نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > شېئىر

بەختىيار ئەسلىمە

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 07 - كۈنى ، سائەت12:32    كۆرۈش :  

غۇپۇرجان مۇھەممەد مىسكەر

 

ـ ھوي دادىسى، دەپ چاقىردىڭ ئۈن بېرىپ، ئاۋاز بېرىپ،

ـ ‹‹ھە ئانىسى›› دەپ بۇرالدىم كۆز سېلىپ، ئىما قىلىپ.

ماۋۇ كۈن، ئاي، يىل دېگەندە بەرىكەت يوقكەن ئەجەب،

تەڭ يېرىم ئەسىر ئۆتۈپتۇ...، دەپ نىدا قىلدىڭ كېلىپ.

ـ نېمە؟ بۇ گەپ ھېسلىرىمغا ‹‹ھاي›› دېدى، ‹‹توختا›› دېدى،

ئوي – خىيالىڭ مەنچە بىر خىل خوپ ئىدى، پۇختا ئىدى.

شۇڭا تۇلپار قەلىمىمنى توختىتىپ قويدۇم دىبان،

مەقسىتىڭ ئۆتكەن ئۆمۈرگە بىر باھا بەرمەكمىدى؟

باقمىغانمۇ ھېچ ھېسابلاپ سانخۇمار ئوغلان تۇرۇپ،

مۈكچىيىپ كەچلەردە ھەتتا توم – كىتاب يازغان تۇرۇپ.

دەل قىرىق يىل بولدى بۇ دەم توي قىلىپ قۇرغانغا ئۆي

‹‹مۆ›› دېمەيسىز بۇ شەرەپنى ئۆزىڭىز تاپقان تۇرۇپ.

تۈنۈگۈنلا يۆتكىگەندەك ھە سېنى ‹‹ئازات›› بىلەن،

كۇزۇپتىلا كۆككە ئاتقان دوستلىرىم مېنى بەلەن.

ئەتلەس جىيەك ئاق ياپقۇدا يىغلىساڭ تارتقانچە ‹‹ھۈ››،

ئويلاپتىمەن: پەدەرىنى ئەسلىگەن چېغى تىرەن.

ھە ئۇ چاغدا يېشى ئون بەش قىز ئىدىڭ رۇخسارى ئۇز،

تارام – تارام قىرىق ئۆرۈم سۇمبۇلى – چېچى قۇندۇز.

داداڭ تۈگەپ دىلىڭ غەمگە پاتقاندا، يىگىرمە ياش

قۇرامىمدا يېتىپ كەلگەن ئالدىڭغا پېقىر يالغۇز.

توي ناۋاسى ياڭرىغاندا بىزگە ئەل قۇت تىلىگەن،

سېرىقتاللىق، موھتاجلىقلار بولمىغان، بىلىنمىگەن.

سەن شەھەردە، مەن يېزىدا، تېخنىكسەن، مۇئەللىممەن،

يېڭىپ مۈشكۈل – خەتەرلەرنى ئىشلىگەن، راست ئىشلىگەن.

تىرىكچىلىك، تۇرمۇش ئۈچۈن توڭ ياراي، كەتمەن چاپاي،

پەرۋانىدەك تۆت چۆرەمدە پىرقىراپ تۇردۇڭ ئاي – ھاي.

تاشلاپ غۇلاچ ئۈزسەم ئەگەر مۇشەققەت قاينامىنى،

مەن بىلەن تەڭ شۇ خەتەرگە سەكرىدىڭ ھېچ ئايانماي.

تاپىنىمغا كىرگىلى تاس قالسا گەر خۇخا – تېكەن،

كۆز قاراقىڭ، گۆھىرىڭنى قالقىلاپ تۇرغان تېمەن.

جان دېسە جان، قان دېسە قان تەڭلىگەن روھىڭ ئۈچۈن،

مەن ئىچىمدە نەچچە مەرتە ‹‹ئاپىرىن يارىم›› دېگەن.

شۇ تەرىقتە توختىماستىن تىرىشىپ، خوپ تىرمىشىپ،

‹‹ھەر جاپانىڭ تېگى ئالتۇن›› دەپ، ئۇنى راھەت بىلىپ.

ئۆزىمىزنى خار قىلغۇچە بولسۇنا خار كۈچىمىز

دېگەن ئىدىڭ باغ ياساشقا خۇش پۇراق، ئەجىر قىلىپ.

شۇ ئەجىردە گۈلى سانجاق بېغىمىز چىن گۈللىدى،

ئۈچ پەرزەنتىڭ بولدى دوختۇر، ئارمىنىڭ تولۇنلىدى.

ئەمدى نەۋرەم بولسۇن دوكتۇر ۋە يەنە ئاكادېمىك،

دەپ باشلىدىڭ يېڭى ئەللەي، ئىرادەڭ تولۇملىدى.

ئانا قۇشسەن، مۇما قۇشسەن چۆرگىلەپ ھارمايدىغان،

نەۋرىلەرنىڭ غەلۋىسىنى ‹‹ئۈچ پەدە›› دەپ ئاڭلىغان.

بۇ جاھاندىن تېپىلارمۇ سەن كەبى يەنە بىرى

رايىش كېلىن، ئوڭلۇق خوتۇن، مېھرىبان ئانا بولغان.

دېدىم ئەسلەپ شۇ بەختىمنى دەۋرىمگە ئۇلاپ باغلاپ،

ئىپتىخارغا ئىمتىيازنى ئابى ساپ ھاۋا چاغلاپ.

كۈتكىنىڭنىڭ بەرى كەلدى، كەلگۈسى كەلسۇن يەنە

تىنچ، ئەمىن، ئىناقلىقنىڭ تۇرماقتا كۈيى ياڭراپ.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号