نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانىدا جاراھەتلەرنى داۋالاش مەركىزى قۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت11:53    كۆرۈش :  

 پىراكتىكانت مەرزىيە ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە تۇنجى جاراھەت مەركىزى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىدا قۇرۇلدى، بۇ مەركەز بارلىق جاراھەت ئاغرىقلىرىنى ئەتراپلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى1 – دوختۇرخانىنىڭ جاراھەتلەرنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاراھەتلەرنى داۋالاش مەركىزى ئەندىزىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ناھايىتى ئومۇملاشقان، دۆلىتىمىزدىمۇ پەيدىنپەي قۇرۇلۇۋاتىدۇ. دوختۇرخانىمىزدا قۇرۇلغان جاراھەتلەرنى داۋالاش مەركىزى 1 يىلغا يېقىن سىناق تەرىقىسىدە نۇرغۇن ئاغرىقلارنى مەخسۇس داۋالاپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن قۇرۇلدى.

 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەيلى بۆلۈمگە ئايرىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىشتا بولسۇن، دوختۇرلار جاراھەت ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى قىسمىدا بولسا شۇنىڭغا قاراپ تۈرگە ئايرىيتتى. ئەگەر بىر ئاغرىقنىڭ جاراھىتى پۇت – قول، باش قىسىم، كۆكرەك قىسمىدا بولسا 3 بۆلۈم بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى، ئاغرىق 1 بۆلۈمدە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، باشقا بۆلۈمگە يۆتكىلىپ، قايتا ئوپېراتسىيە قىلىناتتى. تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرىدا ‹‹ئالتۇندەك بىر سائەت››ئۇقۇمى بار، چۈنكى جاراھەتلەنگەن ئاغرىقلار بولۇپمۇ بىرىكمە تىپلىق جاراھەتلەنگەن ئاغرىقلارنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇش، كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن %50ى 1 سائەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، جاراھەت ئاغرىقلىرى مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج. جاراھەتلەرنى داۋالاش مەركىزى قۇرۇلسا، ئوپېراتسىيە تەرتىپلىك بولىدۇ، ئاغرىقمۇ كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىش ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号