نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

كۆڭۈل تامچىلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 06 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، سائەت12:39    كۆرۈش :  

مۇھەممەد شاۋۇدۇن

 قەشقەردە كۈز

 

ئاۋات پەسلى قەشقەرنىڭ ئەجەب

ئېتەك يايغان تالقان تۆكتى كۈز.

خۇش پۇرايدۇ دىماقنى يېرىپ،

ئالتۇن رەڭلىك چەكسىز دالا – تۈز.

يالتىرايدۇ كۈمۈش غوزەكلەر،

يەر يۈزىنى باسقان ئاق بۇلۇت.

باغلىرىدا مەي – قىيام بولغان

ئالما، ئانار، شاپتۇلا، نەشپۈت.

سانجاق – سانجاق مېۋىلەر ئەگكەن

شاخلار قالغان كۆتۈرەلمەي باش.

ئالما، ئانار چاقنار يۇلتۇزدەك

كۈن قىزىرىپ قارايغاندا قاش.

شاپتۇللاردىن خۇددى شەبنەمدەك

تامچىلايدۇ چىپىلداپ شەربەت.

يېسە ئۇنى ھۇزۇرلىنىپ جان،

قاچانغىچە تارايدۇ لەززەت.

ئەلگە داڭلىق قەشقەر ئانارى،

تەمى شېرىن، يوغان باشقىچە.

يۈرەكلەرگە داۋا شەربىتى،

ئەتىۋارلار قېرى – ياشقىچە.

توققۇزى تەل يۇرت گويا قەشقەر،

نېمەتلەرگە تولغان باياشات.

بولۇپ كېتەر بۇ ئەزىز ماكان

كۈزدە ئەجەب توقچىلىق، ئاۋات.

قەشقەر بازىرى

قايناق، ئاۋات قەشقەر بازىرى،

بېشى بارۇ، يوقتۇر ئاخىرى.

مىڭ تۈمەن خىل ئوقەت، مال بۇندا،

ئادەملىرى سودا ماھىرى.

بۇندا ئاددىي دوغچى، دوپپىچى،

باققاللارمۇ سەنئەتكار سۆزمەن.

تاتلىق، چۈچۈك، يېقىملىق، قىزىق

سۆزلىرىگە خېرىدار زوقمەن.

دۇكان، يايما ئالدىغا كەلسە،

مەيلى يوقمۇ بولار خېرىدار.

تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرسە گاھى،

قىلار گاھى سۆزلىرى خۇمار.

بۇندا بىر باش چامغۇر ئالساڭمۇ،

ئەستىن چىقماس كۆڭۈللۈك سودا.

مال ئەمەس ئۇ ئالغىنىڭ سېنىڭ،

بىلىنىدۇ بىر كۆڭۈل سوۋغا.

يوللۇق دوپپا

بولدى ماڭا ئەڭ ئېسىل يوللۇق

بادام دوپپا ھەممىدىن بەلەن.

خوپ ياراشتى دوپپا ئەجەبمۇ،

ئەجدادلارغا ئوخشىدىم ئەينەن.

تاج كىيگەندەك بولدۇم مەن گويا،

كىردى ماڭا باشقىچە سۆلەت.

بېغىشلىدى قەشقەر دوپپىسى

قامىتىمگە شاھانە سۈپەت.

خوش دېمىدىم

ئاشىق پەقەت قىيالمىغاندەك

ئايرىلىشقا ئەزىز يارىدىن.

قىيالمىدىم ئەزىزانە يۇرت

قەشقەرىمنىڭ گۈل دىيارىدىن.

تۈگەپ قىزىق سەيلە پەقىرنىڭ

بولۇپ قالدى، ئاھ، كېتەر چېغى.

كەتكۈزگىلى قويمايدۇ لېكىن،

قويۇپ بەرمەي يۈرەكنىڭ بېغى.

كۆڭۈل نازۇك رەنجىتىپ بولماس،

رايىغا باقماي نە ئامال ماڭا.

كۆڭلۈم قالدى سەندە ئەزىز يۇرت،

قايتتىم شۇڭا خوش دېمەي ساڭا.

توغراق

ئالتۇن كۈز سېنىڭ ئىكەن توغراقلىرىم،

بولۇپتۇ پۈتۈن – سۈرۈك ئالتۇن بويۇڭ.

كىمخاب تون يېپىنىپسەن ئۈستۈڭگە سەن،

بولغاندەك بىر چىرايلىق كۈزدە تويۇڭ.

شاھ سۈپەت قىپتۇ سېنى شاھانە تون،

قېتىلىپ خىسلىتىڭگە توققۇز خىسلەت.

ئوتقاشتەك ۋالىلدايسەن شەپەقتە سەن،

ئاھ، سېنىڭ گۈزەللىكىڭ يۇرتقا زىننەت.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号