نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى > باش سۈرەت

باي بازىرى تۇز بېشى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ 2017 –يىلدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىغا بولغان قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت11:49    كۆرۈش :  

  باي بازىرى تۇز بېشى كەنتىگە چۈشكەن ئۈچ ئەل خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئامما ئارسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ھەمدە ئەتىياز پەسلىدىكى دېھقانچىلىق دورىسىغا بولغان ئېھتىياجىنى تونۇپ يېتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلشىپ، 900 مو بۇغداينىڭ (8600.00  يۈەن) سەكىزمىڭ ئالتە يۈز يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق  دورىسى ۋە خېمىيۋى ئوغۇتنى ھەقسىز ھەل قىلىپ بەردى.

      دېھقان غېنى ياسىن تەسىرلەنگەن ھالدا ئۈچ ئەل خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى لىيۇ مۇدېرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، سىلەر بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ قىيىن، تەس بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار.  بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ھەر موسىدىن ئەسلىدىكىدىن  (50.00يۈەن)  ئەللىك يۈەن ئېشىشىغا پايدىسى بولدى.

 

    خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپ باشلىقى لىيۇ مۇدىر دېھقانغا مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ،ھەر قانداق قىيىنچىلىق بولسا كەنىت كومىتېتى ۋە ئۈچ ئەل خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئېيتىڭ، بىز ھەل قىلالىغۇدەكلا ئىش بولسا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىيىنچىلىقىڭىزنى چۇقۇم ھەل قىلىپ بېرىمىز دېدى.

    بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن قاتارلىق دېھقانلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇتۇپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 

 

 

باي بازىرى تۇزبېشى كەنتى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号