نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە 2017 ـ يىللىق جىددىي سۇ تۇلۇقلاش بويىچە سۇ قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، سائەت19:27    كۆرۈش :  

ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە 2017 ـ يىللىق جىددىي سۇ تۇلۇقلاش بويىچە سۇ قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋىلايىتىمىز ئېكولوگىيەسىگە 240 مىليون كۇب مېتىر جىددى سۇ تولۇقلىنىدۇ

7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون ۋىلايىتىمىزدە ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە 2017 ـ يىللىق جىددىي سۇ تۇلۇقلاش بويىچە سۇ قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «2017 ـ يىللىق تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى نۇقتىلىق قوغداش رايونىغا جىددىي سۇ تولۇقلاپ تەڭشەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، بۇيىل ۋىلايىتىمىزگە 240 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ.

«كىلاپاننى ئېچىپ، سۇ باشلاڭلار!» شۇ كۈنى تارىم دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى توختى ئەخمەتنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ دەرياسى ئېقىنىدىكى غالىبىيەت ئۆستىڭىنىڭ 48 ـ نومۇرلۇق كىلاپانى ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، دەريا سۈيى ئوقتەك ئېتىلىپ، تۆۋەن ئېقىنغا قوشۇلدى، بۇ تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇيىللىق جىددىي سۇ تولۇقلاپ تەڭشەشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن شۇنداقلا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىدىكى كەڭ توغراقلىقنى ۋاقتىدا«سۇغىرىش»تىن دېرەك بېرىدۇ.

2016 ـ يىلى، ئاپتونوم رايون تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مارالبېشى، شايار، بۈگۈردىكى نۇقتىلىق توغراقلىقنى قوغداش رايونلىرى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا 937 مىليون كۇب مېتىر جىددىي سۇ تولۇقلاپ، قىسمەن جايلاردىكى قۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان توغراقلىقيېپىنچائۆسۈملۈكلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىش، توغراقنىڭ كۆكىرىش ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر توپى قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياخشى ئۇل سالغان ئىدى. بۇلتۇرقى ئېكولوگىيەگە سۇ تولۇقلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2017 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تارىم دەرياسى ئومۇمىي ئېقىمىغا بۇيىل 1 مىليارد 15 مىليون كۇب مېتىر جىددى سۇ تولۇقلاشنى قارار قىلغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايىتىمىزگە 240 مىليون كۇب سۇ تولۇقلىنىدۇ. تارىم دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ۋىلايىتىمىز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن بىرلىشىپ، « ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە 2017 ـ يىللىق جىددى سۇ تولۇقلاپ تەڭشەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايىتىمىز ئېكولوگىيەسىگە جىددىي سۇ تولۇقلاشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنى پىلانلىغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ دەرياسىدىن ئەشمە كۆلىگە 30 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ؛ خوتەن دەرياسى، زەرەپشان دەرياسىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق رايونىغا ئايرىم ـ ئايرىم 50 مىليون كۇب مېتىر ۋە 10 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ؛ تارىم دەرياسى غول ئېقىنى ئېكولوگىيە كىلاپانىدىن شايار ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق توغراقلىقنى قوغداش رايونى ۋە تارىم دەرياسى كونا ئېقىنى بويلىرىدىكى مىليون مولۇق توغراقلىققا 150 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ.

توختى ئەخمەت سۇ قويۇپ بېرىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى دېدى: ئېكولوگىيەگە جىددى سۇ تولۇقلاشنى يولغا قويۇش _ نۆۋەتتىكى توغراقلارنىڭ خارابلىشىش ۋە سۇلۇق يەرلەرنىڭ كىچىكلەپ كىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، ھەقىقىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ. سۇ قويۇپ بىرىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى _ ۋىلايىتىمىز ئېكولوگىيەسىگە جىددى سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېكولوگىيەگە جىددى كېرەكلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە بىز كەلكۈن مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، دەريا سۈيىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، پىلان بويىچە خەلق ئىگىلىكىگە كېرەكلىك سۇنى قاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېكولوگىيەگە جىددى كېرەكلىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش تەڭشىشىگە ئاساسەن، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە ئاقسۇ دەرياسىدىن ئەشمە كۆلىگە 30 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ، تولۇقلىنىدىغان سۇ ئۈچ ئېقىندىن قويۇپ بېرىلىدۇ، بىرىنچىسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي چوڭ كۆۋرۈكىدىكى سۇ تەقسىملەش تۈگۈنىدىن غالىبىيەت ئۆستىڭى، ئايكۆل غول ئۆستىڭى ئارقىلىق 6 ـ ، 7 ـ نومۇرلۇق كىلاپاندىن ئەشمە كۆلى رايونىدىكى سايلىق كۆلگە سۇ تولۇقلىنىدۇ؛ ئىككىنىچىسى، 8 ـ نومۇرلۇق كىلاپاندىن ئەشمە كۆلى رايونىدىكى خۇاڭگۇڭ كۆلىگە سۇ تولۇقلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، غالىبىيەت ئۆستىڭىنىڭ 48 ـ نومۇرلۇق كىلاپانىدىن ئەشمە كۆلى رايونىدىكى 1 ـ تۈەن خەيزى سۇلۇق يېرىگە سۇ تولۇقلىنىدۇ.

تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدۇ، كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي توغراقلىق تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن ۋادىلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئورمان كۆلىمى 15 مىليون مودىن ئاشىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيەسى ۋە جۇغراپىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016 ـ يىلى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 795 مىڭ مو توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ تۇلۇقلانغان. دۆلەتنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ، تۆۋەنكى ئېقىندىكى ئەسلىگە كەلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە ياخشىلانغان كۆلەم 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 854 كىۋادرات كىلومېتىر قۇملۇق ئازايغان.

تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۆمەرجان ئۇبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ھەسەنجان ئەخمەت، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر ئايمەت ۋە ئاپتونوم رايون ھەم ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۇ قويۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号