نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى > باش سۈرەت

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى 4 - ئايدا ئېچىش قارار قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ، سائەت15:42    كۆرۈش :  

يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى 4 - ئايدا ئېچىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان
 
 
 
 
 
 
 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号