نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر چاقىرىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى 17 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت13:22    كۆرۈش :  

ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر چاقىرىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى 17 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.8 ئاشتى

مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىب قىلىش تۈرىدىن 258 نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 17 مىليارد 927 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون سىرتىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك 35 مىليارد يۈەنلىك نىشان ۋەزىپىنىڭ %51.2 نى تاماملاپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.8 ئاشۇرغان.

7ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى شايار ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى بىلەن شايار گۇاڭشېڭ رەختچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يىلىغا 60 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ۋە 20 مىليون مېتىر رەخت توقۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تۈرگە 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندىغان بولۇپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، 1 ـ قاراردا 38 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ۋە 5 مىليون مېتىر رەخت توقۇش ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، 11 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ؛ 2 ـ قاراردا 22 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ۋە 15 مىليون مېتىرلىق رەخت توقۇش ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، 2018 ـ يىلى 11 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ تۈر پۈتسە 500 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

7ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن شەندۇڭ خېڭرۈي لۈنتەي چەكلىك شىركىتى بالون ئىشلەپچىقىرىش تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى، ئامبار، ئىشخانا بىناسى، تۇرمۇش رايونى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھە، ئاپتوموبىل بالونى ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسى ۋە يۈرۈشلەشمە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىشنى پىلانلىدى، قۇرۇلۇش سۈرئىتى پىلانى بويىچە بۇ تۈر كېلەر يىلى 7 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ تۈر پۈتسە يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ بالون ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، پايدا بېجى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى 1000 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ماكانلىشىشى ۋىلايىتىمىز ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بالون ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، بۇ تۈر پۈتسە شىنجاڭ ھەتتا غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ بالون تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىب قىلىش خىزمىتىدە ۋىلايىتىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە 100 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «1ـ كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 ـ كەسىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، 3 ـ كەسىپنى چوڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەك ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىشنى، كەسىپ زەنجىرىگە سودىگەر چاقىرىش، يەرمەنكە ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، سودىگەر چاقىرىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىب قىلىش تۈرىدىن 54 نى ئىمزالىغان بولۇپ، تۈر ئىمزالاش سوممىسى 10 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يەتتى. ۋىلايەت ئەترەتكە بۆلىنىپ سودىگەر چاقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىگە تۆت قېتىم ئەترەت ئەۋەتىپ سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، 160 كارخانىنى كۆزدىن كۆچۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 22 كارخانا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بېكىتتى، 42 كارخانا ھەمكارلىشىش مۇددىئاسىنى، 50 كارخانا ئاقسۇغا كۆزدىن كۆچۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号