نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت13:10    كۆرۈش :  

7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدا قانات يايدۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىدە، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئەزالار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يۈ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قىممەتلىك ئىنقىلاپ تارىخىي ماتىرىياللىرى ئەينى چاغدىكى ئىنقىلابى ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىنقىلابى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كومپارتىيەنى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئىش ئورنۇمنى مەۋقە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ۋىلايەتلىك ئارخىپخانىغا بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ئىنقىلاپ تارىخى ماتىرىياللىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. كۆرگەزمە تاختايلىرى، ھۆججەت ماتېرىياللار ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتايىن جەلىب قىلدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىر بويىچە تارىخى سۈرەت، ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، تارىخى ۋەقەلەر ۋە شەخىسلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە سوئال سورىدى. لىن جىلۇ، خۇاڭ خوچىڭ، ۋاڭ جېن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئىش ـ پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار چۈشەندۈرگۈچىنى ئورىۋېلىپ، كۆرگەزمە تاختىسىنى ئەستايىدىل كۆردى ۋە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. كۆرگەزمە تاختىيىدا سۈرەت بىلەن چۈشەندۈرۈش ماتىرىياللىرىدىن باشقا، يەنە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىئانە توپلاپ ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقى، ئازاتلىقتىن كېيىن كۇچا ناھىيەسىدىكى خەلقنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا پۇل ئىئانە قىلغانلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىنقىلاب تارىخى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا ئائىت ھۆججەت ـ ماتېرىياللار بار ئىدى.

ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى بۇ قېتىم قانات يايدۇرغان دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاقسۇنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈچ چىقىرىمىز.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号