نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى > بۈگۈنكى باي

<دوستۇم ئۈچۈن> دەپ تۆلەمگە قالغۇچى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ، سائەت03:36    كۆرۈش :  

2016-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا راخمان بىر قانچە دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇ مەسلىكتە ئۆيىگە قايتالماي، دوستى ئەركىنگە تېلفون ئۇرۇپ ئۆزىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن. ئەركىن راخمان مېنىڭ دوستۇم بولغاندىن كېيىن دەپ قاراپ ئۆزىنىڭ موتوسىكىلىتىنى مىنىپ، راخمانىنىڭ قېشىغا بېرىپ راخماننى موتوسىكىلىتنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ ماڭغان ، راخمانىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باراي دېگەندە ،يولدا قارىشى تەرەپتىن ياقۇپ ھەيدەپ كېلۋاتقان ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ كىتىپ، راخمان بىلەن ئەركىن زەخمىنلەنگەن. ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتى ياقۇپ بىلەن ئەركىن ھادىسسنىڭ ئوخشاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ ھادىسە ئېتراپنامىسى چىقارغان .ھادىسسىدىن كېيىن راخمان داۋالانغان بولسىمۇ ساقايماي 9-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن راخمان  دوستى ئەركىن بىلەن ياقۇپنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادى زىيانلىرى ئۈچۈن 132556يۈەننى تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنغان.

باي ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ دىلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىپ ،ياقۇپنىڭ ماشىنىسى  سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرلغان بولغاچقا سۇغۇرتا شىركىتى راخمانغا 79مىڭ يۈەنىنى تۆلەپ بېرىشكە، ئەركىننى راخماننىڭ زىيىنى ئۈچۈن 10مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرشكە كېلىشتۈردى .

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى .)

باي ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدىن: ماھىرە قادىر

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号