نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايەت نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 03 - كۈنى ، سائەت18:07    كۆرۈش :  

ۋىلايەت نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى

2015 ـ يىلدىن بۇيان جەمئىي 26 مىليون 780 مىڭ يۈەن مەخسۇس نەپىقە مەبلىغى تارقىتىپ، 2543 نەپىقە ئوبيېكىتىنى نەپكە ئېرىشتۈردى

 

ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك ئالاقىدار تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن ھال سوراش گۇرۇپپىسى 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئاقسۇ شەھىرى زىجىن گۈللۈكى قوروسىدىكى نەپىقە بىرىش ئوبيېكىتى سۇڭ ۋېنجۈننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، 55 ياشلىق سۇڭ ۋېنجۈن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

سۇڭ ۋېنجۈن ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ھەرئايدا ماڭا مېيىپلىق نەپىقە پۇلى بېرىدۇ، مەن كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلمايمەن، ھازىرقى تۇرمۇشىمدىن ئىنتايىن را زى.

سۇڭ ۋېنجۈن 1981 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 2002 ـ يىلى 1 ـ ئايغىچە بىڭتۈەن قوماندانلىق ئىشتابى 1 ـ شۆبە ئەترىتىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، 2000 ـ يىلى مەشىق جەريانىدا يارىلىنىپ، 6 ـ دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان. ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەردىكى بەلگىلىمدىن بەھرىمەن قىلغان. ھازىر سۇڭ ۋېنجۈن يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا قالماي، يەنە ھەر ئايدا 2074 يۈەن مېيىپلىق نەپىقە پۇلى ئالىدۇ.

سۇڭ ۋېنجۈن ۋىلايىتىمىزدىكى نەپىقە ئوبيېكىتلىرىنىڭ بىرى خالاس. مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنلەر، ئۇرۇشقا، يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يېزىلاردا تۇرىۋاتقان 60 ياشتىن ئاشقان يېزا نوپۇسلار شۇنداقلا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىق نەپىقە ئوبيېكىتلىرى ئىلگىرى دۆلىتىمىزگە زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ۋىلايەت ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەپىقە ئوبېكىتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، نەپىقە پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، نەپىقە ئوبېكىتلىرىنىڭ داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۇلارغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغان.

ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ۋىلايەت 2015 ـ يىلدىن بۇيان ئالاقىدار ئۆلچەم بويىچە جەمئىي 26 مىليون 789مىڭ يۈەن مەخسۇس نەپىقە مەبلىغى تارقىتىپ، بارلىق مەبلەغنى %100 ئەمەلىيلەشتۈرگەن. بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى جەمئىي 2543 نەپىقە ئېلىش ئوبيېكىتى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئچىدە قەرەللىك نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانﻼر659، يېزىلاردىكى ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار ۋە كېسەل سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر 1202، ئۇرۇشقا، يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر 272 شۇنداقلا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن يېشى 60 تىن ئاشقانيېزانوپۇس 410 ئىكەن.

ۋىلايەت نەپىقە بىرىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، نەپىقە بىرىش ئوبيېكىتلىرىنى ئالدىن بىلەن شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە پائال غەمخورلۇق قىلدى؛ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، نەپىقە تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەردى؛ داۋالىنىش جەھەتتە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەپىقە ئوبيېكىتلىرىنى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت ئورنى يوق نەپىقە بىرىش ئوبيېكىتلىرىنى بىر تۇتاش سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ قويدى؛ تۇرالغۇ جەھەتتە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەپىقە بىرىش ئوبيېكىتلىرىغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ئالدىن ئىجارىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ مەسلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىدى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号