نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

كۆيۈشكەن قول

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ، سائەت11:39    كۆرۈش :  

ھېكايە

تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

 

    −− توختا، توختا دەيمەن، ۋۇي بۇلاڭچى...

    بۇ ئەنسىز ئاۋازدىن ئېسىمگە كېلىپ، بېشىمنى كۆتۈردۈم. سەككىز - توققۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئارقىسىدىن پاكار، سېمىز بىر ئايال قوللىرىنى شىلتىپ توۋلىغانچە ئۇنى قوغلاۋاتاتتى.

    −− ھۇي، تۇتۇڭ، ئاۋۇ بۇلاڭچىنى تۇتۇڭ دەيمەن، تېز بولۇڭ، −− پاكار ئايال چىڭقىلىپ توۋلىدى. ئاڭغىچە بالا يۈگۈرگەن پېتى ئالدىمغىلا كەلدى. كوچا تار ئىدى، ئۇ ئايلىنىپ قېچىپ كېتەلمىگەچكە »كاپ«لا قىلىپ تۇتۇۋالدىم.

    −− نەگە قاچىسەن؟

    −− مېنى قويۇۋېتىڭ! −− بالا قولىدىكى ساندۇقچاقنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ، مەن تۇتۇۋالغان قولىنى قولۇمدىن ئاجراتماقچى بولۇپ كۈچەپ يۇلقىناتتى.

    −− ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، كىچىككىنە تۇرۇپ ئاناڭدەك ئايالنىڭ نەرسىسىنى ئېلىپ قېچىشقا قانداق يۈزىڭ چىدىدى؟ −− مەن ئۇنىڭ يەنە بىر قولىنىمۇ تۇتۇۋېلىپ سىلكىشلىدىم.

    −− مېنى قويۇۋېتىڭ دەيمەن، مەن ئۇ خوتۇننىڭ نەرسىسىنى ئېلىپ قاچمىدىم.

    −− ئەمىسە نېمىگە قاچىسەن؟ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟ ياخشىلىقچە چىقار! −− بالىغا تېخمۇ قاتتىق تەگدىم.

    بالا ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى.

    −− شۇمتەك، مېنى ئۇرامسەن نېمە؟ قارا بۇنىڭ ئاچچىقىنى؟

    ئاڭغىچە قوغلاۋاتقان پاكار، سېمىز ئايال يېتىپ كەلدى.

    −− نېمىڭىزنى ئېلىپ قاچتى بۇ بالا؟

    −− پۇلۇمنى.

    −− قولۇڭنى ئاچە، ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەر، ساڭا دەپ قوياي، بۇ ئىشىڭ كىچىك ئىش ئەمەس جۇمۇ؟

    −− بۇ مېنىڭ پۇلۇم، ئۇنىڭ ئەمەس. مەن مايلامچىلىق قىلىپ تاپقان.

    −− يالغان سۆزلىمە، −− ئايال گۆلىيىپ كەلدى، - ھېلىلا مەندىن ئېلىپ قاچتىڭغۇ!

    مەن بالىنىڭ ئالقىنىغا چىڭڭىدە سىقىمدىۋالغان پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈگۈكلۈك ئىنچىكە بارماقلىرىنى ئاجراتماقچى بولدۇم.

    −− يالغانچى دېگەن سىز، −− بالا پاكار ئايالغا قاراپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى، ئاندىن قولىنى زەردە بىلەن تارتىپ قولۇمدىن بوشاندى - دە، ئالقىنىدىكى پۇلنى پارە - پارە قىلىپ يىرتىپ يەرگە ئاتتى، −− مانا پۇل، مانا پۇل، قېنى ئەمدى ئېلىڭلار.

    بالا يىرتىلىپ يەرگە تاشلانغان ئون يۈەننىڭ پارچىلىرىنى كۈچەپ دەسسىگىلى تۇردى. »مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ئۆكتەملىكىنى قارا بۇنىڭ!« بالىنى بىر تەستەك سالدىم. ئۇ مېنىڭ ئۇرىدىغانلىقىمنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن چېغى، يۈزىنى تۇتقىنىچە قاراپ تۇرۇپلا قالدى، چوڭ - چوڭ كۆزلىرىنىڭ قويۇق كىرپىكلىرى ئارىسىدىن تاشقىندەك لۆممىدە كۆتۈرۈلگەن ياش مەڭزىنى بويلاپ دۇمۇلاپ چۈشتى. ئىچىمدە بىر نەرسە شۇررىدە ئېرىگەندەك بولۇپ سۇسقىنە سىلكىندىم. ھېلىقى پاكار ئايالمۇ غۇدۇرىغان پېتى كەينىگە يېنىپ كېتىپ قالدى. بالا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى:

    −− ھۈ...ھۈ...ھۈ..

    −− يىغلىما، خاتا قىلغىنىڭنى تونۇساڭلا بولدى...، −− مەن ئۇنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بېشىنى سىلىدىم.

    −− ئاكا، مەن سىزنى ئالدىمىدىم، خاتا ئىشمۇ قىلمىدىم، ئۇ ئىككى ئايال ئالدامچىكەن.

    −− نېمە؟ قايسى ئىككى ئايال؟

    −− ئاۋۇ ئايالنىڭ يەنە بىر شېرىكى بار، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇلار مەن مايلامچىلىق قىلغان يەردە تىلەمچىلىك قىلدى، بىرى كىچىك ھارۋىدا يېتىقلىق ئىدى، ئۇلارغا قاراپ بەكلا ئىچىم ئاغرىدى، شۇڭا مايلامچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلۇمدىن ئون سوم بەردىم.

    −− كېيىن نېمە بولدى؟ −− مەن ھەيران بولۇپ ھەم قىزىقسىنىپ سورىدىم.

    −− ئۆيگە قايتقانتىم، مۇشۇ كوچىغا قايرىلىشىمغا ئالدىمدا كېتىۋاتقان بايىقى ئايال ھارۋىدىكى ئايالنى ئىتتىرىپ كېتىۋېتىپ توختاپ قالدى، ئاندىن ھارۋىدىكى ئايال ھارۋىدىن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ ھارۋىنى بىللە ئىتتىرگىنىچە تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى.

    −− ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشكىنى تىلەمچىلىك قىلغاندا ھارۋىغا ياتقۇزۇلغان ئايال شۇما؟ خاتا تونۇۋالمىغانسەن - ھە؟

    −− خاتا ئەمەس، قولۇم بىكار بولسىلا شۇلارغا قاراپ ئولتۇرغان تۇرسام. يېرىم كۈن مىدىرلىماي ياتقان ئايالنىڭ ھارۋىدىن سەكرەپلا چۈشۈشىدىن ھەيران قالدىم، ئاستا بېرىپ مۆكۈنۈپ تۇرۇپ قارىسام ئۇلار يىغقان پۇللىرىنى تۆكۈپ كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشكىنىچە رەتلىگىنى تۇرۇپتۇ، بىرسى تاماكا چېكىۋاتىدۇ تېخى. قاراپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، شۇڭا يۈگۈرۈپ باردىم - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئون سوملۇق پۇلدىن بىرنى ئېلىپلا قاچتىم... سىز تۇتۇۋالمىغان بولسىڭىز ئۇ خوتۇن ماڭا يېتىشەلمەيتتى. مىڭجاپادا تاپقان پۇلۇمنى ئۇنداق ئالدامچىلارغا بەرگۈم يوق، مېنى بۇلاڭچى دەيدۇ تېخى!

    ئۇنىڭ سۆزى كەسكىن ئىدى. ھەممىنى چۈشەندىم. نېمىشقىدۇ، ئۇنى بىر تەستەك سالغان قولۇم كۆيۈشۈپ كەتتى.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号