نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

2016 – يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت16:51    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕94-نومۇرلۇق

 

2016-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «2016-يىللىق روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ھ ئى تېلېگرامما 〔2016〕184-نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2016-يىللىق روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

2106-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزا ھېيت، ناھىيەمىزدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 7- ئاينىڭ 6 – كۈنى (چارشەنبە ) 1 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) ،ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زور تاسادىپىي ھادىسىگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە دەرھال مەلۇم قىلىپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىنىچ، خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

(بۇ ھۆججەت ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىلسا بولىدۇ)

 

 

                                                  2016 – يىل 6– ئاينىڭ 30 – كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号