نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپ 6گە يەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت11:56    كۆرۈش :  

جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى 2017–يىلى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىنى يېڭىدىن ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپ بولۇپ تاللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئالتىنچى ئالىي مەكتەپ بولۇپ قالغان.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنى كۆپەيتىشنى 6 يىلدىن كېيىن يەنە بىر تەستىقلىشى ئىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹2017–يىلى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرىدىغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى رويخەتكە ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 54 ئالىي مەكتەپ مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ مەكتەپلەرنىڭ قاتارىغا كىرگەن. بۇ يىلدىن باشلاپ، بۇ مەكتەپتىكى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇيالىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

 دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشتا ئەنئەنىۋى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بېرىشتىن باشقا، يەنە ‹‹ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش››تىن ئىبارەت يەنە بىر يول بار. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ماگىستىر ئاسپىرانلىقتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپتىن 6سى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号