نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايەت رەھبەرلىرى ھېيىتتىن بۇرۇن تۇغقانلىرىنى يوقلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 06 - كۈنى ، سائەت16:23    كۆرۈش :  

 

قۇربان ھېيىت كېلىش ئالدىدا، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىىنىڭ باشلىقى جاۋ جۇڭۋېي 8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭئېرىق يېزىسىغا بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋە ئالاقىلىشىشنى ھۆددىگە ئالغان مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىدىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى.

 

جاۋ جۇڭۋېي ئالدى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ھۆددىگە ئالغان مەكتەپ يېڭئېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بۇ يىللىق خىزمەت پىكىر يولى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى شۇنداقلا بۇ يىل يېڭىدىن كەلگەن تۆت ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، مەكتەپنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

جاۋ جۇڭۋېي يېڭىدىن كەلگەن تۆت ئوقۇتقۇچىغا مۇنداق دېدى: مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ساپايىڭلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىشنى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقدارى دەپ بىلىپ، كېيىنكى ئىلگىرلەشكە پۇختا ئاساس سېلىشىڭلارنى، شۇنداقلا ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىڭلارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئارقىدىن جاۋ جۇڭۋېي قوشماقلاشقان تۇغقىنى مۇسا سۇلتاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ھال سورىدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسىراپ، كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىنى، ئەگەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا، دەرھال پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا ئىنكاس قىلىشنى تاپىلىدى.

 

جاۋ جۇڭۋېي مۇسا سۇلتاننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: سىز پارتىيەگە كىرگىلى 55  يىل بولغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. شۇڭا سىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتىسيە بىلدۈرۈپ، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号