نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

بەخت قۇشى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، سائەت11:18    كۆرۈش :  

     گىبسون خىزمەت قىلىدىغان بىنادا قەھۋەخانا بولۇپ ، خىزمەت ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا شۇ يەرگە كىرىۋالاتتى . قەھۋەخانىدا ئىشلەيدىغان كۈتكۈچى سمىت خانقىز ھەر قېتىم گىبسوننى كۆرگىنىدە مىيىقىدا كۈلۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋاللىشىپ قوياتتى.

    گىبسون بۇ كۈلكىدىن «قىزنىڭ نەزىرىگە ئېلىندىم» دەپ ھوشىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى . چۈنكى قىزنىڭ سېرىق بۈدرە چاچلىرى ، بىر جۈپ ئۇزۇن كىرپىكلىك يوغان كۆزلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى ، قارىماققا گىبسوندىن ئون ياش كىچىكتەك كۆرۈنەتتى . سمىت خانقىزمۇ ھەر قېتىم گىبسوننى كۆرگىنىدە ئېچىلىپ-يېيىلىپ كېتەتتى . گىبسون كۆڭلىدە قىزنىڭ ماڭا مەيلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى . خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ «بەخت قۇشى» بېشىڭغا قونۇپتۇ دېيىشتى.

    بىر كۈنى گىبسون يەنە قەھۋەخانىغا كىرىپ كەلدى . بۇ قېتىم سمىت خانقىز ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ، قەھۋەنى ئالدىغا قويۇپ قويدى ۋە دەيمۇ دېمەيمۇ دېگەندەك بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:

    - سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بولامدۇ،- دەپ سورىدى.

    -قېنى سوراڭ.

   - سىز بويتاقمۇ؟

    گىبسون بۇ سۇئالدىن بىرەر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ ، يۈرەكلىرى گۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى.

    -شۇنداق، بويتاقمەن، –دەپ جاۋاب بەردى گىبسون چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.

    سمىت خانقىز تولىمۇ خوشال ھالدا مۇنداق دېدى:

    - مېنىڭ ئاپاممۇ يالغۇز ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى خالارسىزمۇ؟

 

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号