نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

ئاشۇ كۈنلەردە

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 05 - كۈنى ، سائەت11:17    كۆرۈش :  

(ھېكايە)

ئەركىن سابىر

 

     ئاپتوبۇس خەتەرلىك چوققىلاردىن ھالقىغاندىن كېيىن بارغانچە تۆۋەنلەپ، بىر ئېقىننى بويلاپ ماڭدى. تاڭ يورۇپ، ئۇپۇق ئاقارغان بولسىمۇ، تاغ ئارىسى يەنىلا گىرىمسەن ئىدى. ئاپتوبۇس بىر خىل رىتىمدا گۈرۈلدەيتتى، يان تەرەپتە ئەركىن ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان تاغ سۈيىنىڭ شاۋقۇنى گاھ كۈچلۈك، گاھ سۇس ئاڭلىناتتى.

   يولدا ئايلانما كۆپ بولغاچقا، ئاپتوبۇس ھېلى ئۇيان، ھېلى بۇيان ئەلەڭلەيتى، ئاپتوبۇس ئىچىدىكىلەر شۇنىڭغا ئەگىشىپ چايقىلاتتى، لېكىن ھېچكىم خەتەر ھېس قىلمايتتى. كېچىدىن بۇيان تىك، خەتەرلىك چوققىلاردىن ھالقىغىچە ئۆپكىلىرى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغان يولۇچىلارنىڭ يۈرىكى ئەمدى ئىزىغا چۈشۈپ، مۈگدەشكە باشلىغانىدى. پەقەت دىلەيسەلا ئويغاق ئىدى. ئۇ ھاياجانلانغىنىچە خىيالغا چۆمۈپ ئولتۇراتتى. ئون نەچچە يىل مۇقەددەم ئۇ مۇشۇ يول بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكەن، ئەمدى يەنە مۇشۇ يول بىلەن قايتىپ كېلىۋاتاتتى.

   ‹‹ھېلىقى قېرى دەللە ھازىرمۇ بارمىدۇ؟›› دەپ ئويلايتتى ئۇ. شۇ چاغلاردا ئاشۇ ‹‹قېرى دەللە›› ئۇنىڭغا كۈن بەرمىگەن، ئۇ قېرىنىڭ دىلەيسەگە سالغان ئازابلىرى ئاز ئەمەس. دىلەيسە شۇ چاغدا كۆيۈمچان ھاممىسىنى تاشلاپ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

   دىلەيسە شۇ كۈنلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ چاغدا ئىككىنچى قېتىم ئەرگە تەگكەن، نىكاھ ئوقۇلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئېرى قابىز ۋايساپ، ئۆزىنىڭ قىز ئەمەس جۇۋان ئالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەنىدى.

   ـ نېمە دەيدىغاندۇ؟ ئەمدىلا ئون يەتتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىز قانداق قىلىپ جۇۋان بولىدۇ؟ دەپ ھەيران قالدى دىلەيسەنىڭ قېينئانىسى رەمتىلخان. كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ، دىلەيسەنىڭ بىر ئەرنىڭ ئۆيىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئۇقتى. دىلەيسە باشقا كەنتتىن ئىدى، ئانىسى قازا قىلغاندىن كېيىن دادىنىڭ قولىغا قېلىپ، بىر كۆزى قان، بىر كۆزى ياش يۈرگەندە ئۇنى ھاممىسى ئەكىلىۋالغانىدى، ھاممىسى ئۇنىڭ بىر ئەرنىڭ ئۆيىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنمىغانىدى.

   دىلەيسەنى ئەڭ دەسلەپ بۇرۇنقى قوشنىسى قۇۋانخان ئازدۇردى.

   ـ بىلەمسەن قىزىم، داداڭ ئۆيلەنمەكچى، ئۇ قوشنا كەنتتكى ئايجامالنى ئالماقچى، دېگەنىدى قۇۋانخان، ئەگەر ئۇ بۇ ئۆيگە قەدەم باسسا، سېنىڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ، ئۇ بىر ھازازۇل خوتۇن، چاچلىرىڭنى يۇلۇپ تاز قىلىۋەتمىسىمۇ، ئىشقىلىپ ئاز قويىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن بۇرۇن سەن بۇ ئۆيدىن كەت!

   ـ نەگە كېتىمەن؟ دېدى دىلەيسە ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي.

   ـ مېنىڭ تاغامنىڭ ئوغلى بىلەن كەت، ئۇ ساڭا كۆيۈنىدۇ.

   ـ تاغىڭىزنىڭ ئوغلى كىم؟ مەن ئۇنى تونىمىسام؟

   ـ تونىمىساڭ نېمە بوپتۇ، مەن تونۇشتۇرۇپ قويۇمەن؟

   قۇۋانخان شۇنداق دەپ، ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن بىر كېچىدە قاچۇرۇۋەتتى. ئۇ چاغدا دىلەيسە 15 ياشلاردا ئىدى، بۇ گۈدەك، ساددا قىز ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بەختسىز تۇرمۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە خېلى ئىززەتكە سازاۋەر بولغانىدى، لېكىن ئىككى يىلغىچە تۇغمىغانلىقتىن، ئېرىدىن ھارغىچە دۇمبا – تاياق يەپ، ئاخىر ئۆيدىن قوغلاندى. ئۇ ئەمدى نەگە باراتتى؟ دادىسى ئۇنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى ھار ئېلىپ، ئۇنىڭغا پەقەتلا چىراي ئاچمايتتى. ‹‹ئېگىسى يەكلىگەننى ئىتىمۇ يەكلەپتۇ›› دېگەندەك، ئۆگەي ئانىسى ئايجامال ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياتار يېرى سامانلىق بولغانىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ھاممىسى ئۇلارنى يوقلاپ باردى ۋە دىلەيسەنىڭ ھالىغا ئىچى ئاغرىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى. لېكىن ھاممىسىنىڭ ئېرى دىلەيسەنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ئەرگە بېرىۋېتىلدى. ئۇنىڭغا قېيىنئانا بولغىنى دەل ھېلىقى قېرى دەللە رەمتىلخانىدى.

   ـ ھۇ ئېشەكچىنىڭ قىزى، قىز ئەمەسلىكىڭنى ئېيتساڭ تىلىڭنى كېسىۋېتەمتى؟ دەپ دۆشكەلەيتى رەمتىلخان دىلەيسەنى. لېكىن ئۇ دىلەيسەنىڭ ئىشچان، پاكىزلىقىنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇڭا ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ:

   ـ نېمىگە داۋراڭ سالىسەن، سەنمۇ بىر ئۆيلەنگەنغۇ، نېمە بولاتتى، ئۆيۈڭنى پاكىز تۇتۇپ، سېنى ياخشى ئەر قىلسىلا بولغىنى! دېدى.

   بىراق سەككىز ئوغۇللۇق بۇ ئۆيدە دىلەيسە چوڭلىرىنىڭ كىر – قېتىدىن، كىچىكلىرىنىڭ پوق – سۈيدۈكىدىن جاق تويدى. ئېڭەكلىرىنى ساقال باسقان قېيىنئىنىلىرى بىر – بىرىدىن دودەن ئىدى، دىلەيسەنى ھېلى ئۇ ئىشقا، ھېلى بۇ ئىشقا بۇيرۇيتتى، گۈر – گۈر ۋارقىرايتتى. كىچىكلىرى بولسا دەرەختىن تامغا، تامدىن ئۆگزىگە يامىشىپ، ھويلا ئىچىنى قىيا – چىياغا تولدۇراتتى. دىلەيسە ئۇلارغا ھاي دەپ ۋارقىرالمايتتى، ۋارقىراپ قويسا، ئېرى ياكى قېيىنئانىسىدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلايتتى. شۇنداقلىقىغا قارىماي، بىرەرسى تامدىن يىقىلىپ چۈشسە ‹‹بالىلارغا ياخشى قارىمىدىڭ›› دەپ، ئۇنىڭ خاپىلىقى يەنە دىلەيسەگە بولاتتى. دىلەيسەگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى، ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن ھەممە ئەركەكنىڭ چېيىنى بېرىپ بولۇپ، ئورۇن – كۆرپىلەرنى يىغقىلى كىرەتتى، ئۆيلەرنى تازىلاپ بېسىقتۇراتتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا چايغا ئولتۇراتتى. بىراق ساقىلى بارلىرىدىن ئاۋۇ بەڭباشلىرىغىچە ئۈستباشلىرىدىكى ئەخلەت – چاۋالارنى قېقىشتۇرمايلا ئۆيگە كىرىپ ئېغىناپ، ھېلى تازىلىغان ئۆيلەرنى مەينەتچىلىككە تولدۇراتتى.

   رەمتىلخان دىلەيسەگە چېچىلىپ، ئىشنى پاكىز قىلماس بولۇۋالدىڭ، بۇرۇن ياسالمىلىق قىلىپ چېچەن پاكىز، ئىشچان بولۇۋاپتىكەنسەن، ئەمدى ئەسكى چاپاننىڭ مېزىدەك خۇيلىرىڭ چىققىلى تۇردى دەپ ۋارقىرايتتى.

   ـ قارا بۇ قېچىرنىڭ، ئۆي ئىچىلىرى تازىلاقسىز تۇرسا، شاپىلداپ چاي ئىچىپ ئولتۇرغىنىنى! ھاي، ئىشنى پاكىزلاپ قىلىپ، ناننى ھالاللاپ يە!

   ـ شۇ، ھازىر تازىلاپ چىققانىدىم، بالىلار مەينەت قىلىۋېتىپتۇ!

   ـ نېمە؟ ئەمدى مېنىڭ بالىلىرىمغا تىل تەگكۈزگىدەك بولۇۋاتامسەن؟! ھەي سەت قېچىر، سەن ئۆيلەرنى ئەخلەت قىلالىغۇدەك بالىلارنى تۇغۇپ، ئاندىن چوڭ گەپ قىل!

   دىلەيسە قېيىنئانىسىنىڭ ھە دېسىلا ‹‹قېچىر›› دەپ دۈشكەللىشىدىن جاق تويدى. نېمە ئامال، تۇغماسلىق ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس، خۇدا شۇنداق ياراتقانىكەن، ئۇنى نېمىشقا تىللايدۇ!

  بىر كۈنى دىلەيسەنىڭ ئاچچىقى راسا كەلدى، قېيىنئانىسى ئۇنى بەك سەت تىللىغانىدى.

    مەن سەن خەققە قۇللۇققا سېتىلغانما؟! دېدى ئۇ، بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن!

   ـ نەدە تۇرىسەن؟ ۋارقىرىدى رەمتىلخان.

   ـ كېتىدىغان يېرىمگە كېتىمەن!

دىلەيسە شۇنداق دەپ، نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۇدۇل ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. بىراق ھاممىسىنىڭ ئېرى قاپىقىدىن مۇز ياغىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ دىلەيسەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ يەنە بۇ ئۆيگە ئەكەپ قويدى. ئاق كۆڭۈل ھاممىسى دىلەيسەگە ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىۋېدى، ئۇنىمۇ نەچچە شاپىلاق سالدى. ئەسلىدە شۇ ئادەم دىلەيسەنى بۇ ئۆيگە بىر موزايلىق سېيىرغا ساتقانىدى. شۇڭا رەمتىلخان دىلەيسەنىڭ يامانلاپ كېتىشلىرىدىن قورقمايتتى.

   شۇ كۈنى كەچتە دىلەيسەنىڭ ئېرى قابىز ‹‹ئانام بىلەن گەپ تالىشىپسەن، تېخى يامانلاپ كېتىپسەن›› دەپ، دىلەيسەنى قاتتىق ئۇردى. دىلەيسە نالە قىلدى، زارلىدى. رەمتىلخان ۋە ئوغۇللىرى بۇ قىزىق تاماششادىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈپ ئولتۇردى. دىلەيسە ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ئارا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئېرىگە يالۋۇردى.

   مەن ئەمدى نېمە دېسەڭلارمۇ گەپ ياندۇرمايمەن، نېمە قىل دېسەڭلار شۇنى قىلاي! دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ بەدەنلىرى تاياق زەربىسىدىن كۆكەردى، پۇت – قوللىرى چۇل – چۇل بولۇپ كەتكەندەك ئاغرىيتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ تېخىمۇ تىنىمسىز ئىش قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۆي ‹‹دوزاخ›› بولغانىدى، ئۇ بۇ ‹‹دوزاخ››تا تىرىك كۆيۈۋاتاتتى. ئارىدىن بىر يېرىم يىلچە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھاممىسىنىڭ ياردىمىدە بۇ ‹‹دوزاخ››تىن قېچىپ كەتتى ۋە شۇ قاچقانچە بىراقلا تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى.

   دىلەيسە ھازىر دەل شۇ ‹‹دوزاخ›› بار يەرگە كېتىۋاتاتتى، ئەمما ئۇ نائىلاج ئىدى، ھاممىسى ئۇنىڭغا: ‹‹داداڭنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، تېز كەل›› دەپ خەۋەر بەرگەنىدى. دىلەيسەنىڭغۇ دادىسىغا ئۇنچە قىپ كەتكۈسىمۇ يوق ئىدى، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن دادا بولغاچقا، يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشمايمۇ تۇرالمىدى. ئۇ ھەر ھالدا دادىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم يۈز كۆرۈشۈۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

   ـ ئەمدى قورقما، دېدى ھاممىسى، سېنى بۇ ئەتراپتا ئانىي تاپىدىغان ھېچكىم قالمىدى.

   دىلەيسە شۇڭغىچە خۇددى كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىتىرەپلا ئولتۇراتتى، ئۇ ھېلىمۇ ھېلىقى ‹‹دوزاخ››نى خىيالىدىن چىقارمىغانىدى. بىراق ئۇ ‹‹دوزاخ››نىڭ قورقۇنچلىق يېرى قالمىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھاممىسىنىڭ ئېرىمۇ ۋە ھېلىقى قابىزمۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن. ‹‹دوزاخ››تىكى قالغان ئەركەكلەر پىتىراپ يوقالغانىدى. رەمتىلخانمۇ بۇ دەردلەرگە چىدىماي ئىچى خۇنغا تولۇپ ياتاتتى.

   دىلەيسە تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئېرى قابىز ھاممىسىنىڭ ئېرىنى ئىزدىگەن. ھاممىسىنىڭ ئېرى ئاچچىقىدا:

   ـ مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بىر خوتۇننى ئىلكىڭدە تۇتالماي، مېنىڭكىگە تامغا ئۈسكىلى كەلدىڭما، لامزەللە! دەپ تىللىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئاچچىققا چىدىمىغان قابىز ئىنىلىرى بىلەن كېچىدە يول توسۇپ، ئۇ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. كۆزىگە قان تولغان ئەخمەقلەر قانۇننىڭ جازاسىنى ئويلىمىغان – دە! شۇنداق قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ خۇنى بىلەن بىر ئائىلە ۋەيران بوپتۇ.

   دىلەيسە بىردىنلا بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى، ئۇ بۇ جاھاننىڭ ھامان ئېگىسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى.

   دىلەيسە ھاممىسىنىڭكىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەنە ھېلىقى تاغ ئارىسىدىكى يول بىلەن ئۆز ماكانىغا قايتتى، ئۇ يول بويى ھاممىسىنى ئويلاپ ماڭدى، ھاممىسىغا تارتىشقان بولسىمۇ، يەنىلا كەتمىسە بولمايتتى. چۈنكى ئۇنى ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن بەختلىك قىلغان، بارلىق قايغۇ – ئەلەملىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان ئېرى غازى رەھمان ئۆيىدە تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号