نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاقسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت12:47    كۆرۈش :  

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاقسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى

ئىسلاھات سالمىقى زور، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىن 25 ـ كۈنىگىچە ئاقسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ۋە ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاقسۇدىكى مەزگىلدە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى جېنشېڭ باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، 10مىڭ مولۇق ئۈزۈم بازىسى، ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى، قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسپىي باغچىسى، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار باشقۇرۇش رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى، دۆلەت مۈلۈكى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قاتارلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئەمەلىي تەكشۈردى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق قارىدى: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىسلاھات سالمىقى زور بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان؛ مەخسۇس گۇرۇپپىلارنىڭ تەپەككۈرى ئېنىق بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەن؛ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى ماسلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ «ياخشى دورىسى». ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي، كونكرېت، چىڭ تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. مەخسۇس گۇرۇپپىلار ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە ئىسلاھاتتىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە يەكۈنلەپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ۋىلايەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يەتتە ساھەدىكى 107تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بېكىتتى. مەخسۇس گۇرۇپپىلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىلىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىنى بىرمۇ ـ بىر كونكرېتلاشتۇرۇپ ۋە تەقسىملەپ، ھەر بىر مەسئۇل ئورۇنغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئورۇنلار ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، تەپسىلىي، كونكرېت ئىسلاھات لايىھەسى ۋە تەدبىر، ئۇسۇللىرىنى تۈزۈپ، ئۇسۇل، قەدەم باسقۇچلىرى، ئىسلاھات يوللىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تۇتىدىغان، باشقۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئادەمنى ئېنىق بېكىتتى. شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى، يېزا ھۆددە يەرلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ پۇل قەرز ئېلىش ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش ئومۇمىي گەۋدىسى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قاتارلىق ۋىلايىتىمىز قاتلىمىدىكى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىدىن جەمئىي 17تۈرنى، ناھىيە(شەھەر) قاتلىمىدىكى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىدىن 45 تۈرنى بېكىتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت، ناھىيە(شەھەر) بېكىتكەن 62 ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىدىن 23 ى تاماملاندى، قالغان 39ى ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ.

ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، دېھقانچىلىق ئىدارىسى، ئاقسۇ گېزىتخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۆز كەسپى، ساھەسىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى دوكلات قىلدى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号