولغان سەن بىلەن سىردىشىۋاتىمەن. شۇ تاپتا بارچە ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراپ جاھاننى كېچىنىڭ تەنھا مېھمىنى ئەمەسلىكىمگە ئىشەندۈرگۈم كېلىۋاتىدۇ، چۈنكى كۆزۈڭ كۆزۈمگە، قەلبىم قەلبىڭگە ھىمىرلاش ئىدىكى، ھەرقانداق كۈچنىڭ بۇ بىرىكىشنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس!

    جىسمىمنى ئەركىگە قويۇۋەتسەم، ئۇ بەئەينى ئەركىن قۇش. بىراق روھىم سەن بىلەن چىگىلگەن، بۇ چىگىلىشتىكى سېھرىي كۈچنى قەلبىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنى بارلارلا چۈشىنىدۇ، ئۇشبۇ سىرلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلىسەم سۆزلىرىم ناخشىغا ئايلىنىدۇ، قەغەزگە قوندۇرسام شېئىر بولۇپ ئوقۇلىدۇ.

    سەن قەلب ئالىمىمدىكى بۈككىدە ئورمان، كۆپكۈك دېڭىز، بۇلۇتلۇق ئاسمان، قۇياشلىق كۈندۈزسەن! كېچىنىڭ تىمتاسلىقى روھىمدىكى، قەلب ئالىمىمدىكى ۋاڭ – چۇڭنى يالغۇزلۇققا باشلىيالمايدۇ. نېمىشقا دەمسەن؟ چىن ئەقىدىنىڭ، ساداقەتنىڭ يىپلىرىنى يۈرىكىگە باغلىغان، ئۆزىنىڭ چىنلىق بابىدا سۇغۇرۇلغان مۇھەببەت چەشمىسىنى ئاشىقىغا سۇنغان يۈرەكتە نە تەشۋىش، نە ئۈمىدسىزلىك بولسۇن؟

    خىياللىرىمدا سەن بولغاچقىلا چۆللىرىمنىڭ بوستانلىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا، ھامان ئابى زەمزەملەر نىڭ چاڭقاقلىقىمنى قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپتىمەن. مۇھەببەتلىك قەلبىنى غايىبانە بىراۋغا ئەسىر قىلدۇرغان ھەربىر جاننىڭ كېچىدە ئۆزىگە تۇشلۇق ھېكايسى بولىدۇ، لېكىن كېچىنىڭ تىمتاسلىقى شېرىن ئارزۇلارنى بىخلىتىدۇ. شۇڭا ئۆزۈمگە دەيمەنكى، بۇ كېچە مەن تەنھا ئەمەس، ئۈمىدلىك خىياللىرىم ھامان ۋىسال ساھىللىرىدا ئۇچرىشىدىغىنىمىزدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号