نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايىتىمىز دۆلەتنىڭ 260 مىليون يۈەن توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك مەخسۇس تۈر مەبلىقىگە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، سائەت12:01    كۆرۈش :  

مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىز دۆلەتنىڭ 260 مىليون يۈەن توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك مەخسۇس تۈر مەبلىقىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)، شايار ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى باغچا رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن، جەمئىي 11 تۈرگە چېتىلىدىكەن.

بۇ تۈركۈمدىكى مەخسۇس تۈر مەبلىقى ۋىلايىتىمىزدىكى «بىر شەھەرچە، ئۈچ باغچا» نىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، باغچا رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باغچا رايونلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

2010ـ يىلى ئاپتونوم رايون 12 ـ بەش يىللىق كەسىپ تەرەققىيات پىلانىدا «ئۈچ شەھەرچە، يەتتە باغچا، بىر مەركەز » قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى، ۋىلايىتىمىز ئەۋزەل پاختا بايلىقىغا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەركىزىي رايون بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپ كۆجۈملەشكەن رايون بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىدىكى تۇنجى شەھەرچە بەرپا قىلىشنى يادرو قىلىپ، ئەتراپىدىكى ناھىيە (شەھەر) لەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋىلايىتىمىزدە «بىر شەھەرچە، ئۈچ باغچا» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) نى «بىر شەھەرچە، ئۈچ باغچا» نىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.

ھازىرغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كچەك كارخانىلىرى 168 كە يېتىپ، 2 مىليون 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش، 2160 دانە تۈرلۈك توقۇش ماشىنىسى بولۇش، 33 مىليون دانە (يۈرۈش) ئائىلە توقۇلما بويۇمى ۋە كىيىم ـ كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە 1720 دانە پايپاق توقۇش ماشىنىسى بولۇشتەك كۆلەم شەكىللەندى. 2014 ـ يىلىدىن بۇيان تۇراقلىق مۈلۈككە جەمئىي 21 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 16 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، 13ـ بەش يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايىتىمىز 6 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئىگىرىش، 311 مىليون مېتىر رەخت توقۇش، 165 مىليون دانە (يۈرۈش) ئائىلە توقۇلما بويۇمى ۋە كىيىم ـ كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى شەكىللەندۈرۈپ، سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 40 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 150 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق 80 مىڭ ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号