نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

ئەلنى مايىل قىلدىڭلار

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، سائەت17:26    كۆرۈش :  

تۇرغۇنجان ئابلا تېرىمى

 

يۇرتىمىزدا پارلىدى قوۋناق ھايات مېۋىسى،

دەۋر روھى خۇش ئەيلەپ يەتكەچ يېڭى قەدەملەر.

ۋۇجۇدىنى دېھقاننىڭ بىرخىل خۇشلۇق چىرمىدى،

قاياققىدۇر يوقالدى سۈرۈن چىراي رەقەملەر.

ئالقىنىڭلار ئېچىلدى دېھقانلارنىڭ بەختىگە،

شان – تۆھپەڭلەر بىر ئۆمۈر دىلدا داستان بولغۇسى.

دەريا بولدى مېھرىڭلار ئاجىز، يوقسۇل، يېتىمگە،

خامانلىرى ئۇلارنىڭ ئالتۇن چەشكە تولغۇسى.

بولدى يوللار ئاسفالت، ئېرىق – ئۆستەڭ، توك ھەيۋەت،

توي – تۆكۈننىڭ غېمىگە ياسداق زال سېلىندى.

چېھرىڭلاردا تەبەسسۇم، چېھرىڭلاردا مۇھەببەت،

كەنت، مەكتەپ قورۇسى نۇر قونغاندەك بىلىندى.

ئەلگە خىزمەت قىلدىڭلار، ئەلنى مايىل قىلدىڭلار،

ئەقىدەڭلار ئىزلىرى مەڭگۈلۈككە نۇر چاچار.

بەرىكەتلىك قەدەملەر زىنھار توختاپ قالماڭلار،

دېھقانلارنىڭ قەدرىنى قىلغان ھامان قۇت تاپار...

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号