نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپتىن يەنە ئۈچى كۆپەيدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت11:59    كۆرۈش :  

ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 27-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا كۈنەس ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، قاراشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە خاراكتېرلىك ئادەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، دەپ نام بېرىلگەن.

 2016-يىلى نويابىردا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يۇقىرىقى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا باھالاش-ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بارغان ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۇلارغا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۈچ مەكتەپ مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ شەرتكە ئۇيغۇنلاشقان.  

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە خاراكتېرلىك ئادەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن جەمئىي 52 سى بار ئىكەن.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号