نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > ھېكايە

بىر تال پۇشتەك

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت12:23    كۆرۈش :  

جامېس بېدۋىن (ئامېرىكا)

 

    200 يىل بۇرۇن بوستوندا بىر كىچىك ئوغۇل بالا تۇراتتى. ئۇنىڭ يەتتە ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنىدە ئانىسى ئۇنىڭغا بىر نەچچە تەڭگە پۇل بەردى. ئۇ پارقىراپ تۇرغان تەڭگىلەرگە قاراپ ئانىسىدىن ‹‹ئانا، مەن بۇ پۇللارنى قانداق خەجلەيمەن؟›› دەپ سورىدى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆپ پۇل كۆرۈشى ئىدى.

 ــ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى سېتىۋالغىن، ــ دېدى ئانىسى.

 ــ خەجلەپ بولسام يەنە بېرەمسىز؟ ــ دېدى ئوغۇل.

 ــ ياق، ئەمدى بېرەلمەيمەن، شۇڭا بۇ پۇللارنى قالايمىقان خەجلىمىگىن، ــ دېدى ئانىسى بېشىنى چايقىغىنىچە.

 بالا كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقتى، يانچۇقىدىكى ھېلىقى نەچچە تال تەڭگە شاراقشىپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ بايۋەتچىگە ئوخشاپ قالغانىدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بوستون كىچىكلا بازار بولغاچقا، نەچچىلا دۇكان بار ئىدى. ئۇ كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا بېرىپ باقتى، لېكىن نېمە سېتىۋېلىشىنى بىلەلمىدى. ئۇ كەمپۈت يېيىشكە ئامراق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ 14 ئاكا، ئاچىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بولغاچقا، كەمپۈت سېتىۋالسا، ھەممەيلەنگە يەتمەيتى. ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك نامرات بولغاچقا، ئۇ ھازىرغىچە بىرەر تال ئويۇنچۇقمۇ ئويناپ باقمىغانىدى.

 ئۇ ئۇيان – بۇيان مېڭىپ يۈرگەندە تۇيۇقسىز يېقىملىق پۇشتەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە بېرىپ قارىدى، ئەسلىدە ئۆزىدىن چوڭراق بىر بالا پۇشتەك چېلىۋاتقان ئىدى.

 ــ مەن پۇشتىكىڭنى سېتىۋالاي دېگەن.

 ھېلىقى بالا ئۇنىڭغا قاراپ يەنە پۇشتىكىنى چېلىۋەردى، ئۇ پۇشتەكنىڭ ئاۋازى راستىنلا يېقىملىق ئىدى.

 مەندە نەچچە تال تەڭگە پۇل بار، ئۇ يانچۇقىدىن ھېلىقى تەڭگىلەرنى چىقىرىپ بالىغا كۆرسەتتى، ئەگەر پۇشتەكنى ماڭا بەرسەڭ، مەن پۇلۇمنى ساڭا بېرىمەن.

 ــ ھەممە پۇلنى بېرەمسەن؟

 ــ ھەئە، ھەممە پۇلنى بېرىمەن.

 ــ بولدى، پۈتۈشتۈق، ــ ھېلىقى بالا شۇنداق دېگىنىچە پۇشتەكنى بېرىپ، پۇلنى ئېلىپ كەتتى.

 ئوغۇل بەك خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇ پۇشتەكنى چالغىنىچە يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە قايتىپ كەلدى.

 ــ قاراڭ ئانا، مەن بىر تال پۇشتەك سېتىۋالدىم، ــ دېدى ئۇ.

 ــ قانچە پۇلغا سېتىۋالدىڭ؟

 ــ سىز بەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىگە سېتىۋالدىم.

 ــ نېمە! بەك قىممەتقۇ! ــ ئۇنىڭ ئاكىسى يېنىغا كېلىپ پۇشتەكنى كۆرۈپ دېدى، ــ بىر تەڭگىگە يارىغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كونا پۇشتەككەن.

 ــ سېنىڭ پۇلۇڭغا مۇشۇنداق پۇشتەكتىن ئوننى سېتىۋالغىلى بولاتتى، ــ دېدى ئانىسى.

 ئوغۇل داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆچ بولۇپ قالغان بۇ پۇشتەكنى تاشلىۋېتىپ يىغلىۋەتتى.

 ئانىسى مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا:

 ــ ھېچقىسى يوق بالام، سەن تېخى كىچىك، سەن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ، بىز تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئادەم ۋە ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز، سەن بۈگۈن سېتىۋالغان ساۋاق بۇ پۇشتەككە خەجلىگەن پۇلۇڭدىن قىممەت، ــ دېدى.

 ئوغۇل بۇ قېتىملىق ساۋاقنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، پىشىپ يېتىلدى. كېيىن ئۇ بىر ئۇلۇغ شەخسكە ئايلاندى. ئۇ دەل ئامېرىكىدا ‹‹مۇستەقىللىق خىتابنامىسى››نى يېزىشقا قاتناشقان ئالىم، سىياسىيون بېنجامىن فىرانكىلىن ئىدى.

 

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号