نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

«ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، سائەت19:17    كۆرۈش :  

«ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ھەممىمىز ئىسلاھاتتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر

ئىككى كۈندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى كادىر ـ ئامما مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئون قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنىڭ 1 ـ ۋە 2 ـ قىسمىنى كۆردى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق دىيىشتى: فىلىمنى كۆرۈپ تولىمۇ ئىلھاملاندۇق، روھىمىز ئۇرغۇپ تاشتى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ ئۆستى، ھەممىمىز ئسىلاھاتتىن مەنپەئەتلەنگۈچى.

7 ـ ئاينىڭ 17 ـ ۋە 18 ـ كۈنلىرى كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس فىلىمنىڭ 1 ـ قىسمى «دەۋرنىڭ سۇئالى» ۋە 2 ـ قىسمى «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش»نى كوللىكتىپ كۆرۈشكە تەشكىللىدى. كۆپچىلىك فىلىمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خەيبو مۇنداق دېدى: 1 ـ قىسىمنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، قورساق، كىيىم، تۇرالغۇ، سەپەر مەسىلىلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، مەدەنىي تۇرمۇشىمىز مول ھەم رەڭدارلاشتى. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىسلاھات خىزمىتىنى بىر ـ بىرلەپ ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پۇقتا ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنى خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ جۇڭپېڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش، ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، گۈللەندۈرۈپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختىيار كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۈر. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەپەككۇر قىلىپ، كۆپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان توسالغۇلارنى تۈرلۈك ئامال بىلەن يوقۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى، توغرا پايدىلىنىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

كۇچا ناھىيەسى بېھىشباغ يېزىسىنىڭ بوستان1 ـ كەنتىدىكى تەتىلگە كەلگەن ئوقۇغۇچى پاتىگۈل مىجىت مۇنداق دېدى: «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق مەخسۇس فىلىمنىڭ 1 ـ ۋە 2 ـ قىسمى ماڭا بەك تەسىر قىلدى، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ھەممىمىز ئىسلاھاتتىن مەنپەئەتلەنگۈچى، كەنتىمىزنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئاسفالىت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتى، ھەممە كىشى ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۋاتىدۇ، سىمسىز تور، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، ھەتتا يول چىراقلىرى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار ئورنىتىلدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر پىكاپ سېتىۋالدى، مەن ھازىرقى يېڭى يېزا تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مەن بىر ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەننى، يۇرت ـ ماكانىمنى گۈللەندۈرۈشكە بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمەن.

ئاقسۇ شەھىرى شياڭگېلىلا قوروسىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن جۇڭنيەن مۇنداق دېدى: ھەربىر جۇڭگو پۇقراسى ئىسلاھاتتىن نەپكە ئېرىشكۈچىدۇر، بىز ياشاۋاتقان بۇ شەھەرنى مىسالغا ئالساق، يوللار، يېشىللىق كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش سورۇنلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاسمان كۆك، يەر يېشىل، سۇلار سۈزۈك، ھاۋا ياخشى، كۈندىن كۈنگە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىمىز. بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشتۇر، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا، ھازىرقىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرى بولمىغان بولاتتى.

باي ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان 51 ياشلىق ئەخمەت ئاۋۇت مۇنداق دېدى: مەن يېڭى خىزمەتكە چىققاندا مائاشىم ئاران 40.7 يۈەن ئىدى، ئۇ چاغلاردا مال باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، بىر ئائىلە كىشلىرى تۇرمۇشىمىزنى ئاران قامداپ ئۆتەتتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، تۇرمۇشۇمدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر پېنسىيە مائاشىممۇ 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنى ئەينى چاغدىكى مائاشىم بىلەن سېلىشتۇرساق، 100 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. تۇرمۇش سەۋىيەمىز زور دەرىجىدە ئۆستى، ئوغلۇم ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. دۆلىتىمىز ئىسلاھات سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز نەدە تۇرۇپتۇ؟ مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى چىن دىلىمدىن ھىمايە قىلىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن!

باي ناھىيەسى باي بازىرىنىڭ شەھەرلىك مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، كۆپ ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت زالىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز ھەم قولايلىق بولغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇردۇق، ھازىر ئاھالىلەر مۇلازىمىتىمىزدىن ئىنتايىن رازى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号