نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

ئانا، بىزمۇ سەھراغا بارايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ، سائەت11:07    كۆرۈش :  

 رەشىدە سىيىت

 

     غالىب مەكتەپتىن يېنىپ ئۇدۇل ئۆيگە كەلدى. ئۇ يولدا يۈگۈردىمۇ ياكى سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئانىسىدىن بىرەر مەسىلىنى سوراپ بىلمەكچى بولغاندەك ئانىسىغا قارىدى. ئانىسى غالىبنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكىدىن خۇش ئىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇسا ياكى تېلېۋىزور كۆرسە ئۆزى چۈشەنمىگەن سۆز-ئىبارىلەر، ۋەقە ھادىسىلەرنى ئانىسىدىن ياكى دادىسىدىن سورايتتى. لېكىن بۈگۈن ئانىسىغا نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ تېلېۋىزورنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كەتكەن بولۇپ، غالىبقا قارايدىغان كۆزىمۇ يوق ئىدى. غالىب ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپمۇ قويمىغانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ سومكىسىنى گىلەمنىڭ ئۈستىگىلا تاشلىدى-دە:

     ئانا مەن كۆكباش يەيمەن، ماڭا كۆكباش ئېلىپ پۇچۇلاپ بەر، — دەپ ۋارقىرىدى. ئانىسى چۆچۈپ كەتتى.

     ھەجەپ تۇيۇقسىز ۋارقىراپ يۈرىكىمنى قوزغىۋەتتىڭ، نېمە يەيمەن دېدىڭ؟ ھە، قوناق، كەل، كىلە بالام، ـــ ئانىسى غالىبنىڭ يۈزلىرىدىكى توپا-چاڭنى سۈرتتى، ـــ سەن ھازىر ئىككىنچى سىنىپقا كۆچتۈڭ، دېمەك سەن چوڭ بولدۇڭ، بۈگۈن ئۆيدە قوناق يوق، مەن بازاردىن ئېلىپ كېلىپ ساڭا قازاندا پىشۇرۇپ بېرىمەن. ھازىر تامىقىڭنى يەپ ياتاق ئۆيۈڭگە كىرىپ تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلە بولامدۇ؟ — غالىب پۇتىنى يەرگە ئۇردى.

     قوناق، قوناق دەۋېرىدىكەنسەن، مەن مۇنداق كۆكباش يەيمەن! — ئانىسىنىڭ كۆزى يەنە ئېكراندا ئىدى. ئۇنى شۇنچە ئەسىر قىلىۋالغان قانداق كىنوكىنە؟ ئۇ قولىنى چاي شىرەسىنىڭ ئۈستىدىكى مېۋە تىزىلغان خىرۇستالغا ئۇزىتىپ باناندىن بىر تال ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.

     قارا بالام، قوناقمۇ، كۆكباشمۇ ئىككىسى ئوخشاش، مە ماۋۇنى يېگىن، مەن ئەتە سەن دېگەندەك ئوتتا پۇچۇلىغان قوناق ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟ — غالىب ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قاغىش قىلدى. ئۇ قولىدىكى كۆكباشنى ئانىسىغا كۆرسەتتى.

     ياق، مەن ئۇنداق قوناقنى يېمەيمەن، مانا مۇنداق كۆكباش يەيمەن، — غالىب دوستلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدە سەھراغا بېرىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئويناپ كېلىدىغانلىقىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرسىمۇ ئۇ تېخى سەھراغا بېرىپ باقمىغان ئىدى. قايسى كۈنى غالىب بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشى ئەكبەرنىڭ قىزارتىپ پۇچىلانغان، بەزى يەرلىرى ئازراق كۆيۈپ كەتكەن بىر باش كۆكباشنى ئېلىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. غالىب ئۆمرىدە ئۇنىڭدەك مېزىلىك پۇراقنى پۇراپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئەكبەرنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالغان بولۇپ، ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغلىپ كەتتى.

     ھەي ئاداش قوناق يەۋاتامسەن؟ — ئەكبەر ئىشتىھا بىلەن كۆكباشنى بىر ئىككى قاسىغاندىن كېيىن:

     كۆكباش يەۋاتىمەن، سەن يەپ باقمىغانمۇ؟

     مەن سۇدا پىشۇرغاننى يېگەن، سېنىڭ يەۋاتقىنىڭ؟

     مەن ئوتتا پۇچىلىغاننى يەۋاتىمەن، سەھرادىن تۇغقانلار بىر تاغاردا ئېلىپ كەپتىكەن. ئەتىگەن ئانام ئوچاققا ئوت قالاپ قوقاستا پۇچىلاپ بەردى. يەمسەن؟ —غالىب ئەكبەرگە قاراپ ماقۇل دېگەننى بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى. لېكىن ئۇنىڭ خىيالىدا قوناقنىڭ ئوتتا قاقلانغىنىنى كۆكباش دەيدىغان ئوخشايدۇ دېگەن نەرسە ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇ ئەكبەر بەرگەن بىر تال كۆكباشنى مەززە قىلىپ يېدى.

    ئەكبەر يېزىدا تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەر تەتىلدە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى باغنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان كۈچۈكنىڭ يامانلىقى، سېرىق ئاسلاننىڭ چاشقان تۇتۇشتىكى ماھارىتى، ئۆزىنىڭ بويى يەتكۈدەك تامنىڭ قىسلاچلىرىدا قۇچقاچ ئۇۋىلىرىنىڭ بارلىقى، ئايۋاننىڭ تۈۋرۈكلىرىدىكى قالغاچ ئۇۋىلىرىدا قالغاچ بالىلىرىنىڭ ۋىچىرلاپ سايراپ تۇرىدىغانلىقى، ئانا قارلىغاچنىڭ ئۆيدە ئادەملەر بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇچۇپ يۈرۈپ بالىلىرىغا يەم توشۇيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ شۇ ئۆيدىكى ئاكىسى بىلەن جاڭگالغا قوي باققىلى بارغانلىقى، قويلارنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ كىتاب ئوقۇپ، تېپىشماق ئېيتىپ، ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقى، يەنە ئۆستەڭلەرگە بېرىپ سۇغا چۆمۈلۈپ پۈتۈن بەدىنىگە لاي سۇۋاپ «لاي ئادەم» بولغانلىقى، بەزىدە تېخى قوغۇنلۇققا بېرىپ ساتمىدا ئولتۇرۇپ قوغۇن ساقلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. غالىب بۇلارنى ئاڭلاپ خۇددى ئەكبەر بىلەن سەھراغا بىللە بېرىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا بولدى. ئۇ چۈشتىن كېيىن دەرستىن يانغاندا ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. ئىككى ھارۋىغا دۆۋلەپ بېسىلغان ياپيېشىل قوناق شېخىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقانلار ئىككى دېھقان بالىسى ئىدى. ئۇ ئوغۇل بالىلار شاخلارنى يول بويىدىكى بىر چوڭ دەرۋازىلىق ئۆينىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. شاخلاردا ئارىلاپ-ئارىلاپ چۇچىلىرى قارايمىغان كۆكباشلار ئۇچراپ قالاتتى. غالىب كۆكباشتىن بىرنى ئاۋايلاپ بەك تەستە ئۈزدى. ئۇ يېنىدا كۈلۈپ قاراپ تۇرغان ھېلىقى دېھقان بالىنى كۆرۈپ سەل خىجىل بولدى-دە، ئۇنىڭغا قاراپ:

     بۇنى ئالسام بولامدۇ؟ — دېدى. بالا پىشانىسىدىكى تەرىنى سۈرتكەن بىر باغ شاخنى ئۆشنىسىگە ئېلىۋېتىپ:

     بولىدۇ، ئۇنى نېمە قىلىسەن، تېخى دان تۇتمىغان، — دېدى. شۇ چاغدا غالىبنىڭ خىيالىدىن ئۆزىنىڭ كۆكباش بىلەن قوناق ھەققىدىكى مۈجمەل ئوي كەلدى-دە، دەرھال دېھقان بالىدىن:

     كۆكباش بىلەن قوناق ئوخشىمامدۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.

     دېھقان بالا شاخنى ھويلىنىڭ تېمىغا يۆلەپ تۇرۇپ:

    ـــ قولۇڭدىكىدەك پالاڭلىرى كۆك، تولۇق دان تۇتقان، لېكىن تېخى پىشمىغان دانلىرىدىن سۈت چىقىدىغىنى كۆكباش بولىدۇ. شېخىدىن تارتىپ پىشىپ سارغايغان دانلىرى تاشتەك قاتقىنى قوناق بولىدۇ. ئۇننى ئەنە شۇ قوناقتا تارتىمىز. لېكىن كۆكباشتا ئۇن تارتقىنى بولمايدۇ، ـــ دېدى. غالىب ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ دېھقان بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ تېخى دان تۇتمىغان كۆكباشتىن يەنە بىرنى ئۈزەي دېۋىدى، ھويلىدىن ئاپئاق ساقال بىر ئادەم چىقتى-دە، ۋارقىراپ كەتتى:

    ـــ ھوي بالامۇي، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇ قويلارنىڭ رىسقى، قوي دېگەن سەن بىلەن مەندىن پاكىز، بۇ شاخلارنى دەسسەپ چەيلىۋەتسەڭ ئۇلار قانداق يەيدۇ؟ سەن مۇشۇنى دەيسەنغۇ مە، ئالە، ـــ دېگىنىچە غالىب ئۈزمەكچى بولغان كۆكباشنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. غالىب كۆكباشنىڭ تېشىدىكى يېشىل پالاڭلىرىنى بىر-بىرلەپ سويۇپ خۇشاللىقىدا سەكرەپ كەتتى. سۈتى تەپچىرەپ تۇرغان دانلار مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ بايا ئانىسىغا كۆرسەتكەن كۆكباش شۇ ئىدى. ئۇ ئامالسىز ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە تۇتۇندى. ئۇ كەچتە دادىسى ئىشتىن كەلگەندە «دادا بىزمۇ تەتىلدە سەھراغا بارايلى» دېمەكچى ئىدى. نېمىشقىدۇ سەل ئويلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يىراق بىر سەھرادا تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى. ئۇ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن يىلى تۇغۇلغان كۈنىدە دەل سەھرادىن تۇغقانلىرى كەلگەن ئىدى. ئاپىسى ناخۇش ھالدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى ئىككى بالىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، باشلىرىغا كىچىك تۇماقلارنى چۆكتۈرۈپ كىيىۋالغان بۇ بالىلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئادەتتىكىچە ئىدى. بۇ بالىلار غالىب بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولسىمۇ ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ ھېچبىرى يارىمىدى. ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيى مېھمان بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بوۋا-مومىلىرى، تاغا ھاممىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يېزىدىن كەلگەن بالىلار ناھايىتى كەپسىز ئىدى. ئۇلار ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئويۇنچۇقلارغا قاراپ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتالمىدى-دە، ھېلى ئۇنى تۇتسا، ھېلى بۇنى تۇتاتتى. بىردەمدە سۇ پۈركۈيدىغان تاپانچىنى بۇزدى. يەنە ئېلىكترونلۇق چالغۇنىڭ ئاۋازىنى چىقماس قىلىپ قويدى. چوڭلارمۇ ئۆزلىرى بىلگەنچە ھەپىلىشىپ ئۇنى ئوڭلىيالمىدى. غالىپ قاتتىق ۋارقىراپ يىغلىغان پېتى ئۇنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئېتىۋەتتى. مېھمانلار خىجىل بولۇشتى. سەھرادىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئانىسى ھۆزۈر قويۇپ دېمىگەنلىرى قالمىدى. بالىلىرىنى سىلكىشلەپ دوق قىلدى. ئۇ بالىلارمۇ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدى. چوڭلارنىڭ ئارامى بۇزلدى. قىسقىسى، غالىبنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتمىدى. ئانىسى قاپاقلىرىنى سېلىپ ئاشخانىدىن چىقمىدى.

    غالىبنىڭ بوۋىسى ئۇنىڭغا كايىدى:

     سەن بەغرەز بالا شۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلاپ ئۆينى بېشىڭغا كىيەمسەن؟ قارا ئۇلارنىمۇ يىغلاتتىڭ، ئۇلار شۇنچە يىراق سەھرادىن سېنى تۇغقۇنۇم دەپ يوقلاپ كەلگەن تۇرسا، سەن ئۇلارنى رەنجىتتىڭ، ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭگە مېھمان، بۇنى بىلەمسەن؟ — دېدى. غالىب بۇلارنى ئويلاپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. كەچ كىرگەندە ئۇنىڭ دادىسى ئىشتىن كەلدى. ئۇ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۆزىنىڭ سەھراغا بېرىپ ئويناپ كەلگىسى بارلىقىنى ئېيتتى. دادىسى:

     غالىپ ئوغلۇم، ئەمدى چوڭ بوپسەن، تۇغقانلارنى سېغىنغان ئوخشىمامسەن، ئۇ سەھرانى ۋە سەھرادىكى تۇغقانلارنى خىجىلچىلىق ئىچىدە قاتتىق سېغىنغان ئىدى. ئۇ دادىسىدىن سەھرا ھەققىدە، تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرى، بالىلىرى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى. دادىسى ئۇنىڭغا سەھرا ھەققىدە ئۇ ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ھەم يازلىق تەتىلدە سەھراغا ئاپىرىدىغنالىقى ھەققىدە ۋەدىمۇ بەردى. غالىب ياتاق ئۆيىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. ئۇ سەھراغا بارسام نۇرغۇن دوستلارنى تۇتسام، ئۇلار بىلەن ئوينىغان، كۆرگەن، بىلگەنلىرىمنى قايتىپ كېلىپ ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلەپ بەرسەم...دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتى. ئۇ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. «ھېلىقى ئىككى دوستۇمغا بىرەر نەرسە ئېلىپ بارسام بولاتتى. ئۇ نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئويلىدى. ئاخىرى ئۇلارغا بىردىن ھېكايە كىتاب ۋە ئېلېكتىرونلۇق چالغۇدىن بىرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. ئۇ ئاشۇنداق شېرىن خىياللار ئىچىدە ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقۇدەك، قولىدا تەييارلىغان سوۋغاتلار تۇرغۇدەك. زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا يېشىللىققا تولغان ئېتىزلار، مېۋىلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن باغلار، گۈللەر بىلەن ئورالغان كۆجۈم، سەھرا مەھەللىرى ۋە ئويناۋاتقان بالىلار... ئۇ بىر كەمدە ھېلىقى بالىلارنى كۆرۈپتۇدەك ھەم قولىنى پۇلاڭلىتىپ «ھوي ئاداشلار، مەن كەلدىم! مەن كەلدىم!» دەپ ۋارقىراپتۇ. بالىلارمۇ ئۇنى كۆرۈپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ «ھوي...ھوي...» دەپ توۋلىغۇدەك. شۇ چاغدا ئۇ يوتقان بىلەن بىللە پولنىڭ ئۈستىگە دومىلاپ چۈشتى-دە، ئويغىنىپ كەتتى.

 

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号