نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

پاكىز يۇيۇلمىغان كىيىم

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ، سائەت11:01    كۆرۈش :  

     بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ :

   -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالماپتۇ . قاراڭ ، ئۇ كىيىملەردە بىر قەۋەت توپا-چاڭ باردەكلا، -ئۇ سۈت ئىچكەچ يولدىشىغا سۆزلەپلا كەتتى، -ئۇنىڭ كىر يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس ئوخشايدۇ ، يا بولمىسا كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى توغرا ئىشلىتەلمىدى. قارىسىغۇ ياشمۇ ئەمەسكەن ، كىر يۇيۇشتەك ئاددى ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلالمىغان بارمۇ؟

     مارىنىڭ ئېرى دېرىزە سىرتىغا قاراپ قويۇپ ، ھىچنىمە دېمىدى .

    بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مارى يولدىشى بىلەن ناشتىغا ئولتۇرغىنىدا ، يەنە قوشنىسىنىڭ يېيىپ قويغان كىيىملىرىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى .

   -دېفنو خانىم كىرلىرىنى يەنە پاكىز يۇماپتۇ ، كىر يۇيۇش ماشىنىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى كىر يۇيۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمىدۇ؟  -مارى قوشنىسىنىڭ يۇيغان كىرلىرىگە ئاۋالقىغا ئوخشاش باھا بەردى . ئۇنىڭ يولدىشى بولسا بۇرۇنقىدەكلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .

    شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ، مارى قوشنىسىنىڭ يېيىپ قويغان كىيىملىرىنى كۆرسىلا ئوخشاش بىر سۆزنى تەكرارلاۋەردى.

    بىر ئايدىن كېيىن ، ئەر خوتۇن ئىككەيلەن يەنە ناشتىغا ئولتۇرغىنىدا ، مارى قوشنىسىنىڭ ئېسىپ قويغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ:

   -قاراڭ ، دېفنو خانىم كىر يۇيۇشنىڭ توغرا ئوسۇلىنى ئاخىرى ئۆگىنىۋاپتۇ ، بۇ قېتىم كىرلارنى بەك پاكىز يۇيۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا كىر يۇيۇش ئۇسۇلىنى كىم ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇسۇلىدا قانداق مەسىلە باكىن تاڭ ،-دېدى.

    بۇ قېتىم يولدىشى ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:

    -بۈگۈن ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ ، ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىلىرىنى سۈرتىۋەتتىم.

     ھىكمەت: مەسىلىنى باشقىلاردىنلا ئىزدىمەي، ئۆزىڭىزدىنمۇ ئىزدەپ كۆرۈڭ.

 

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号