نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى > باش سۈرەت

تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان ئېكولوگىيە ئېڭى يېتىلدۈرۈپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئىشىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ، سائەت18:26    كۆرۈش :  

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئۈچۈن تىكىلگىنى كۆچەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىدۇر. شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى تەبىئەتكە يېقىنلاشتۇرۇش، ئۇلارغا تەبىئەتنى چۈشەندۈرۈش، تەبىئەتنى قوغدىتىش ئارقىلىق تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان ئېكولوگىيە ئېڭى يېتىلدۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىش ھازىرقىلار كۆچەت تىكسە، كېيىنكىلەر مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇلۇغ ئىش بولۇپ، ئۇنى يىلمۇ يىل، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش كېرەك.

  3-ئايدا يەر-جاھان كۆكىرىشكە باشلىغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئاشقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونى جياڭتەي يېزىسىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىللە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شەرقىي 5-ئايلانما يول بىلەن يېقىن قوشنا بولغان كۆچەت تىكىش رايونىنىڭ كۆلىمى 200 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ يەر بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى كۆكەرتىپ ئايرىش بەلبېغى رايونى ئىدى. بۇ يەر ئەسلىدە جياڭتەي يېزىسى يۇڭجيا كەنتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، 2015-يىلى 10-ئايدا بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، يۇڭجيا كەنتى پۈتۈنلەي چېقىپ كۆچۈرۈلۈپ، بۇ يەر بوشىتىلىپ، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن.

  بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىپ، باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىدائىيلار، پىيونېرلار بىلەن بىللە كۆچەت تىكتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

 

مەنبەسى: خەلق تورى


باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号