نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

كۈز كېلىپ...

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ، سائەت12:32    كۆرۈش :  

ئابلىمىت قۇربان ساباھى

 

يۇيۇنۇپ زەڭگەرسىمان يۈز ئاچتى ئاسمان كۈز كېلىپ،

ئىچتى ئالتۇندىن بوياق – رەڭ باغۇ بوستان كۈز كېلىپ.

كەڭ يېزا – گۈلشەندە زوق – شوخ بىرلە بارچە بەيگىدە،

قاينىدى مېھنەت ناۋاغا چۆمدى ھەريان كۈز كېلىپ.

پاختىزارلار بىپايان، ھەر تال غوزەك گۈل – ئەتىردەك،

ئۈزىشەر ئۇندا كارابتەك ھۆرۇ غۇلمان كۈز كېلىپ.

شال، قوناق، زاغۇن – زىغىر چەشلەندى گويا تاغ كەبى،

چاقىنار كۆزلەرنى پىشقان ئۈنچە – زەردان كۈز كېلىپ.

ئوخشىغان قوغۇن، ئانار، ئالما، ئۈزۈمدىن بال تامار،

داستىخان سالماققا تەييار ئۆيدە جانان كۈز كېلىپ.

كاۋا، كۆكتات تېرىغانغا ياغدى ئامەت ئۈستىلەپ،

سودا ئوبدان ئاقچا – پۇلغا تولدى ھەميان كۈز كېلىپ.

يىل بويى تۆككەن ھالال تەر – ئەجرىنىڭ قەنتتىن چىقىپ،

تۈشمۇ – تۈشتە بەزمە – مەشرەپ تۈزدى دېھقان كۈز كېلىپ.

‹‹ياتمىغىن ياستۇقنى قىرلاپ، بول قانائەتتىن يىراق،

كەلگۈسىگە تۈز پىلان›› دەپ بەردى پەرمان كۈز كېلىپ.

بوز يېرىپ يەر ئاچقىلى ئۆستەڭ – ئېرىقلار چاپقىلى،

ماڭدى مەردلەر تاڭ سەھەردە ئاشتى دەرمان كۈز كېلىپ.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号