نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

ۋەتەن

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 05 - كۈنى ، سائەت16:25    كۆرۈش :  

دىلبەر غېنى

 

ئىزدىسەم جاھاندىن ۋەسلىمگە ئىمكان،

سۆيگۈگە چۆمدۈرگەن بەختىمسەن ۋەتەن.

تۇپرىقىڭ ئەزىزدۇر مەڭگۈ تۇتىيا،

قەددىمنى تىكلىگەن تەختىمسەن ۋەتەن.

ئانامدەك باغرىڭدا ئەللەيلەپ مېنى،

ئەجرىڭدىن تېنىمگە بەردىڭ كۈچ – قۇۋۋەت.

تۇپراقتا ئاينىغان گۈللەر مىسالى،

ۋەتىنىم سەن ئۈچۈن بەردىم مۇھەببەت.

ئادەملىك قەدرىمنى تاپتىم سېنىڭدە،

ئۆگەتتىڭ تاشلارغا سۆيگۈ بېرىشنى.

ۋىجدانىم غۇرۇرۇم يېتىلدى سەندە،

ئۆگەتتىڭ چۆللەرگە گۈللەر تېرىشنى.

سۆيۈشنى ئۆگەندىم، سۆيۈلدۈم سەندە،

سەن بىلەن قەلبىمدە مەڭگۈلۈك باھار.

زىمىستان باغلارنى قىلالماس خازان،

ۋەتىنىم قۇياشتەك مەڭگۈ نۇر چاچار.

 

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号