نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

ئۇيغۇر تېبابىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ، سائەت12:21    كۆرۈش :  

مەتقاسىم مەتنىياز

 

ئۇلۇغ خەزىنىدۇر ئۇيغۇر تېبابىتى،

دەرتلەرگە داۋادۇر ئۇيغۇر تېبابىتى.

شىپالىق دورىلىرى نۇردەك تارالدى،

كەڭ جاھانغا مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابىتى.

قەدىمقى يۇلتۇزىمىز ئەلى ئىبىن سىنا،

چاقنىدى ئىز قالدۇرۇپ كۆپ ھەكىم – دەنا.

ئاشۇ يولنى كېڭەيتىپ كەلدۇق بىز مانا،

ئۈزۈلمەس ئېقىندۇر ئۇيغۇر تېبابىتى.

تەبىئەت گۈل – گىياھ سىرىنى سۆزلەيدۇ،

تۇمۇرلار ئىنساننىڭ رەنجىنى دەيدۇ.

تىرىشچان روھىمىز چارە ئىزدەيدۇ،

تەنگە شىپا ماغدۇر ئۇيغۇر تېبابىتى.

ئامالسىز ئاغرىقلار كەلسە ئاھ ئۇرۇپ،

ئەملىسەك كۆيۈنۈپ رېتسىپ ئاختۇرۇپ.

زەئىپلەر جانلىنىپ كۈلگەي تىك تۇرۇپ،

ئەلدىن كۆپ تەشەككۈر ئۇيغۇر تېبابىتى.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号