نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

كىتاب كۈيىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ، سائەت11:43    كۆرۈش :  

ئابدۇغەنى توختى

 

         مەن ھازىرغىچە كىتابنى ‹‹گۆھەر››، ‹‹خەزىنە›› دەپ تەرىپلەيدىغانلارنى كۆرگەن، ئەمما كىتابنى ‹‹تاپ›› دەپ سەتلىگەن ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن. كونىلارنىڭ ‹‹كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ›› دېگىنى بىكار ئەمەس ئىكەن. كىتاب دۇكىنىمنىڭ يېنىدىكى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنى كۆچۈرىدىكەن دېگەن گەپ قاچان تارقالدى، شۇنىڭدىن بېرى ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە ‹‹كۆچۈپ قالساق ئەكىتىپ بولالمايمىز›› دەپ كىتاب ئالمايدىغان بولۇۋالغىنى ئاز كەلگەندەك، بۇرۇن سېتىۋالغان كىتابلىرىنى ‹‹بەرگىنىڭىزنى بېرىپ ئېپقالسىڭىز›› دەپ خۇددى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بىر – ئىككىدىن ساتقىلى ئەپچىقىشىپ بېشىمنى قاتۇرۇپ قويغانىدى.

   بىر كۈنى دۇكاندا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام، تۇيۇقسىز 12ياشلاردىكى بىر قىزچاق بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرگىنىچە دۇكانغا كىرىپ:

   ـ ئاكا، كونا كىتابلار بولسا ئالامسىز؟ -دېدى قورۇنۇش ئىلكىدە.

   ـ ھەئە ئالىمىز، -دېدىم قىزچاقنىڭ قولىدا كىتاب بولمىغاندىكىن، بەلكىم مۇنداقلا سورىسا كېرەك دەپ ئويلاپ.

   ـ ئەمىسە، كۆرۈپ بېقىڭ، دېگىنىچە قىزچاق ئۈستى يېپىقلىق بوۋاقلار ھارۋىسىدىن نەچچە پارچە كىتابنى ئېلىپ كۆرسەتتى.

   ـ نەچچە بېرىمەن،-دېدىم كىتابنىڭ ئېسىللىقىدىن، قىزچاقنىڭ ئەقلىگە ھەيران بولۇپ.

   ـ نەچچە پۇل بەرسىڭىز مەيلى،- دېدى قىزچاق چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.

   ـ بۇ كىتابلارنى ساتقانلىقىڭىزنى ئۆيىڭىزدىكىلەر ئۇقامدۇ؟ دېدىم بىردە قىزچاققا، بىردە كىتابلارغا قاراپ، ئاتا – ئانىدىن بىسوراق ئىش قىلىش ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ كىتاب سېتىش...

   ـ ئۇقىدۇ، ئۇلار بۇ كىتابنى سېتىپ خەجلىشىمگە بەرگەن، دادام تېخى بۇ كىتابنى كىم ئالسا شۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئالغاچ كىرىشىمنى تاپىلىغان...

   ـ ئۇنداق بولسا مەيلى، بۇ كىتابلارغا 50 كوي بەرسەم رازى بولامسىز؟

   ـ ھىم، -دېدى قىزچاق رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ئىسىم كارتوچكىڭىز بولسا بەرگەن بولسىڭىز.

   ئۇ قىزچاق چىقىپ كېتىپ ھېچقانچە ئۆتمەي تېلېفونۇم سايراپ كەتتى، ئالسام ناتونۇش بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى قىزچاقنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى، كىتابلارنىڭ يەنە بارلىقىنى، لازىم بولسا مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

   بىز بۇياقتىن كۆرۈشۈپلا ئۇياقتىن تۆت قەۋەتلىك بىر كۈل رەڭ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىر بۇلۇڭدا يېپيېڭى گۈرجەك، سۈپۈرگە ۋە يەر سۈرتكۈچلەر قويۇلغان، قالغان يەردە ئۈستى پىلاستىر بىلەن مەھكەم چاپلىۋېتىلگەن 20 – 30 يەشىك رەتلىك تىزىلغان بىر ئىشخانىغا كىردۇق.

   مانا، مۇشۇ يەشىكتىكىنىڭ ھەممىسى سىلىدەك زىيالىيلارنىڭ ئۇلۇغ دەستۇر – قامۇسى بولغان كىتاب – ژۇرناللاردۇر، دېدى ئۇ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئەمما، مېنىڭ ھەممە ئادەم چوڭ بىلگەن نەرسىنى چوڭ بىلمەيدىغان يامان خۇيۇم بار، جۈملىدىن بۇ كىتابلارمۇ شۇنداق. مېنىڭچە، كىتاب شەكلىدە چىققان نېمىنىڭ ھەممىسى كىتاب بولمايدۇ، بۇلارنى كىتاب دەپ بىلگەن بولسام ساتىمەن دەپ يۈرمەيتتىم. بۇلار مېنىڭ نەزەرىمدە كىتابنىڭ ‹‹تاپ››لىرى بولغاچقا ساتىمەن دەۋاتىمەن، ئەگەر ئالالمىغۇدەكمەن دېسەڭ بىكارغا بەرسەم ئەپچىقىپ قىشىچە قالىساڭمۇ، ما ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقىدىن پۇت – قولۇڭنىڭ ئۈششۈپ قالماسلىقىغا پايدىسى تېگىدۇ، راست دەيمەن، مەن سودىگەر ئەمەس، بىر نەرسىنى سېتىش ئۈچۈن ئاق – كۆك دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇشنى بىلمەيمەن، ئادەتتىمۇ ئۇنداق يالغان – ياۋىداق گەپ بىلەن خوشۇم يوق...

   شۇنداق دېگەنلىرىگىمۇ رەھمەت، مەن بۇ يەرگە سودا قىلغىلى كىردىم، رىزقىم بولسا ئېلىپ كەتسەم بولىدۇ، ئەمما بىكارغا ئېلىپ چىقىپ كەتسەم بولمايدۇ، دېدىم مەنمۇ مەيدانىمنى ئىپادىلەپ، ھە، قاندىقىنى قانداق دېيىشىمىز؟ ھەممىنى بىراقلا دېيىشىمىزمۇ ياكى تاللايمەنمۇ؟

   ـ پۇلغا يارامدىكەن زادى؟- دېدى ئۇ ئادەم مېيىقىدا كۈلۈپ.

   ـ پۇلغا يارىمايدىغان نېمىنى سىلىمۇ ساقلاپ يۈرمەيلا، شۇڭا، مېنى ئالالمامدىكىن دېمەي، نەق گەپنى قىلسىلا بولىدۇ.

   ـ ئوبدان، ئۇنداقتا بىراقلا ئالساڭ نەچچىگە ئالىسەن؟

   ـ ھەر يەشىككە 100 كويدىن بەرسەم قانداق؟

   ـ خوش، ئىش پۈتتى مانا، دېمەك ئالالمايمەن – دە، دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ، سەن بىلەن سودىمىز سودا بولمىغۇدەك، شۇنداقتىمۇ ئاتايىن كىرىپسەن، گېپىم گەپ، قۇرۇق قول چىقىپ كەتسەڭ ھەر ئىككىمىزگە سەت، شۇڭا، كۆڭلۈڭدىكى كىتابلاردىن ئۈچ – تۆت پارچە ئېلىۋال، ئۇنىڭغا پۇل ئالمايمەن.

   ـ ياق، پۈتۈشەلمەيدىغان ئىش يوق، قارىمامسىز بۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا پۇلغا سورىمايدىغان كىتابلارمۇ خېلى بار ئىكەن...

   قارىغاچقا، ئىشنىڭ بىسمىللىسىدا ‹‹تاپ›› دەپ ئەسكەرتىپ قويمىدىممۇ؟! ئەگەر بۇ ‹‹تاپ››لارنىڭ ئىچىدىمۇ ئانچە – مۇنچە ياماققا يارىغۇدەكلىرى بولسا، دانىسىنى ئون كويدىن تاللىۋال، دېدى ئۇ گەپنى كېسىپ.

   مەن بەش كويدىن چۈشۈپ، سەككىز كويغىچە چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئامالسىز ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان كىتابتىن 280 پارچىنىڭ سودىسىنى قىلىپ يېنىپ چىقىپ، ئۇ ئادەمنى قاچان تېلېفون قىلار دېگەن تەمەدە ئولتۇرسام، توساتتىن باشقا بىرەيلەن شۇ كىتابلارنىڭكىگە ئوخشاش كۇتۇپخانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە نومۇرى سېلىنغان بىر نەچچە كىتابنى ساتقىلى ئەكىرىپ، مېنى تېلېفون قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدى.

   ـ گەپ قىلە ئۇكام،- دېدى ئۇ تېلېفوننى جىددىي ئېلىپ.

   ‹‹سارت تاللاپ يەيدۇ قويماي يەيدۇ›› دەپ، قالغان كىتابلارغىمۇ كۆڭلۈم تارتىپ تۇرۇۋاتىدىغۇ؟!...

   مېنى ئۇ ‹‹تاپ››تىن بىراقلا قۇتۇلدۇرۇپ، غەمدىن خالاس قىلاي دەپسەن – دە، بوپتۇ، پۇلنى جىقراق ئېلىپ كەلگىن، دېدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش.

   مەن تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئۇدۇل ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. لېكىن بۇ قېتىم كىتابلار مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئولتۇراق بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە يۆتكىۋېتىلگەنىدى. مەن يەشىكتىن بىرنى ئېچىشىمغا، ئۇ ئادەم:

   ئۆتكەندە ‹‹چېنىقىش››، ‹‹شەبنەم›› دېگەندەك تەنتەربىيەگە ئائىت كېسەكلەرنى تاللىۋالدىڭ، ئۆزۈم چاقىرغان بولغاچقا ماقۇل دېدىم، بۇ قېتىم ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەممىنى بىراقلا دېيشىمىز، ھېلىمۇ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەرگە ئەپچىقىش جەريانىدا قول ئاستىمدىكى روزىمەمەتنىڭ پۇتى قايرىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.

   بۇ قانداق بولغىنى، دېدىم مەن قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تەنتەربىيە قىزغىنلىقى يەرشارى خاراكتېرلىك بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالدى، ئەگەر تەنتەربىيەگە ئائىت كىتابلارنى بەرمەيمەن دېسىڭىز، باشقا كىتابلارنى ئالاي...

   ياق، ھەرقانداق ئىشنى بىرلا كاتېگورىيەگە سېلىپ ئويلىساق بولمايدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشنى قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالايدىغان بولۇشمىز كېرەكقۇ؟! ئادەمدە تەۋەككۈلچىلىك روھى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ تەقدىرىدە مەڭگۈ ياخشىلىنىش بولمايدۇ.

   ـ بوپتۇ، تەۋەككۈل قىلاي، نەچچىگە بېرىسىز ھەممىنى؟

ـ 10 مىڭنى بېرىسىز.

ـ تەڭ خەجلىسەكچۇ؟

   مەن پۈتۈن ئىش قىلىشقا ئامراق، ئەگەر مەن دېگەننى بېرەلىسىڭىز، يەنە تۆت يەشىك كېسەكنىمۇ قوشۇپ بېرىمەن، ئۇنىڭغىمۇ ياق دېسىڭىز، ئىش تامام، ۋەسسالام...

   ـ بوپتۇلا ئالاي،- دېدىم قالغان تۆت يەشىك كىتابنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، لېكىن بىر شەرت، بۇنى ئەپچۈشۈپ بېرىشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىسىز.

   ـ ماقۇل، ئۇ شۇ ھامان تېلېفون قىلىپ بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۆزى غايىب بولدى.

   بۇنداق كونا كىتابلارنى ئېلىشىڭىزنى ئۇققان بولسام مەنمۇ جايلاشتۇرۇپ قوياركەنمەن، دېدى ئۇ يىگىت ئەپسۇسلىنىپ، لېكىن بىز باشلىقتەك سىرتتا پىرقىراپ يۈرمىگەندىكىن ئۇقماي قاپتۇق دېسە...

   ـ قانداق دەيسىز؟

   ھەرقېتىم كۇتۇپخانىغا ئوت ئۆچۈرۈش ساندۇقى ياكى كىتاب ئىشكابى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ – ئەپچىققاندا... ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار تېپىۋېلىپ تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىملىك ۋە كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسىدىنمۇ كۈنىگە نەچچىسى يولۇقىدىغان تۇرسا...

   مۇنداق دەڭ، لېكىن سىز قىلمىغان بىلەن باشقىلار شۇنداق قىلامدۇ قانداق ئۇقمىدىم، ھەر يىلى مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بالىلار ‹‹بىز ھېچقاچان كىتاب ئارىيەت ئالمىساقمۇ نەچچە پارچە كىتابقا قەرزدار بولۇپ قاپتىمىز، بۇنى تاپمىساق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتنى بېجىرىپ بەرمەيدىكەن...›› دەپ زار – زار قاقشاپ، كىتابخانىمۇ كىتابخانا قاتراپ نەشردىن توختىغان كىتابلارنى نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ يۈرۈشىدۇ، ئەمەلىيەتتە، باشلىقىڭىزنىڭ مائاشى تۇرۇپ مەكتىپىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى غەيرىي يوللار بىلەن قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ سېتىۋېتىشى ‹‹تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاققاندەك›› بىر ئىش. ئاڭلىسام، يېزا، كەنتلەردىكى قىرائەتخانىلاردىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار باركەن...

  ـ شۇنداق دېگەن بىلەن سىزمۇ باشلىق بولغاندا ئۆزگىرىسىز...

   ـ شۇنداقمۇ؟

   ـ بەز يېمەيدىغان مۈشۈك نەدە بار؟ ھوقۇقىدىن پايدىلانمايدىغان كىم بار...

   مەن مىڭبىر جاپادا كىتابلارنى دۇكانغا ئەكىرىپ، ئىلگىرى بىر قىسىم كىتابلارنى سورىغان خېرىدارلارغا تېلېفون قىلىپ، دۇكىنىمنىڭ بازىرىنى قىزىتىپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھېلىقى يىگىت ئالدىراش كىرىپ كەلدى.

   كىتابچى ئۇستام، بارمۇ سەن، قانداراق ئەھۋال؟ دېدى بۆلۈم باشلىقى ئۆڭ – سۆلى ئۆچكەن ھالدا ئۆزى ساتقان كىتابلارنى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئىزدەپ.

   ـ ياخشى، سىلەرنىڭچۇ؟ بىزنىڭ چاتاق، دېدى باشلىق تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، مۇنداق گەپ، ھېلىقى ‹‹تاپ››لارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ قويالمىغان چېغىڭۋا، ئۇنىڭ پۇرىقىنى بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئىت – قاغىسىدىن بىرەرسى پۇراپ قالغان بولسا كېرەك، ھازىر رەھبەرلەر يىغىن ئېچىپ ماڭا ‹‹سەن مەكتەپنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغاندىكىن، ئۆزۈڭ ھەل قىل...›› دەپ تۇرۇۋالدى، شۇڭا پۇلۇڭنى بېرىپ ئۇ ‹‹تاپ›› لارنى قايتۇرۇپ كەتكىلى كەلدىم.

   لېكىن ئۇ كىتابلارنىڭ تەڭدىن تولىسى سېتىلىپ بولغان تۇرسا...

   مەيلى بارىنى ئېپكېتەيلى، بىزنىڭ باشلىق ئازراق بولسىمۇ راست گەپ ۋە ئەمەلىي ئىش قىلغان ئادەملەرنىڭ ئېتىبارىنى قىلىدۇ، ھە راست بۇ يەردە بارلىرىنى قانداق دېيىشىمىز؟

   كەينىگە باھا چاپلاغلىق، شۇ بويىچە دېيىشسەك بولىدۇ.

   40 كوي، نېمانچە قىممەت، دېدى ئۇ ئادەم شۇ ھامان قولىغا كۇتۇپخانىنىڭ بەلگىسى سېلىنغان كىتابتىن بىرنى ئېلىپ، سىلى كىتابچى ئەمەس، باشقا بىر نېمە ئىكەنلا جۇمۇ؟ نېمە دەيمىز ئېلىشتا ئەرزان ئېلىپ سېتىشتا قىممەت ساتقان ئادەمنى؟ تىجارەتچى دەمدۇق ياكى... ئۇ باشلاپ كەلگەن يىگىتكە قارىدى.

   ـ  ھايانكەش دەيمىز، ھايانكەش...

   ـ ھە، بۇياق مانا شۇ ھايانكەشنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن...

   بىزگىمۇ ئامال يوق، مەنمۇ ئىككى بالىنى بېقىپ، دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى تۆلىمىسەم بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھانى نەچچە قويساق خېرىدار مۇۋاپىق كۆرسە ئالىدۇ، بولمىسا بىزگە قالىدۇ، ھەرگىز خېرىدارنى زورلاپ، ئالداپ ساتمايمىز...

   قالدى گەپنى كېيىن دېيىشەيلى، دۆلەتتە قانۇن، ئىدارىدە تۈزۈم، ئادەمدە ئىنساب بولمىسا بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىشنى مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ بىر تەرەپ قىلايلى – ھە...

   ـ نېمە دېسەڭلار بىكار، ئەڭ ياخشىسى مېنى ھەم ئۆزۈڭلارنى خىجىل قىلماڭلار...

   خەقنىڭ ھازىرقى كىتابچىلارنى قاراقچى، بۇلاڭچىغا ئوخشاتقىنى بىكار ئەمەسكەن، ئادەم دېگەندە ئىنساب بولمىسا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى...

   ـ كەچۈرۈڭلار، مەن دوقمۇشتىكى ئاشخانىغا تاماق زاكاز قىلىپ قويغانتىم، ھازىر ئاشخانىدىكىلەر تاماق چىقتى دەپ ئۇچۇر قىپتۇ، خالىساڭلار بىللە يەپ كېلەيلى، بولمىسا ماڭا يول بەرگەن بولساڭلار...

   ئۇلار شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئۆزىمۇ، سۆزىمۇ يوق جىممىدە يوقاپ كەتتى. ئەمما بىر كۈنى كەچتە، ئىككى قىز بۆرىگە يولۇققان كېيىكتەك ئوپۇل – توپۇل دۇكانغا ئۈسسۈپ كىردى، نېمە ئىش بولغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەي تۇرسام، توساتتىن ئىشىكنىڭ ئالدىدا ھېلىقى نۆۋەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غەرق مەست ھالدا يىلتىزىغا پالتا چېپىلغان دەرەختەك ئۇيان – بۇيانغا دەلدەڭشىپ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئىتتىردى:

   ـ ئاكا سىزگە ياردەم كېرەكمۇ؟ دېدىم مەن شۇئان ئۇنىڭ قىزلارنى قوغلاپ كەلگەنلىكىنى پەملەپ، ئالدىنى توسۇپ.

   ـ ھۆ... دېدى ئۇ قولىنى مەندىن سەسكەنگەندەك پولاڭلىتىپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئاغزىڭ نېمانداق سېسىق پۇرايدۇ، كىتابچى سەندەك بولىدىغان بولسا بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگەپتىغۇ...

   ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى – دە، قولۇمدىكى كىتابنى بىر ياققا چۆرۈپ، ئۇنىڭغا تاشلىنىشىمغا ئارىمىزغا كىتاب كۆرۈۋاتقان غەيرەتكام ئېتىلىپ كىردى:

   ـ ۋەلى ئاداش، نېمە بولدى ساڭا، جۈرە بىللە ئۆيگە قايتايلى، دېدى غەيرەتكام ماڭا سەن گەپ قىلما دېگەن ئىشارىدە كۆز قىسىپ، جۈرە، جۈرە، سېنى ئىزدەپ يۈرەتتىم، بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزنى قارىمامسەن...

   ـ مەن... كەتمەيمەن... مېنى زورلىما... مېنى ئىداردىكىلەر ‹‹كىتاب كۈيىسى›› دەپ ئىشتىن بوشاتقان تۇرسا قايسى يۈزۈم بىلەن...

   ـ ئىدارىگە بارمايمىز، ئۆيگە دەيمەن...

   ـ ئۆيمۇ ئىدارە بىلەن بىر يەردە تۇرسا...

   ـ ھېچنېمە بولمايدۇ ئاداش.

   بارسام ھېلىقى روزىمەت دېگەننى بىر نېمە قىلۋېتىمەن، ئۇ مېنى باشلىققا چېقىپتۇ ئەمەسمۇ.

   ـ گېپىڭ راست بولسا جۈرە ئەمىسە...

   ـ قايتتۇقما؟!..

   ـ ھەئە، قايتىمىز...

    ـ قايتساق قايتايلى، لېكىن سەن ماڭا بىر ئىش قىلىپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ...

   ـ نېمە ئىش دېگىنە...

   ما كىتابچىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئىشىكىدىكى ‹‹يۇقىرى باھادا كونا كىتاب ئالىمىز›› دېگەن خەتنى يىرتىپ بېرىسەن...

   ـ ماقۇل، غەيرەتكام شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنىڭ بېشىدىكى نەچچە يىلنىڭياقى چاپلاقلىق تۇرغان ‹‹يۇقىرى باھادا كونا كىتاب ئالىمىز›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋاراقچىنى بىر تارتىپلا يىرتىۋېلىپ ئۇنى يېتىلەپ ماڭدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى قىزلار ‹‹ئاكا، سىزنى مالال قىلغان بولساق كەچۈرۈڭ›› دېگىنىچە پىرەم يۈرۈپ كېتىشتى.

   شۇ ئىشتىن كېيىن ‹‹يۇقىرى باھادا كونا كىتاب ئالىمىز›› دېگەن خەتنى بۇياقتىن چاپلىسام ئۇياقتىن ‹‹شامال›› ئۇچۇرۇپ توختاتمايدىغان بولۇۋالدى. بىر كۈنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيدىغان بىر يەرگە چاپلاپ قويۇپ، ئەتىسى دۇكانغا چىقسام، دۇكاننىڭ ئالدىدا بىر توپ كىشىلەر توپلىشىپ تۇرۇپتۇ، ئۇلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋېدىم، بىرەيلەن:

   كېچىنىڭياقى بىر مەست مۇشۇ يەردە توڭلاپ قاپتۇ، ھېلى تېخى تونۇش – بىلىشلىرى ئېلىپ كەتتى، دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇئان ئېسىمدىن ھېلىقى ‹‹شامال›› ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان خەت كەچتى – دە، چىقىپ قارىسام ئۇ خەت ‹‹يۇقىرى باھادا كونا كىتاب ساتىمىز›› دېگەنگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号