نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى > باش سۈرەت

باي ناھىيەسىنىڭ 2017-يىللىق كەسىپىي ماھارەت كۆرسىتىش ۋە ئەمگەك ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، سائەت17:07    كۆرۈش :  

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، 1-مارتئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، باي ناھىيسى 1-پەسىللىك كەسپىي ماھارەت كۇرىسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن باي ناھىيە قۇتاد شەھەرچىسى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا 2017-يىللىق كەسىپىي ماھارەت كۆرسىتىش ۋە ئەمگەك ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ناھىيلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش جاڭ چىن مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىگە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ مۇسابىقىدە كىيىم-كېچەك پىچىش-تىكىش، ھۆسىن تۈزەش ۋە چاچ ياساش، كەپشەرلەش، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش قاتارلىق 6 تۈر بويىچە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىلدى. ناھىيە ۋە يېزا-بازارلاردىن كەلگەن ساپاسى يۇقىرى ، ئىقتىدارى كۈچلۈك 101 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىر تۈركۈم ساپاسى يۇقىرى، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى كۈچلۈك كەسپىي تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار بارلىققا كېلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ كەسپىي ماھارەت، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ تەربىيلەش مېخانىزىمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، مۇلازىمەت سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 

 ئىگىللىنىشچە، باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇنىڭدىن كېيىن  كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيلەش خىزمىتى ئاساسىدا تەربىيلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

 

 

 

ئامانگۈل ياسىن خەۋىرى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号