نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

جازالانغان شەھەر باشلىقى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 07 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ، سائەت11:54    كۆرۈش :  

     فېرولا لاگوردىيا نيۇ يورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مەزگىلىگە ئىقتىساد كاساتلاشقان ، ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغرا كېلىپ قالدى . گەرچە قىيىنچىلىق مەزگىلى بولسىمۇ ، شەھەر باشلىقى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بويى پاكار ، قايرىما ياقىسىغا ھەر دائىم قەلەمپۇرسىمان چىنىگۈل قادىۋالغاچقا نۇرغۇن نيۇ يورك ئاممىسى ئۇنى «غۇنچە شەھەر باشلىقى» دەپمۇ ئاتايتتى .

    «غۇنچە شەھەر باشلىقى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ گۈلگە ئوخشاش سۆيۈملۈك تەبىئىتى بار ئىدى . ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار بىلەن ئوت كەتكەن نەق مەيدانغا بارغان ؛ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز قاۋاقخانىغا بېرىپ تەرتىپ تۈزەشكە قاتناشقان ؛ پاراۋانلىق ئورنىدىكى يېتىم بالىلارنى ئېلىپ كالتەك توپ مۇسابىقىسى كۆرگەن ؛ شەھەر بويىچە مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەر ئىش تاشلىغاندا ئۇ شەخسەن رادىيو ئىستانسىغا بېرىپ بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

    1935-يىلى 1-ئاينىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ، شەھەر باشلىقى لاگوردىيا مەلۇم نامراتلار ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ سوتخانىسىدا پەيدا بولدى ، بۇ قېتىم ئۇ سودىيە بولماقچى بولدى .ياداڭغۇ چىراي بىر موماي بولكا ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى . موماي لاگوردىياغا قىزىنىڭ ئېرى بالىلىرىنى تاشلىۋېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ، قىزى ئېغىر ئاغرىق بولغانلىقتىن پۇل تېپىشقا ئامال يوق ئىكەنلىكىنى ، ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولكا ئوغرىلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .

    ئەمما بولكاخانا خوجايىنى ئەرزنى قايتۇرۋېلىشنى رەت قىلدى .

   -بىزنىڭ بۇ يەردە ئوغرىلىق ئەۋج ئېلىپ كەتتى، -دېدى خۇجايىن شەھەر باشلىقىغا،-ئۇ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك، بۇ باشقىلارغىمۇ ئىبرەت بولۇپ قالىدۇ.

    لاگوردىيا يېنىك ئۇھ تارتقاندىن كېيىن ، مومايغا مۇنداق دېدى:

   -سىزنى جازالىشىم كېرەك ، چۈنكى قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر . ھازىر تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم ئېلان قىلىمەن . 10 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەيسىز ياكى 10 كۈن قاماپ قويۇلىسىز.

    ئەمما ئۇ ھۆكۈمنى ئېلان قىلىپ بولۇپ ، قالپىقىنى ئېلىپ يانچۇقىدىن 10 ئامېرىكا دوللىرىنى چىقىرىپ سالدى-دە:

    -بۇ ماڭا قويۇلغان 10 دوللار جەرىمانە ، مەن تېخى مۇشۇ مەيداندىكى بارلىق مەمۇرى خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە 50 سىنت جەرىمانە قويىمەن . چۈنكى بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ موماي بولكا ئوغۇرلاش ئارقىلىق نەۋرىلىرىنىڭ قوسۇقىنى تويغۇزماقچى بولغان . بۇ جەرىمانە پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى جاۋاپكارغا بېرىش كېرەك،-دېدى .

    ئىككىنچى كۈنى ، نيۇ يورك شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك گېزىتلىرىدە مۇنداق خەۋەر بېسىلدى:

    بولكا ئوغرىلاپ نەۋرىلىرىنى تويغۇزماقچى بولغان موماي 47.5 سىنتقا ئېرىشتى . بۇ پۇل شەھەر باشلىقى لاگورىيا ۋە بىر نەچچە مەمۇرىلارغا قويۇلغان جەرىمانە پۇلىدىن باشقا ، بولكاخانا خوجايىنى ئىئانە قىلغان 50 سىنت ، بىر قىسىم ئۇرۇشقان، قاتناش ۋەقەسى قاتارلىق يېنىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سوت ھۆكۈمىنى كۈتىۋاتقان نەق مەيداندىكى كىشىلەر ئىئانە قىلغان 50 سىنتمۇ بار.

    شەھەر باشلىقى لاگوردىيا قانداق قىلىپ ئامما قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىدى ؟ بۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «خەلق چاكىرى بولۇش » شۇئارىنى ئاغزىدىلا توۋلىماستىن ، بەلكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىدىن بولدى.

 

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

 

 

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号