نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

سۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ، سائەت11:24    كۆرۈش :  

مۇھەممەترېھىم تۇرسۇن سۈبھى

 

ئاقىسەن كۈمۈش سۇ دولقۇنلار ئۇرۇپ،

ئىھ، تەشنا ئېتىزغا كۈلۈپ ئالدىراپ.

مايسىلار، يىلتىزلار شاتلىقى ئۆزۈڭ،

سىڭىسەن زىمىنغا قان بۇلۇپ تاراپ.

سەن بىلەن بۇ ۋادا، مۇنبەت ئېتىزلار

بولىدۇ ئاشلىققا، مېۋىگە باي كان.

چۆللەرمۇ ئويغىنىپ جىلۋە قىلىشىپ،

ھاياتلىق بېغىغا سالار داستىخان.

سەن بىلەن كېچىلەر ئۆتىدۇ پارلاپ،

لامپۇچكا – چىراغتىن كۈچۈڭنى كۆرۈپ.

مېزىلىك ئاش – ناننىڭ ئۇنىدىنمۇ ھەم،

تۆھپەڭنى كۆرىمىز لەززەتلەر سۈرۈپ.

ئاق ھامان كۈمۈش سۇ دولقۇنلار ئۇرۇپ،

ئانا يۇرت بوستانىم بايلىقى ئۆزۈڭ.

نى ئۇلۇغ ئارزۇلار پۈتىدۇ سەندىن،

ھاياتنىڭ بەختىيار شاتلىقى ئۆزۈڭ.

 

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号