نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

ئادەمگە كۆپ نەرسە كېرەك ئەمەستۇر

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 05 - كۈنى ، سائەت16:20    كۆرۈش :  

تاھىر تالىپ بەكتور

 

كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئادەمگە ئەسلا،

بەلكى كۆپ ئىشلارغا كېرەكتۇر ئادەم.

ئەدناسى: گۈل – گىياھ ۋەيران ئادەمسىز،

ئەڭ چوڭى: ئاسمانغا تېرەكتۇر ئادەم.

كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئادەمگە ئەسلا،

ئاخىرى، بىر غۇلاچ گۆرلۈك كۇپايە.

ئاقىللار ھەتتاكى نەپىسىنى يىغىپ،

ئۆزىنى شۇ گۆردىن قىلار ھىمايە.

كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئادەمگە ئەسلا،

بىر كۈندە ئۈچ زاغرا بەستۇر ياشاشقا.

لېكىن كۆپ چاغلاردا ‹‹شەيتان دەۋىتى››،

ئۈندەيدۇ بۇلاشقا، جۆندەش، غاجاشقا.

ئادەمگە كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئەسلا،

ئالەملىك بولمايدۇ چىشلەپ تاپقىنى.

ھالاللىق تۈپەيلى سىڭەر، يارىشار،

ھەر كىمنىڭ تەر تۆكۈپ ئىشلەپ تاپقىنى.

كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئادەمگە ئەسلا،

ھەممىنى ئالساممەن دەيدۇ بەزىلەر.

تاغلارمۇ بوپ قالسا گۆش ۋە يا ئالتۇن،

ئاغزىمغا سالساممەن دەيدۇ بەزىلەر.

كۆپ نەرسە كېرەكمەس ئادەمگە ئەسلا،

بەلكى كۆپ ئىشلارغا كېرەكتۇر ئادەم.

لېكىن، شۇ كېرەكلىك نى – نى ئادەمگە،

‹‹شەيتاننىڭ دەۋىتى›› ئەپكەلدى ماتەم.

بەكمۇ كۆپ ئىشلارغا كېرەكتۇر ئادەم،

ئەگەشمەي ياشىسا نەپسى – بالاغا.

كەينىدىن ئوق يېگەن ‹‹شەيتان كۈچىكى››،

ياتمامدۇ، قاراڭلار گۆشرەڭ دالاغا.

ھەممىگە، ھەر يەردە كېرەكتۇر ئادەم،

ھەتتاكى ئالەمگە تىرەكتۇر ئادەم.

كۆڭلىدە ئازدۇرار شەيتان بولمىسا،

ھەتتاكى ئالەمگە يۈرەكتۇر ئادەم.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号