نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

پاققىدە يەرگە چۈشكەن لۆڭگە

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 07 - كۈنى ، سائەت17:48    كۆرۈش :  

(فېليەتون)

   تۇرغۇن سىدىق

 

     چىمەنگۈل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى 200 كىۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان بۇ ئۆينى تازىلاۋاتقىنىغا تۆت كۈنچە بولغان بولسىمۇ، ئۆي ئىگىسى سوفىيە ئۇلارنىڭ ئىشىدىن رازى بولماي، ھە دەپ قۇسۇر تاپاتتى.

   ـ ئەينەك تۈزۈك پارقىرىماپتۇ، قايتا سۈرتۈڭ! -دېدى سوفىيە چىمەنگۈلگە تەئەددى بىلەن.

   ـ ھېچ يەردە داغ قالمىدىغۇ، يەنە قانداق سۈرتىمەن، -دېدى چىمەنگۈل يېلىنغان تەلەپپۇزدا.

   ـ پارقىرىمىدى دەۋاتىمەن، -دېدى سوفىيە چىمەنگۈلنى گەپ ياندۇردى دېگەندەك ئۇنىڭ كۆزىگە غەزەپلىك تىكىلىپ. سوفىيەنىڭ ۋارقىرىشى چىمەنگۈلنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى بولغاي:

   ـ مەن قانداق پارقىرىتىشنى بىلەلمىدىم، سىز پارقىرىتىپ بېقىڭە، مەن ئۆگىنىپ ئاندىن پارقىرىتاي،- دېدى چىمەنگۈلمۇ يۇقىرىراق تەلەپپۇزدا.

   ـ مەن ئەينەك سۈرتۈشنى ئەمەس، ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئۆگەنگەن، شۇڭا تازىلىق قىلىشقا سېنى يالاپ بەردى، ئەينەكنى مەن پارقىراتسام، ساڭا بىكار پۇل نەدە تۇرۇپتۇ؟ -دېدى.

   سوفىيەنىڭ گويا چىمەنگۈلنىڭ بارلىق كەچۈرمىشىنى بىلىدىغاندەك تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ سۆزى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىۋەتتى – دە، قولىدىكى ئەينەك سۈرتۈۋاتقان لۆڭگە پاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ شۇ تاپتا تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىر سوئالنىڭ، يەنى ئېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋەتكەنلىكىنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك قىلدى – دە، سوفىيەنىڭ كۆزىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ تۇيمايلا:

   ـ رەھمەت، رەھمەت... سىزگە مىڭلارچە رەھمەت سوفىيە، دېدى – دە، ئىش ھەققىنى ئېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ئۇچقاندەك ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号