نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

سەبىي قىزچاق بەك خۇشال

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 07 - ئاينىڭ 08 - كۈنى ، سائەت18:43    كۆرۈش :  

مۇھەممەد توختى سەببەت

 

 ئويۇن مېنى چاقىرار

ئويۇن مېنى چاقىرار،

كەڭ دالاغا چىققىن دەپ.

‹‹دوستلار يۈرەر نەلەردە،

قېنى چاپسان يىغقىن›› دەپ.

ئويۇن مېنى چاقىرار،

قېنى ئىتتىك كەلگىن دەپ.

بېكىنمىگىن ئۆيۈڭگە،

كەل قولۇڭنى بەرگىن دەپ.

ئويۇن مېنى چاقىرار:

ئۇنتۇمىغىن مېنىمۇ.

چېنىقتۇرۇپ تاۋلايمەن،

ساغلام قىلىپ سېنىمۇ!

رەسسام ئىكەن تەبىئەت

ئەجەب ئۇستا رەسسامكەن،

بۇ تەبىئەت.

نەگە نەزەر سالسىڭىز،

رەڭدار سۈرەت.

ئاسمانمۇ كۆك، دېڭىز ھەم،

ئورمان يېشىل.

تاغلار رەڭدار، باغلارمۇ ھەم،

گۈللەر قىزىل.

ئىكەن ھەر بىر گىياھنىڭ،

رەڭگى باشقا.

تۈگەپ كەتمەس ئىكەن ئەسلا،

رەڭ، بوياشقا.

ئۆگەنگەنمۇ رەسسام ئاكاش،

تەبىئەتتىن.

نەگە باقسا چېلىققان شۇ

ئۇز سۈرەتتىن.

كۆز ئالدىمدا تۇرار ئەنە،

ئىككى رەسسام.

تۈگىمەسكەن تەبىئەتنىڭ

رېڭى، باقسام...

سۈرەتتىكى قىزچاق

ئۆيىمىزگە ئېسىلغان،

ماۋۇ رەسىم.

ھەۋەس بىلەن قارايمەن،

ئاڭا دائىم.

سەبىي قىزچاق بەك خۇشال،

دوستلار بىلەن.

كەپتەر، ئۆردەك، كېپىنەك،

قۇشلار بىلەن.

مۇڭدىشىدۇ ھەركۈنى،

چۈچۈك تىلدا.

كېپىنەكنى قوندۇرىدۇ،

بۇدرۇق قولغا.

سورايدۇ ھەم ئۆردەكتىن،

ئاپاڭ يوقمۇ؟

تۇرىسەنغۇ مۈگدەپلا،

ئۇيقۇڭ كۆپمۇ؟

كۆك كەپتەرگە دەيدۇ ئۇ:

سايراپ بەرگىن.

كۆك ئاسماندا موللاقلاپ،

ئويناپ بەرگىن.

دېرىزىدىن چۈشەر قۇياش

نۇرى ئۆيگە.

جور بولغاندەك بۇ ئۆيدىكى

خۇشال كۈيگە.

ھېس قىلمايدۇ يالغۇزلۇقنى،

قىزچاق ئەسلا.

خاپا قىلماس ئاپىسىنى،

بولغاچ دوستلار...

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号