نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ليۇ باۋشېڭ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدا مەخسۇس پارتىيە دەرسى ئۆتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، سائەت20:01    كۆرۈش :  

ليۇ باۋشېڭ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدا مەخسۇس پارتىيە دەرسى ئۆتتى

«تۆتنى تەكىتلەش، تۆت بولۇش»تىكى لاياقەتلىك پارتىيەلىك كادىر بولۇش كېرەك

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋشېڭ 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە دەرسى ئۆتكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشنى تۈپ تەلەپ قىلىپ، «تۆتنى تەكىتلەش، تۆت بولۇش»نى ئۆلچەم قىلىپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىيدا سەزگۈر ئادەم بولۇش كېرەك.

ليۇ باۋشېڭ «تۆت ئاڭ» نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئەتراپىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆتنى تەكىتلەش، تۆت بولۇش»تىكى لاياقەتلىك پارتىيەلىك كادىر بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك جانلىق چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتىكى تۆۋەن چېكىنى ئېنىق ئايرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولى ۋە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ گىپىنى قىلىپ، پارتىيەنىڭ غىمىنى يەپ، پارتىيەنى كۆزلەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غىمىنى يىيىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قوغداشنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق گۈزەل، باي ـ باياشاد، ئىناق ئاقسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلاش كېرەك. «تۆتنى تەكىتلەش، تۆت بولۇش»تىكى لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇشتا «تۆت ئاڭ»نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ ھەم مەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باشتىن ـ ئاخىر تۈپ سىياسىي تەلەپ ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت، ھەريەر، ھەممە ئىشتا «تۆتنى تەكىتلەش، تۆت بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ« ئۆلچەم» بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆلچەپ، بۇ«ئەينەك»تىن ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، روھىمىنى كۆتۈرۈپ، ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرىشىمىز لازىم.

ليۇ باۋشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىينى تەكىتلەپ، ئېتىقادچان بولۇشتا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باش نىشاننى ھەر ۋاقىت كۆزلەپ، باش نىشاننى ھەممە يەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتنى باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشاننى كۆزلەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ۋىلايىتىمىزدە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قائىدىنى تەكىتلەپ، ئىنتىزامچان بولۇشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رېئايە قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ، ھەربىر پارتىيەلىك كادىر سۆز ـ ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇپ ھەم چەكلەپ، كىچىك ئىشلاردا، دوست تۇتقاندا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، چاكىنا ئارزۇ ـ ھەۋەس ۋە ناچار ئادەتتىن يىراق تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى، دوستلار چەمبىرىكىنى پاكىزلاپ، ھېيىقىشنى بىلىش، تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قائىدىگە رىئايە قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەخلاقنى تەكىتلەپ، پەزىلەتلىك بولۇشتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە كەسپىي ئەخلاققا رېئايە قىلىپ، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە شەخسىي پەزىلىتىنى چىڭ ساقلىشى، بولۇپمۇ ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۆرىسى، پەرزەنتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ ئېنىرگىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئۈلگىسى، سەمىمىي ئادەتنىڭ باشلامچىسى، ئادىل، ھەققانىيلىكنىڭ قوغدىغۇچىسىدىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. تۆھپىنى تەكىتلەپ، نەتىجە قازىنىشتا قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، ئىشلەشكە، كۆزلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز ـ ھەرىكەت بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

ليۇ باۋشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرى پارتىيەلىك ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇڭا پارتىيەلىك كادىرلار «ئىقتىدارىدىن ۋەھىمە يىيىش»، «ئىش قىلىشنى بىلمەسلىك، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا ماھىر بولماسلىق»تەك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش جاسارىتىنى ساقلاپ، پارتىيەگە كىرگەندىكى ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، «جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىن ئىبارەت تۈپ مەقسىتىنى مەھكەم ئەستە تۇتۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كۆرەلەيدىغان، ھالقىلىق چاغلاردا ئورنىدىن دەس تۇرالايدىغان، خەتەرلىك پەيىتتە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن ئابدۇرېھىم، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئەنۋەر مۆمىن، سۈن يۈنچېڭ، دىلشات كېرەم ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە دەرسى ئاڭلىدى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号