نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

ئاپئاق ئېچىلغان ئەتىرگۈل

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت11:33    كۆرۈش :  

ئابدۇرۇسۇل سېيىت

 

    

قەلەم تۇتۇپ مېنى باقىدىغان ئوڭ قولۇمنىڭ دۈمبىسىگە باشتا يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك بىر نەرسە پەيدا بولۇۋېدى، مۇنداقلا تاتىلاپ ساپتىمەن. بۇنى ئاز دەپ تىرىكچىلىكنىڭ ئايىغى چىقماس سەۋدالىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ بىچارە قولۇمنى سۇغىمۇ، ‹‹ئوت››قىمۇ تىقىۋېرىپتىمەن. نەتىجىسى قانداق بولدى دەڭ؟ قولۇمنىڭ ھېلىقى يېرى دوپپامدەك ئىششىپ، شەلۋەرەپ، مومامنى كۆرسەتتى. جان دېگەن تاتلىق نېمىكەن، ئاغرىقنىڭ كۈچىدە ئاسانلىقچە دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان مىجەزىمنى ئۇنتۇپ، شىپاخانىغا چاپتىم. شىپاخانا تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ بېلباس ئىسىملىك ياش دوختۇرى قولۇمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.

   ـ جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمايدىغان قانداق ئادەم سىز؟ قايناپ قالدى ئۇ، شۇنچىۋالا بوپ كەتكىچە نەلەردە يۈردىڭىز ؟

   ـ ئەنسىرىگىدەك ئىش يوقتۇ ئىنىم؟

   بېلباس كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا ئاچچىقى بىلەن بىر قارىۋېتىپ:

   ـ توقۇلمىلار كاردىن چىقىپتۇ، زەرداب تېرىدىن سۆڭەككە ئۆتكىلى قىل قاپتۇ، يەنە بىر ھەپتە كېچىككەن بولسىڭىز چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتىكەن،- دېدى.

   ـ شۇنچىلىك ئېغىرما؟ دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمگە ئەنسىزچىلىك چۈشتى.

   ـ ھېلىمۇ تەلىيىڭىز باركەن، -دېدى دوختۇر، بولمىسا قولىڭىزنى بېغىشىدىن كېسىپ...

   پېشانەمدىن بۇژۇلداپ تەر چىقىپ كەتتى. يۈرىكىم رىتىمسىز ئېغىپ، دوختۇر ئېيىتقان گەپنىڭ نېرىسىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي تىترەپ كەتتىم. توۋا، كەلگۈلۈك مۇشۇ ئوڭ قولۇمغىلا كېلەمدۇ دەيمىنا.

   ئاڭغىچە دوختۇر ناركوز سۇيۇقلىقى ئېلىنغان ئىشپىرىس يىڭنىسىنى ئاغرىۋاتقان جاراھەت تۈۋىگە بىرقانچە رەت ئۇرۇپ، قولۇمنىڭ نېرىپ سېزىمىنى يوقاتتى. يۈزۈمنى تامغا قارىتىپ قويۇپ، نەس باسقان جاراھەتنى ياردى. ئالاھازەل ئون بەش – يىگىرمە مىنۇت ھەپىلەشكەندىن كېيىن يىغىلىپ قالغان زەردابنى پاكىز قىرىپ چىقىرىۋەتكەن بولدى. زەرداب ئورنىدا باشمالتاق قول ئازادە سىغقۇدەك ئورەكچە پەيدا بولدى. ئورەكچىگە ئىسپىرىتقا چىلانغان يۇمشاق داكىنى كەپلەپ تىقىپ، ئۈستىنى ئوراپ تاڭدى.

     ـ بىر ھەپتىلىك ئوكۇل يېزىپ بەردىم،- دېدى دوختۇر، كۈندە بىر كېلىپ تېڭىقنى ئالماشتۇرىسىز. يەللىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمايسىز. قولىڭىزغا سۇ تېگىشكە، سوغ تەگكۈزۈۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

   بىر قۇچاق ئوكۇلنى ئېلىپ شىپاخانىنىڭ ئوكۇل بۆلۈمىگە بوينۇمدىن سۆرىگەندەك كىردىم. بۇ يەردىمۇ ماڭا ئوخشاش كۈندىلىك ئوكۇلىنى پارتىزان شەكلىدە سالدۇرۇپ كېتىدىغانلاردىن خېلى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى سەكسەنلەردىن ئېشىپ قالغان، ئېڭەكلىرىنى پاكىزە قىرىپ، رەتلىك كىيىنگەن، قاملاشتۇرۇپ كاۋكازچە بۇرۇت قويۇۋالغان بىر بوۋاي ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىپ، پاراڭنى دۆڭ سوقۇپ ئولتۇراتتى.

   ... ئۇ زامانلار نوچىلىقتىن تامايى بار ئەركەكلەر، دەپ قايسى بىر زامانلارنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتكەنتى ئۇ، شە ئاتلاپ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان چاغلار ئىدى. ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ قالسا ھازىرقىدەك كۆكەمە ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان، پالتا – پىچاقنى يېنىدا سۆرەپ يۈرۈيدىغان ئىشلار يوق، يەكمۇ يەك ئېلىشاتتى. كىمدە كىم يېڭىۋالسا، يېڭىلگۈچى تەرەپ يەڭگۈچى تەرەپنىڭ شەرىپىگە چاي بېرىپ، ئۆمۈرلۈك دوستلاردىن بولۇپ قالاتتى. خا.. خا.. خا.. شۇنداق قىلاتتى. بىر كۈنى ئالتە شەلىك بىر نوچى ‹‹ئوسمان چوڭ››نىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن داۋان ئېشىپ ئىلىغا چىقىپتۇ دېگەن، گەپ قۇلىقىمغا... ھاي، سېسترا قىزىم، ئوكۇل تۈگەپتۇ، ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئەستا، پاراڭنىڭ تازا قايماقتەك يېرىگە كېلىۋېدىم – دە...

   گاھىدا ئادەمگە بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىمۇ قۇلاققا ياقمايدىغان چاغلار بولىدىكەن. ‹‹ھەر ئادەم ئۆز غېمى بىلەن ئولتۇرغاندا مۇنۇ ئادەم كەيپىياتنى ئۇچۇرۇپ، نېمە ئۆتمۈشىنى ئەسلىگۈسى كېلىپ قالدىكىنە›› دەيمەن ئىچىمدە. ئاڭغىچە سېسترا قىزلارنىڭ بىرى كىرىپ، بۇ كىشىنىڭ ئوكۇلىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. پاراڭچى بوۋاينىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى:

   ھەئە، قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ‹‹ئوسمان چوڭ›› دېگەن مەن ئىدىم. شۇنچە يىراقتىن كەلگەن كىشىنىڭ ئالدىغا چىقمىسا نامەردلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىمەن. شۇ كۈنلەردە قېرىشقاندەك ئوڭ ياڭىقىمغا چىقىۋېلىپ تېخى ئېغىز ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كاساپەت جاراھەتنىڭ دەردى بىلەن كۆڭلۈم تازا ئارامىدا ئەمەس ئىدى. خەيرىيەت، ئۇنىڭ – بۇنىڭ سالاسى بىلەن لەڭزىبېشىدىكى ئوچۇقچىلىقتا تۇتۇشۇپ قالدۇق. بۇمۇ بىر ياشلىقتىكى ھەۋەسكەن. ئۆمرۈمگە كېلىپ باشقىلاردىن تاياق يىگىنىممۇ شۇ بولۇپ قاپتۇ. ئىككى تەرەپ تۇتۇشقاندا پۇرسەت بىلەن ھەرىكەتتىكى ئىنكاس بەك مۇھىم. قارشى تەرەپ شۇ چاغدىكى تۇراقسىز كەيپىياتىمدىن پايدىلىنىپ كەتتى. پەشۋاغا يامانكەن. بىر چاغدا كېيىكتەك سەكرەپ كېلىپ پەشۋا بىلەن ئوڭ ياڭىقىمغا كەلتۈرۈپ شۇنداق قاتتىق تېپىۋېدى، كۆزلىرىمدىن ئوت، نەپەسلىرىمدىن دۇت چىقىپ كەتتى. مەڭدەپ – مەڭدەپ بېرىپ پوكلا چۈشتۈم. يېڭىلگەنگە تەن بەردىم، ئىشتىن كېيىن چاي بەردىم. ياخشى يېرى ئېغىز ئالالماي تۇرغان جاراھەتنى قاپ – پاپلىرى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپلا چىقىپتۇ. تېۋىپقا كۆرۈنۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. خا... خا... خا...

   ئوكۇل سالدۇرۇپ ئولتۇرغانلار بوۋاي بىلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. بوۋاينىڭ پاكارغا مايىل بوي بەستى، كەڭ غولى، قىسقا، دىقماق قوللىرى، ھېلىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي مەغرۇر يۈرۈشلىرى ئۇنىڭ ياشلىقتىكى قارام، تەلۋە، نوچىلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. بۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ باشقىلارنى يات كۆرمەيدىغان خۇشخۇي، ئوچۇق – يورۇق مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى. مەن قولۇمنىڭ ئاغرىقى بىلەن بولۇپ كېتىپ تازىمۇ شۈكلەپ كېتىپتىمەن. يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئاسما ئوكۇلىنى سالدۇرۇپ ئولتۇرغان بوۋاي بىر چاغدا بېقىنىمنى تۈرتكەندەك قىلدى.

   ـ بېشىڭنى كۆتەر بالىموي، نېمە بىر شەھەرنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟

   ـ شۇ... قولۇم...

   ـ ھە، قولۇڭغا نېمە دەرد كەلدى؟

   ـ جاراھەت، سوغ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ بولدى ماڭا دەرد.

   ـ ۋاھ، تېخى، قوشاقچىمۇ نېمە سەن، قايسى جاراھەتتىنكەن؟

   ـ غەلۋىرەك.

    ـ تازا جاھىلىغا ئۇچراپسەن، -دېدى بوۋاي، كۆز، كۆيدۈرگە، غەلۋىرەك، يەنە ھېلىقى بىرنېمىسى يوغان... مانا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نەس باسقىنى غەلۋىرەك. غەلۋىسى تولا بولغاچقا شۇنداق ئاتامدىكىن بۇ كاساپەتنى.

   بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روھىم تېخىمۇ چۈشۈپ كەتتى. جاراھەت ئېغىزىغا داكىنى كەپلەپ تىققۇچە بولغان جەريانلارنى سۆزلەپ كېتىپتىمەن.

   ـ خا... خا... ، دەپ كۈلۈپ كەتتى بوۋاي، شۇنچە ئەتىۋارلىق قولغا تاۋار – دۇردۇن تىقماي، بىر پۇللۇق داكا تىقىپ قويدى دەپ رەنجىشىڭ باركەندە تېخى؟

   قولۇمنىڭ ئاغرىقى بىر چەتتە قېلىپ باشقىلار بىلەن تەڭ ئۆزۈممۇ كۈلۈپ كەتتىم. ئوكۇل بۆلۈمى بىر پەس كۈلكە – چاقچاق سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. سورۇننىڭ ئاساسلىق رول ئالغۇچىسى بولغان بوۋاي يەنىلا كاپىلداپ سۆزلەپ تۇراتتى:

   ـ مانا كۆردۈڭمۇ بالام، دەپ ئوڭ تەرەپ بوغۇزى ئاستىدىكى بىلىنەر – بىلىنمەس تارتۇقنى كۆرسەتتى بوۋاي، ئالتە شەلىك نوچى پەشۋا بىلەن ئۇرغان چاغدىكى جاراھەتتىن قېپقالغان ئىز. شۇ جاراھەتمۇ غەلۋىرەك ئىدى. غەلۋىرەكنى غەلۋە بىلەن ئاسانلا ھەل قىلغان. بۇ كاساپەتنىڭ باشقا جاراھەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، ئىچىدىن غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىدەك تور باغلىۋالىدۇ. ئېغىز ئالدى دېگەندىمۇ زەردابنى تازىلاش پېتىر ناندىن قىل سۇغارغاندەك تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ جاجىسى تېۋىلغا بىلەن ياغاچ قوشۇق.

   تېۋىلغا بىلەن ساۋاپ، ياغاچ قوشۇق بىلەن ئېغىزىغا چاي تېمىتىدىغان گەپمىكەن، دەپ بوۋاينىڭ ئاغزىنى تاتىلىدى بىمارلاردىن بىرى.

   ـ يوغسۇ قېرىندىشىم، دېدى بوۋاي پېتىنى بۇزماي، شۇ يېشىمغىچە جاراھەتكە خۇشامەت قىلىدىغان گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ‹‹ساۋاش›› دېگەن گېپىڭ چاك باسىدۇ. بۇ كاساپەتنى ئائىلىدىكى كونىچە داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە ‹‹ساۋايمىز››. تېۋىلغا ياكى ياغاچ قوشۇقنى ئوتتا راسا قىزدۇرۇپ، جاراھەتنىڭ تور باغلىۋالغان، قۇشقاچ چاڭگىسىدەك ئۇۋا سېلىۋالغان يېرىگە باسىمىز. كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز. چاڭگا يوقالسا جاراھەتمۇ ساقىيىدۇ. مانا بۇنى زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش دەيمىز.

   ـ ئاڭلىغان، دېيىشتى ئىش كۆرگەن چوڭلاردىن بىرنەچچىسى.

   ئىنشائاللا، دېدى بوۋاي ئېڭىكىنى سىلاپ، سەكسەن ئۈچ باھارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن، چىش ئاغرىقى، باش ئاغرىقى دېگەندەك كالتە – كۆسەي ئاغرىقلارنى دېمىگەندە، ھازىرغىچە دوختۇردا يېتىپ باقمىدىم. بىز خەقمىچۇ ئايىغىمىز ئاستىدا دەسسىلىپ تۇرغان ئۆسۈملۈكلەرگە زادى سەل قارايمىز. ئەمەن بىلەن كۆكشىۋاقنىڭ يەلتاشمىغا پايدىسى بار. چۈچۈكبۇيا ئەسەبىيلىكنى باسىدۇ. سەپرائوتنىڭ يىلتىزى بىلەن پوستى قىچىشقاق بىلەن چىقانغا، تاۋۇز شاپىقى بىلەن قوي مېيى بالىلاردىكى سېرىق قەقەش يارىسىغا، كۆكقاپاق بىلەن قىزىلئوت ئۆتتىكى تاشقا، قانتېپەر بىلەن ھەسەل قان ئازلىق كېسىلىگە، يالپۇز بىلەن قارىمۇچ ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا، ئادراسمان ئۇرۇقى ھەر خىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ. بۇيا ئۇرۇقىنى ھەر يازدا بىرقانچە قېتىم كاپ ئېتىپ بەرسە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇششاق – چۈششەك يارا – شۇرۇغنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قېرىدىم، ئېتىز – قىرلاردىن ئايىغىم تارتىلىپ قالدى. بۇيا ئۇرۇقىنى كۆرمىگىلى خېلى يىللار بوپقالدى.

   ـ ئە... ئىم... دەپ گېلىنى مەنىلىك قىردى ياشتا چوڭراق بىمار، شۇ بۇيا ئۇرۇقىنىمۇ ئېتىز – قىرلاردىن تاپماق تەس بولۇپ كەتتى تەخسىر.

   ـ ئۆسكىدەك ماكانى قالسا ئۆسىدۇ – دە، دېدى ئارىدىن يەنە بىرى قوشۇق سېلىپ.

  -ئۇنداقتا غەلۋىرەككە بايرام بوپتىغۇ،- دېدى بوۋاي كۈلۈپ، مۇندىن كېيىن يەنە قانداق كېسەللەرنىڭ بايرىمى بولىدۇ بۇنى ئېگىسى بىلىدۇ. غەلۋىرەكمۇ پۇرسەتپەرەسكەن، ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا تاق گەجگەمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، مومامنى كۆرسەتتى بۇ كاساپەت.

   بوۋايغا قايتىدىن دىققەت قىلدىم. ھە دېگەندە تولا گەپ قىلىپ كەيپىمنى ئۇچۇرۇۋەتكەن بۇ بوۋاي ئەمدىلىكتە كۆزلىرىمگە باشقىچە ئىسسىق، يېقىملىق كۆرۈنگىلى تۇردى. شىپاخانىدىكى ئىشلىرىم تۈگەپ خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ ئاشۇ يېقىملىق سىماسىنى ئۇنتىيالمىدىم.

   ئاق قار، كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان زېمىن چىرايلىق باھارغا ئورۇن بوشاتتى. ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغلاردا كوچا ئايلانغاچ كەيپىياتىمنى تەڭشەپ كېلىدىغان ئادىتىم بويىچە بىر كۈنى شەھەرنىڭ گۈل بازىرىنى ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىرسى توۋلىغاندەك قىلدى، باشتا تازا دىققەت قىلماپتىمەن. ھېلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى:

   ـ ھاي، غەلۋىرەك بالام؟

   غەلۋىرەكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەررۇ ئارقامغا بۇرۇلدۇم. مەندىن ئون – ئون بەش قەدەم نېرىدا مېيىپلەر ھارۋىسىغا ئولتۇرۇۋالغان، پاكىز قېرىغان مېھرى ئىسسىق موماينى ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ كېلىۋاتقان، كاۋكازچە بۇرۇت قويۇۋالغان كۈلگۈنچەك بوۋايغا كۆزۈم چۈشتى. ما توغرا كېلىپ قېلىشنى قارا، بۇ دەل مەن ئۇزاقتىن بېرى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتەلمىگەن، شىپاخانىنىڭ ئوكۇل بۆلۈمىدە تونۇشۇپ قالغان ھېلىقى گېپى ئوچۇق، پاراڭچى بوۋاي ئىدى. ئالدىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك باردىم.

   ـ بەللى، دېدى بوۋاي قىسقىچە سالام – سەھەتتىن كېيىن، يەردىن بىرنەرسە تېپىۋالىدىغاندەك نېمانچە بېشىڭنى چۆكۈرۈپ مېڭىپ كەتتىڭ ؟

   ـ شۇ... كەسپى كېسەل...

   ـ ئا..، يەنە شۇ كېسەلنىڭ، يارا – شۇرۇغنىڭ گېپىما؟

   ـ يا.. ياق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئادەت كېسىلى، خىزمەتتىكى كەسپى كېسەل.

   ـ مۇنداق كېسەللەرمۇ بار دېگىن تېخى،- دېدى بوۋاي كۈلۈپ، قارىسام بىر خىيالدا كېتىپ بارىسەن، بىر قاراپلا تونۇۋالدىم، بىزنىڭ مامايغا سالام قىلىپ قويسۇن دەپ چاقىرىشىم.

   ـ خا... خا...، سالام سىلەردەك تەۋەررۈك كىشىلىرىمىزدىن ئايلانسۇن تاغا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھە، بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قاپسىلەرغۇ؟

   مۇشۇ كەمپىرىمنىڭ جېدىلى بولمامدۇ، دەپ مامىيىنى شەرەتلىدى بوۋاي، بىر ئايدىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن، پۇتىنى چىقىرىۋېلىپ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالدى. ئۆيدە يېتىپ ئىچى پۇشۇپتۇ. تالا – تۈزلەرنى، باھار ھىدىنى سېغىنىپتۇ. بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. ئۆزىمۇ گۈل دېسە جېنىنى بېرىدىغان، گۈلگە سېزىك خوتۇنچۇ بۇ.

   ـ گۈل؟ تۇرۇپلا پاراڭچى بوۋاينىڭ ئاغزىنى تاتلىغۇم كېلىپ قالدى، ئۆزىڭىزمۇ بىر گۈلغۇ، سىزنىڭ قايسى گۈلدىن قالغۇچىلىكىڭىز بار تاغا؟

   ـ قېرىدۇق، مامايلىرىمىزغا ئەمدى ئەمەن تېتىيدىغان بوپقالدۇق، دېدى بوۋاي مومىيىنىڭ بېشىدىكى ئاق لېچىكىنى تۈزەشتۈرگەچ، تەشتەك گۈل بىلەن كۆڭلىنى ئېلىۋالمىسام ساقايغاندا ئاچ قويمىسۇن دەيمىزغۇ.

  ـ ھايا، ھايا، موماي بىر قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى، بۇ ئالجىغان قېرىنىڭ ئاغزىنى كوچىلاپلا قويسا چىرايلىق پاراڭ چىقمايدۇ زادى.

  ـ چوڭ ئانىمىزغا گۈل ئېلىپ بەرمىدىڭىزمۇ ؟ موماينى تەڭقىسلىقتا قويماي دەپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىدىم.

   ـ ئېلىپ بەرمەيدىغان ئىش بولامدۇ، -دېدى بوۋاي مېيىپلەر ھارۋىسىنىڭ پۇت قويغۇچىغا قويۇلغان بىر تەشتەك گۈلنى كۆرسۈتۈپ، ئاق ئېچىلغان ئەتىرگۈل، تازا سەرخىلىدىن دېگىنە. مۇندىن ئاتمىش نەچچە يىل ئىلگىرى بۇلاقبېشىدىكى قادىر ھاجىنىڭ بېغىدا ئۇنىڭ چېكىسىگە چوغدەك ئېچىلغان قىزىلگۈل قىسىپ قويغان، شۇنداقمۇ ؟

   ـ ۋىيەي، ئادەمنى تازىمۇ خىجىل قىلدىلىغۇ، كونا خاماننى سورۇپ، موماي قىزاردى.

   ـ ۋاھ، ئۇ زامانلاردا بىزنىڭ زۇلپىيە مەھەللىنىڭ يىگانە گۈلى ئىدى. چاچ دېگەن تېقىمىدا ئوينايتتى. ئۇ كۈنى بېشىغا قىزىل ھىلھىلە ياغلىقنى چېكىلەپ يېڭى ئېچىلغان قىزىل گۈلگىلا ئوخشاپ قاپتىكەن. قانداق ئېسىل ھە؟ ئۇنىڭ شۇ تۇرقى، شۇ يېشى، ئايدەك جامالىغا ئالەمدىكى جىمى گۈللەرنى ئارتىپ قويسىمۇ كەملىك قىلاتتى. بىر زامانلاردا ئاشۇ گۈلنىڭ پىراقىدا مانا مېنىڭ ناخشىچى بولۇپ كەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان. ئەمدىچۇ؟ قېرىدۇق. قۇندۇزدەك چاچلار ئۇچتەك ئاقاردى. بۇ ھالىمىزغا ئاق ئېچىلغان ئەتىرگۈلدىن باشقىسى ياراشمايدۇ دەپ، بۇنى ئېلىپ بەردىم. مامىيىم ئىككىمىزنىڭ ئۆي – ئوچاقلىق بولغىنىغا ئاتمىش ئىككى يىل بوپتۇ. توققۇز بالا، يىگىرمە يەتتە نەۋرە، ئون بىر چەۋرە يۈزى كۆرۈپتىمىز. جاھاندا ئارمان قىلغۇدەك يېرىمىز قالماپتۇ. لېكىنزە، ھېلىقى نەۋرىچاقلار نەدىن كۆتۈرۈپ چىققان ‹‹ئالتۇن توي›› دېگەن گەپنى، يېقىننىڭياقى شۇنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دېيىشىپ، بېشىمىزنى ئاغرىتىپ يۈرىيدۇ قارا بالام.

   ـ ۋوي، بۇ ياخشى گەپكەنغۇ، مەن دەرھال گۈل ساتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاق ئېچىلغان بىر تەشتەك چىرايلىق ئەتىرگۈلنى ئېلىپ كەلدىم، جۈپلا بولۇپ كەتسۇن تاغا، بۇ مېنىڭ سىلەرنىڭ ‹‹ئالتۇن تويۇڭلار››غا قىلغان كۆڭلۈم.

   ـ ۋىيەي، تازىمۇ سەت بولدىغۇ بالام، ماماي ئوڭايسىزلاندى.

   ـ ئالە ماماي، دېدى بوۋاي گۈلنى قولۇمدىن ئېلىۋېتىپ، بالىمىزنىڭ كۆڭلىكەن، گۈل دېگەن كۆڭۈل، جاھاندا كۆڭۈلنى قايتۇرۇشتىن يامان ئىش يوق. دۇئالىرىمىزدا بۇ بالىمىزنىڭ بەختىگە بەرىكەت تىلەپ قويارمىز.

   بىز خوشلاشتۇق. مېيىپلەر ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ئاق چاچلىق بوۋاي بىلەن ئاق لېچەك ئارتقان ئاق چاچلىق موماي قارىغانلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلار خۇددى ئاپئاق ئېچىلغان ئەتىرگۈلدەك ئالىمان ئارىسىدا يېنىك چايقىلىپ كېتىپ باراتتى.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号